سۇغۇرتا قانۇنى

سۇغۇرتا قانۇنى

1995-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى .

ئۇيغۇرچە نامى سۇغۇرتا قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国保险法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇغۇرتا قانۇنى(1995-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدىكى پۈتۈن بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغان، سۇغۇرتىچى توختامدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار، دەپ پۈتۈشكەن ھادىسە تۈپەيلىدىن مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە، زەخمىلىنىپ مېيىپ بولغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ياشقا كەلگەندە، مۆھلەت توشقاندا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سودا سۇغۇرتا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

4-ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئىختىيارىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت.

5-ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش ۋە لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

6-ماددا سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركەتلىرى بولۇشى شەرت. باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن چېگرا ئىچىدە سۇغۇرتىلىتىدىغانلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك.

8-ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرى كەسپىي ئىشلاردا ئادىل رىقابەتلىشىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. 

9-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

2-باب سۇغۇرتا توختامى 

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

10-ماددا سۇغۇرتا توختامى-سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى پۈتۈشكەن كېلىشىمدۇر. 

سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا توختامى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.

11-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، ئادىل بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈزۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سۇغۇرتىلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ باشقىلارنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا سۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولۇشى لازىم.

سۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولمىسا، سۇغۇرتا توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

سۇغۇرتا مەنپەئىتى-سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىدىكى قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ.

سۇغۇرتا نىشانى سۇغۇرتا ئوبيېكتى قىلىنغان مال-مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەنپەئەت ياكى ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋە تېنىنى كۆرسىتىدۇ. 

13-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلىشنى تەلەپ قىلىپ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلغان ھەمدە توختام ماددىلىرى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا سۇغۇرتا توختامى ۋوجۇدقا كېلىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى ھەمدە سۇغۇرتا تالونى ۋە باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتلىرىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن توختام مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.

سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا يازما كېلىشىم ئارقىلىق سۇغۇرتا توختامى تۈزسىمۇ بولىدۇ.

14-ماددا سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ؛ سۇغۇرتىچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

15-ماددا بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

17-ماددا سۇغۇرتا تۈزۈشتە سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە سۇغۇرتا نىشانى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈسە بولىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتىلاتقۇچى پاكىتنى قەستەن يوشۇرۇپ، ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتىلىشىغا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش-قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش-ئۆستۈرمەسلىكنى قارار قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ئادا قىلمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ.

سۇۇرتىلاتقۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساسلىق سەۋەبچى بولغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىدىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. 

سۇغۇرتىلاتقۇچى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن ئەينەن ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساسلىق سەۋەبچى بولغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرسا بولىدۇ. 

سۇغۇرتا ھادىسىسى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدىكى ھادىسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

18-ماددا سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ئائىت ماددىلار بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچىغا ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ، ئېنىق چۈشەندۈرمىسە، بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

19-ماددا سۇغۇرتا توختامى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) سۇغۇرتىچىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى، شۇنىڭدەك جىسمانىي سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتدارىنىڭ نامى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى؛ 

(3) سۇغۇرتا نىشانى؛

(4) سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى؛

(5) سۇغۇرتا مۇددىتى ۋە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛

(6) سۇغۇرتا قىممىتى؛ 

(7) سۇغۇرتا سوممىسى؛ 

(8) سۇغۇرتا ھەققى ۋە ھەق تاپشۇرۇش چارىسى؛

(9) سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش چارىسى؛ 

(10) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاش-تارتىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى؛

(11) توختام تۈزگەن يىل، ئاي، كۈن. 

20-ماددا سۇغۇرتىغا ئالدۇرغۇچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا توختامىدىكى ئىشلاردىن باشقا، سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا پۈتۈشسە بولىدۇ.

21-ماددا سۇغۇرتا توختامى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، سۇغۇرتا توختامىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىشتە، سۇغۇرتىچى ئەسلىي سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتىغا ئىزاھلاپ قويۇشى ياكى تەستىق قەغىزى قوشۇپ قويۇشى ۋە ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق يازما كېلىشىم تۈزۈشى لازىم.

22-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچى مال-مۈلۈك ياكى تېنى سۇغۇرتا توختامىدا كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى بولسا بولىدۇ.

مەنپەئەتدار جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتكەن سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى مەنپەئەتدار بولىدۇ.

23-ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا توختامىغا ئاساسەن، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بېكىتىشكە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللار مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

24-ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بېكىتىشى ھەمدە بېكىتىش نەتىجىسىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا ياتسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئون كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتا سوممىسى تۆلەش ياكى بېرىش مۆھلىتى پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشۈلگىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 

سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن سىرت، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىياننى تۆلىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ھوقۇقىنى چەكلىشىگىمۇ يول قويۇلمايدۇ. 

سۇغۇرتا سوممىسى-سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ يۇقىرى سوممىنى كۆرسىتىدۇ.

25-ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا ياتمىسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى رەت قىلغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ.

26-ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش ئىلتىماسىنى ۋە ئالاقىدار ئىسپات، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 60 كۈن ئىچىدە تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتەلمىسە، بار ئىسپات ۋە ماتېرىيالغا ئاساسەن بېكىتەلەيدىغان ئەڭ تۆۋەن سان بويىچە ئالدىن بېرىپ تۇرسا بولىدۇ. سۇغۇرتىچى تۆلەيدىغان ياكى بېرىلىدىغان سۇغۇرتا سوممىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، كېمىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

27-ماددا ئۆمۈر سوغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ.

ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ.

28-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بۇ قانۇننىڭ 65-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا ئايرىم بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا ھەققىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالاقىدار ئىسپات-ماتېرىيال ياكى باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ، ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرغانلىرى ياكى زىياننى كۆپتۈرگەنلىرىگە سۇغۇرتىچى ساختا مەلۇم قىلىنغان قىسىمىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالدىنقى ئۈچ تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى ياكى خىراجەت ئېلىۋالغانلار قايتۇرۇشى ياكى تۆلىشى كېرەك.

29-ماددا سۇغۇرتىچىنىڭ ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ بىر قىسمىنى پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش شەكلى بىلەن باشقا سۇغۇرتىچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قايتا سۇغۇرتىلاش ھېسابلىنىدۇ.

قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان جاۋابكارلىق ۋە ئەسلىدىكى سۇغۇرتىغا ئالاقىداار ئەھۋاللارنى قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 

30-ماددا قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ياكى مەنپەئەتدارنىڭ قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشىغا ياكى كېچىكتۈرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

31-ماددا سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار ئوتتۇرىسىدا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلار توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېىسىم ئورگىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا پايدىلىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك.

32-ماددا سۇغۇرتىچى ياكى قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدا بىلگەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى، مەنپەئەتدار ياكى قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ كەسىپ ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالى شۇنىڭدەك شەخسىيىتىگە دائىر مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

2-پاراگراف مال-مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى 

33-ماددا مال-مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى مال-مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەنپەئەتلەر سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتا توختامىدۇر. 

بۇ پارگرافتىكى مال-مۈلۈك سۇغۇرتا توختاملىرىنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەلىرىدىن باشقىلىرى قىسقارتىپ توختام دېيىلىدۇ.

34-ماددا سۇغۇرتا نىشانىنى ئۆتۈنۈشتە سۇغۇرتىچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، سۇغۇرتىچى داۋاملىق سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلسا، توختامنى توختامنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش كېرەك. لېكىن، يۈك ترانسىپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ئايرىم پۈتۈشكەن باشقا توختاملار بۇنىڭ سىرتىدا.

35-ماددا يۈك ترانسىپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ترانسىپورت ۋاستىلىرىنىڭ مۇساپە سۇغۇرتا توختامىدا، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن، توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ توختامنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

36-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. 

توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلاتقۇچىغا خەتەرلىك ئامىللارنى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش توغرىسىدا ۋاقتىدا يازما تەكلىپ بېرىدۇ. 

سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ. 

37-ماددا توختام كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئاشسا، سۇغۇرتىلانغۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

سۇغۇرتىلانغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتىچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

38-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە مۇناسىپ سۇغۇرتا ھەققىنى كۈن بويىچە ھېسابلاپ قايتۇرۇشى كېرەك: 

(1) سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى بېكىتىشتە ئالاقىدار ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپ-خەتىرى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولسا؛ 

(2) سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتى كۆرۈنەرلىك ئازايغان بولسا. 

39-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچىغا رەسمىيەت ھەققى بېرىشى، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن، توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۇغۇرتا ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرسا بولىدۇ. 

40-ماددا سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىنى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى پۈتۈشسە ھەمدە توختامغا يېزىپ قويسا بولىدۇ، سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن چاغدىكى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى بويىچە بېكىتسىمۇ بولىدۇ. 

سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. 

توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

41-ماددا تەكرار سۇغۇرتىلاتقۇچى تەكرار سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۇغۇرتىچىلارغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.

تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچىلار بېرىدىغان تۆلەم سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقا، سۇغۇرتىچى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا سوممىسى يىغىندىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

تەكرار سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر سۇغۇرتا نىشانى، بىر سۇغۇرتا مەنپەئىتى ۋە بىر سۇغۇرتا ھادىسىسى توغرىسىدا ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچى بىلەن توختام تۈزگەن سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.

42-ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، زىياندىن ساقلىنىش ياكى زىياننى ئازايتىش مەسئۇلىيىتى بار. 

سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدىغان سومما سۇغۇرتا نىشانى زىيىنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 

43-ماددا سۇغۇرتا نىشانىدا قىسمەن زىيان كۆرۈلسە، سۇغۇرتىچى تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، 30 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامنى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ؛ توختامدا ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىنى سۇغۇرتىچى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. سۇغۇرتىچى توختامنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچىغا 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان قىسمىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن توختام ئاخىرلاشتۇرۇلغان كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

44-ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولسا ھەمدە بەرگەن سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىگە باراۋەر كەلسە، زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ ھەممە ھوقۇقى سۇغۇرتىچىغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ قىسمەن ھوقۇقىغا سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئىگە بولىدۇ. 

45-ماددا سۇغۇرتا نىشانىغا 3-تەرەپ زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن سۇغۇرتا ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ 3-تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەن كۈندىن باشلاپ تۆلۈم سوممىسى دائىرىسىدە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى 3-تەرەپتىن زىيان تۆلىمى ئالغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلىگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپتىن ئالغان زىيان تۆلىمىنى مۇۋاپىق تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

سۇغۇرتىچىنىڭ 1-تارماق بويىچە تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ تۆلەم ئالمىغان قىسمى ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

46-ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 

سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، سۇغۇرتىچى ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىسە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تۆلەم پۇلىنى مۇۋاپىق تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. 

47-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقىلىرىدا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ.

48-ماددا سۇغۇرتىچى ۋاكالىتەن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى ئۈچىنچى تەرەپكە يۈرگۈزگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىنى زۆرۈر بولغانا ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە ئۆزى بىلىدىغان ئالاقىدار ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

49-ماددا سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى ۋە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسىنى ئېنىقلاش ۋە بېكىتىش ئۈچۈن چىقارغان زۆرۈر ھەم مۇراپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى كۆتۈرىدۇ.

50-ماددا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان سالسا، قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە، ئۈچىنچى تەرەپكە سۇغۇرتا سوممىسىنى بىۋاستە تۆلەپ بەرسە بولىدۇ.

جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى-سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ئالدىدا قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان تۆلەم جاۋابكارلىقى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ. 

51-ماددا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىدا ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈش سۇغۇرتا ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈستىدە كېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنسا ياكى دەۋا قىلىنسا، سۇغۇرتىلانغۇچى تۆلىگەن كېسىم ياكى دەۋا ھەققى باشقا زۆرۈر، مۇۋاپىق خىراجەتلەرنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ، توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

3-پاراگراف جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى

52-ماددا جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى-ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋە تېنى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتا توختامىدۇر. 

بۇ پاراگرافتىكى جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەنلىرىدىن باشقىلىرى قىسقارتىپ «توختام» دېيىلىدۇ. 

53-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى تۆۋەندىكى كىشىلەرنى سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ: 

(1) ئۆزى؛ 

(2) جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا-ئانىسى؛ 

(3) ئالدىنقى تارماقچىغا كىرگۈزۈلمىگەن، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن تەربىيىلەش، بېقىش ياكى قاراش مۇناسىۋىتى بولغان ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. 

ئالدىنقى تارماقچىدا بەلگىلەنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن توختام تۈزۈشىگە قوشۇلغان بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتىدىن مەنپەئەتلەندۈرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. 

54-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغان بولسا ھەمدە ئۇنىڭ ھەقىقىي يېشى توختامدا پۈتۈشكەن ياش چەكلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە رەسمىيەت ھەققى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكىنى بۇنىڭ سىرتىدا. 

سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغانلىقتىن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىنى كەم تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى تۈزىتىشكە ۋە كەم تاپشۇرغان ھەقنى تولۇقلىتىشقا ۋە ياكى سۇغۇرتا پۇلىنى ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەق بىلەن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقنىڭ نىسبىتى بويىچە بېرىشكە ھوقۇقلۇق. 

سۇغۇرتلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالان مەلۇم قىلغانلىقتىن، ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەققى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇغۇرتا ھەققىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى ئارتۇق ئالغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 

55-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرسا بولمايدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلىسمۇ بولمايدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، ئۆلگەندە بېرىلىدىغان پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

56-ماددا ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختاملاردىن سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقى ھەمدە ئېتراپ قىلىشىدىن ئۆتمىگەنلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام بويىچە بېرىلگەن سۇغۇرتا تالونىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ. 

ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 

57-ماددا توختام پۈتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققىنى بىر يولىلا تولۇق تاپشۇرۇۋەتسىمۇ ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە بۆلۈپ تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. 

سۇغۇرتا ھەققىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە بۆلۈپ تاپشۇرۇشتا، سۇغۇرتىلاتقۇچى توختام پۈتكەندە تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە قالغىنىنى ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرۇشى كېرەك. 

58-ماددا توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توختامدا سۇغۇرتا ھەققىنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى تۇنجى قېتىملىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈشۈلگەن قەرەلدىن 60 كۈن ئاشقان بولسىمۇ، شۇ قەرەلنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان بولسا، توختام كۈچكە ئىگە بولماي تۇرىدۇ ياكى سۇغۇرتىچى توختامدا بېكىتىلگەن شەرت بويىچە سۇغۇرتا سوممىسىنى ئازايتىدۇ. 

59-ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختام كۈچكە ئىگە بولماي تۇرسا، سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى كېڭىشىپ ھەمدە كلىشىم ھاسىل قىلىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، توختام كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن، توختام كۈچكە ئىگە بولماي تۇرغان كۈندىن تارتىپ ئىككى يىلغىچە ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماق بويىچە توختامنى بىكار قىلغاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنىگە قاراپ سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتى بويىچە قايتۇرىدۇ؛ سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىل تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى رەسمىيەت ھەققىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرىدۇ. 

60-ماددا سۇغۇرتىچى جىسمانىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن دەۋا يولى بىلەن تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. 

61-ماددا جىسمانىي سۇغۇرتا مەنپەئەتدارلىرى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتىدۇ.

سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى بېكىتىشتە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. 

سۇغۇرتىلانغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا، مەنپەئەتدارنى ئۇنىڭ ۋەسىيىسى بېكىتسە بولىدۇ.

62-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر كىشى ياكى بىر نەچچە كىشىنى مەنپەتدار قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ. 

مەنپەئەتدار بىر نەچچە كىشى بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتلىنىش تەرتىپى ياكى مەنپەئەتلىنىش ئۈلۈشىنى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ. مەنپەئەتلىنىش ئۈلۈشى بېكىتىلمىگەن بولسا، مەنپەئەتدارلار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

63-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ھەمدە سۇغۇرتىچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتىش يازما ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا تالونىغا ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك. 

سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارلارنى ئۆزگەرتىشتە سۇغۇرتىچىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. 

64-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سۇغۇرتا پۇلى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ۋارىسىغا سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) مەنپەئەتدارنى بېكىتمىگەن بولسا؛

(2) مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا مەنپەئەتدار چىقمىسا؛ (3) مەنپەئەتدار قانۇن بويىچە مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ ياكى ۋاز كېچىپ، باشقا مەنپەئەتدار چىقمسا. 

65-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنى قەستەن ئۆلتۈرۈپ قويغان، زەخمىلەندۈرگەن، مېيىپ قىلغان ياكى كېسەل قىلىپ قويغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنىگە قاراپ، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە باشقا مەنپەئەتدار سۇغۇرتا تالونىدىكى قىممىتى بويىچە نەق پۇل قايتۇرىدۇ. 

مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىنى قەستەن ئۆلتۈرۈپ ياكى مېيىپ قىلىپ قويغان بولسا ۋە ياكى قەستەن قاتىللىق قىلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسا، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. 

66-ماددا ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختامدا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈۋالغان بولسا مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىدا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتا تالونىغا ئاساسەن ئۇنىڭ نەق پۇل قىممىتى بويىچە قايتۇرىدۇ.

ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام پۈتكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل توشقاندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈۋالغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختام بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بەرسە بولىدۇ. 

67-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزى زەخمىلەنگەن، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تالونىدىكى قىممىتى بويىچە نەق پۇل قايتۇرىدۇ.

68-ماددا جىسمانىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىش، زەخمىلىنىش، مېيىپ بولۇش ياكى كېسەل بولۇش قاتارلىق سۇغۇرتا ھادىسلىرى كېلىپ چىقسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يەنىلا ئۈچىنچى تەرەپتىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

69-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى توختامنى بىكار قىلغاندا سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتا تالونىدىكى قىممىتى بويىچە نەق پۇل قايتۇرىدۇ؛ سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىل تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە رەسمىيەت ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ، سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرىدۇ. 

3-باب سۇغۇرتا شىركىتى 

70-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:

(1) پاي چەكلىك شىركىتى؛ 

(2) دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى. 

71-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت. 

72-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك: 

(1) مۇشۇ قانۇن ۋە شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن نىزامنامىسى بولۇش؛ (2) رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن بولۇش؛ 

(3) ۋەزىپە ئۆتەش كەسپىي بىلىمى ۋە كەسپىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛ 

(4) مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛ 

(5) تەلەپكە لايىق تىجارەت سورۇنى ۋە كەسىپكە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەرلىرى بولۇش. 

قۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەكشۈرگەندە، سۇغۇرتىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىشى لازىم. 

73-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشتا، رويخەتكە ئالدۇرۇلىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئەمەلىي تاپشۇرغان پۇل كاپىتالى بولۇشى شەرت. 

سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە، تىجارەت كۆلىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تەڭشىسە بولىدۇ، ئەمما 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەنلىتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

74-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك: 

(1) قۇرۇش ئىلتىماسى، ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، رويخەتتىكى كاپالىتى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ؛ 

(2) مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى؛

(3) سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت ماتېرىياللار. 

75-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى مۇشۇ قانۇن ۋە شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇشقا كىرىشىشى كېرەك. مۇشۇ قانۇننىڭ 72-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلار سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا رەسمىي ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ: 

(1) سۇغۇرتا شىركىتى نىزامنامىسى؛ 

(2) پايچېكلار رويخېتى ۋە ئۇلارنىڭ پېيى ياكى مەبلەغ چىقارغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ چىقىرىدىغان مەبلىغى؛ 

(3) شىركەت پېيىنىڭ %10 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن پايچېكلارنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى، ئىسپاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛ 

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ مەبلەغ تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتى؛ 

(5) ۋەزىپىگە قويۇلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە سالاھىيەت ئىسپاتى؛ 

(6) تىجارەت فاڭجېنى ۋە پىلانى؛

(7) تىجارەت سورۇنىغا ۋە كەسىپكە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەلەرگە ئائىت ماتېرىيالى؛ 

(8) سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار. 

76-ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش رەسمىي ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك. 

77-ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركىتى تەستىقلىغۇچى تارماقتىن سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئالىدۇ ھەمدە شۇ ئىجازەتنامە بىلەن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ. 

78-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە شىركەت قۇرۇشنى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن تىزىمغا ئالدۇرمىسا، سۇغۇرتا كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ.

79-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تىزىملاتقان ئومۇمىي كاپىتالنىڭ %20 بويىچە كاپالەت پۇلى ئاجرىتىپ، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن بانكىغا قويىدۇ، بۇنى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاشقا، قەرز قايتۇرۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

80-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شۆبە-تارماق ئاپپاراتلارنى قۇرۇشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىپ، شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار ئۈچۈن سۇغۇرتا ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت. 

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

81-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىنىڭ ئىچى-سىرتىدا ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇشنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى شەرت. 

82-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرىنى ئۆزگەرتىشنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىدۇ: 

(1) نامىنى ئۆزگەرتىش؛ 

(2) رويخەتتىكى كاپىتالنى ئۆزگەرتىش؛ 

(3) شىركەتنىڭ ياكى شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنىنى ئۆزگەرتىش؛ 

(4) كەسىپ دائىرىسىنى تەڭشەش؛ 

(5) شىركەتنى ئايرىش ياكى قوشۇۋېتىش؛ 

(6) شىركەت نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛ 

(7) مەبلەغ چىقارغۇچى ياكى قولىدا شىركەتنىڭ %10 ىدىن ئارتۇق پېيى بار پايچېكنى ئۆزگەرتىش؛ 

(8) سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار. 

سۇغۇرتا شىركىتى باش مۇدىر، باش دىرېكتورنى ئالماشتۇرۇشتا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.

83-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىغا شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

84-ماددا دۆلەت شېرىكسىز سۇغۇرتا شىركىتىدە نازارەتىچلىك ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، نازارەتچىلىك ھەيئىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. دۆلەت شېرىكسىز سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق فوندى ئېلىش، ئەڭ تۆۋەن تۆلەش ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى نىزامنامىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە شىركەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

85-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنى ئايرىش، قوشۇۋېتىش ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىگەن تارقىتىۋېتىش ئىشلىرى، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېسابات ئېنىقلايدۇ. 

ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى ئايرىشقا، قوشۇۋېتىشكە بولىدۇ، تارقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. 

86-ماددا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەرىپىدىن سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھېساباتنى ئېنىقلايدۇ. 

87-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قەرەلى توشقان قەرزنى تۆلىيەلمىسە، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى ۋايران بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە جاكارلايدۇ. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانسا، خەلق سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەشكىللەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلايدۇ.

88-ماددا ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويغان سۇغۇرتا شىركىتى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتا توختامى ۋە تەييارلىق فوندى، ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان باشقا سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى شەرت؛ باشقا شىركەتلەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بۇنى ئۆمۈر سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بۇنى ئۆمۈر سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى بېكىتىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۆمۈر سۇغۇرتا توختامى ۋە تەييارلىق فوندىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن قوبۇل قىلىشتا، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. 

89-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىدىن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىرىنىڭ مال-مۈلكىدىن ئالدى بىلەن ۋەيران بولۇش خىراجىتى تاپشۇرۇلىدۇ؛ ئاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۈزۈلىدۇ: 

(1) ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نېسى مائاشى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتا ھەققى؛ 

(2) تۆلىنىدىغان ياكى بېرىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلى؛ 

(3) نېسى باج؛ 

(4) شىركەت قەرزى. 

ۋەيران بولغۇچىنىڭ مال-مۈلكى بىر رەتتىكىلەرنىڭ تۆلەم تەلىپىگە يەتمىسە، نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. 

90-ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن كەسپىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە توختىتىلغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ. 

91-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش ۋە ھېساباتنى ئېنىقلاش ئىشلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە شىركەت قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

4-باب سۇغۇرتا تىجارەت قائىدىسى 

92-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسى: 

(1) مال-مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى، جۈملىدىن مال-مۈلۈك زىيىنى سۇغۇرتىسى، جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كەسپى؛

(2) جىسمانىي سۇغۇرتا كەسپى، جۈملىدىن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا كەسپى. 

بىر سۇغۇرتىچىنىڭ مال-مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى ۋە جىسمانىي سۇغۇرتا كەسپىنى تەڭ يولغا قويۇشىغا بولمايدۇ؛ لېكىن، مال-مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، قىسقا مۇددەتلىك ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى بېكىتىلگەن كەسىپ دائىرىسىدىلا سۇغۇرتا تىجارىتى قىلىدۇ. 

سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

93-ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بېكىتىشى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا كەسىپلىرىدە تۆۋەندىكى قايتا سۇغۇرتىلاش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ:

(1) پارچىلاپ سۇغۇرتىلىتىش؛ 

(2) پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش. 

94-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆلەم ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىلىرىنى ئېلىشى كېرەك. 

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىنى ئېلىشى ياكى ئاغدۇرۇش كونكرېت چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىدۇ.

95-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى بېكىتلمىگەن تۆلەم پۇلى تەييارلىق فوندىنى تەلەپ قىلىنغان سۇغۇرتا تۆلەم سوممىسى ياكى يېرىم سوممىسى بويىچە شۇنىڭدەك سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، تەلەپ قىلىنمىغان سۇغۇرتا تۆلىمى ياكى پۇلى بويىچە ئېلىشى كېرەك.

96-ماددا ئالدىنقى ئىككى ماددا بويىچە تەييارلىق فوندى ئاجرىتىۋېلىنغاندىن باشقا، سۇغۇرتا شىركىتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىىمە بويىچە جامائەت فوندى ئېلىشى كېرەك. 

97-ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇقىم تىجارىتىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە سۇغۇرتا كاپالەت فوندى ئېلىپ ئامانەت قويۇشى كېرەك. 

سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى يىغىپ باشقۇرۇش، بىر تۇتاش ئىشلىتىش كېرەك. 

سۇغۇرتا كاپالەت فوندىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىدۇ. 

98-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى كەسىپ كۆلىمىگە مۇناسىپ ئەڭ تۆۋەن تۆلەم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەمەلىي ئاكتىپتىن ئەمەلىي پاسسىپنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرق سوممىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ساندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ بەلگىلەنگەن ساندىن تۆۋەن بولغانلار كاپىتالنى كۆپەيتىشى، كېمىنى تولدۇرۇشى لازىم. 

99-ماددا مال-مۈلۈك سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ شۇ يىللىق قالدۇرۇق سۇغۇرتا ھەققى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كاپىتالى بىلەن جامائەت فوندى يىغىندىسىنىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

100-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھەر بىر خەۋپ-خەتەر بىرلىكى يەنە بىر قېتىملىق سۇغۇرتا ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ چوڭ زىيان دائىرىسىدىن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقى ئۆزىنىڭ كاپىتالى بىلەن جامائەت فوندى يىغىندىسىنىڭ %10 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قايتا سۇغۇرتىلىشى كېرەك. 

101-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى خەۋپ-خەتەر بىرلىكىنى ھېسابلاش چارىسى ۋە زور ئاپەت خەۋپ-خەتىرى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

102-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قايتا سۇغۇرتىلىشى كېرەك. 

103-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى قايتا سۇغۇرتىلىتىش كەسپىنى بېجىرىشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتىلىتىشى لازىم. 

104-ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدىكى سۇغۇرتا شىركىتىگە قايتا پارچىلاپ سۇغۇرتىلىتىش كەسپىنى يولغا قويۇشنى ياكى جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدىن قايتا پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش كەسپىنى قوبۇل قىلىشنى چەكلەش ۋە مەنئى قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

105-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى مەبلەغنى ئىشلىتىشتە، ئىشنى پۇختا قىلىشى، بىخەتەرلىك پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى ھەم مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. 

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىشى بانكىغا ئامانەت قويۇش، ھۆكۈمەت زايومى، پۇل مۇئامىلە زايومى سېتىۋېلىش-سېتىش شەكلى ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا مەبلەغ ئىشلىتىش شەكلى بىلەن چەكلىنىدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلىغىنى ئاكسىيە تىجارەت ئاپپاراتى قۇرۇش ۋە سۇغۇرتىچىلىقتىن باشقا كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئىشلىتىدىغان مەبلىغى ۋە كونكرېت تۈر مەبلىغىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىدا ئىگىلەيدىغان كونكرېت نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ. 

106-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: 

(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەتدارنى ئالداش؛ 

(2) سۇغۇرتىلاتقۇچىلاردىن سۇغۇرتا توختامىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھۋاللارنى يوشۇرۇش؛

(3) سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇش؛ 

(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا توختامدىكى بەلگىلىمىدىن سىرت ئۈستەك ياكى باشقا پايدا بېرىشكە ۋەدە بېرىش؛ 

(5) يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش. 

5-باب سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

107-ماددا جامائەت مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا تۈرى، قانۇن بويىچە مەجبۇرىي سۇغۇرتىلايدىغان سۇغۇرتا تۈرى ۋە يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئۆمۈر سۇغۇرتىسى تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىشى كېرەك. سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلاشتا، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ناتوغرا رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. تەستىقلاش دائىرىسى ۋە كونكرېت چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىدۇ. 

باشقا سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. 

108-ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تۆلەم ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۆلەم ئىقتىدارىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

109-ماددا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ ئەھۋالى، مالىيە ئەھۋالى ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە؛ سۇغۇرتا شىركىتىدىن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك يازما دوكلات ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

سۇغۇرتا شىركىتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ.

سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىكى ئامانەت پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 

110-ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن تۈرلۈك تەييارلىق فوندىلارنى ئېلىش ياكى ئاغدۇرۇشتا ياكى قايتا سۇغۇرتلىتىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ۋە ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مەبلەغ ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ: 

(1) تەييارلىق فوندىلارنى قانۇن بويىچە ئاجرىتىش ياكى ئاغدۇرۇپ بېرىش؛ 

(2) قانۇن بويىچە قايتا سۇغۇرتىلاش؛

(3) مەبلەغ ئىشلىتىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش؛

(4) مەسئۇل ۋە ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرىنى تەڭشەش.

111-ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلىىرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا كەسپىي خادىملىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ ۋە شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى بېكىتىپ، تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلات قۇرۇپ تەرتىپكە سالىدۇ. 

تەرتىپكە سېلىش قارارىغا تەرتىپكە سېلىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، تەرتىپكە سېلىش سەۋەبى، تەرتىپكە سېلىش تەشكىلاتى ۋە تەرتىپكە سېلىش مۆھلىتى يېزىش ھەمدە ئېلان چىقىرىش كېرەك. 

112-ماددا تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلات تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كۈندىلىك كەسپىي ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ھەم ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلاتنىڭ نازارەتچىلىكىدە يۈرگۈزىدۇ. 

113-ماددا تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى كەسىپلىرى داۋاملىشىۋېرىدۇ، لېكىن سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى يېڭى كەسىپنى يولغا قويغۇزماسلىققا ياكى قىسمەن كەسىپلەرنى توختىتىشقا، مەبلەغ ئىشلىتىشنى تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق. 

114-ماددا تەرتىپكە سېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىپ، نورمال تىجارەت ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا، تەرتىپكە سالغۇچى تەشكىلاتنىڭ دوكلاتى ۋە سۇغۇرتا نازارەت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن تەرتىپكە سېلىش ئاخىرلىشىدۇ.

115-ماددا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى خەۋپكە ئۇچراتقانلىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋالسا بولىدۇ. 

ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىگە زۆرۈر تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇغۇرتىغا ئېلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نورمال تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھەقدارلىق ۋە قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ. 

116-ماددا ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

117-ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۆھلەتنى ئۇزارتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. 

118-ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نورمال تىجارەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن بولسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. 

ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلات ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مال-مۈلكى قەرزىنى ئۈزۈشكە يەتمەيدۇ، دەپ قارىسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، شۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

119-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلىشىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، ئالدىنقى بىر يىللىق تىجارەت دوكلاتى، مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى ھەم ئالاقىدار مەلۇمات جەدۋەللىرىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يوللىشى ھەم قانۇن بويىچە ئېلان قىلىشى لازىم. 

120-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ھەر ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئالدىنقى بىر ئايلىق تىجارەت ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يوللىشى لازىم.

121-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېتىراپ قىلغان ئىنچىكە ھېسابات كەسپىي خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشى، ئىنچىكە ھېسابات دوكلات تۈزۈمىنى ئورنىتىشى شەرت. 

122-ماددا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تىجارەت دوكلاتى، مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى، ئىنچىكە ھېسابات دوكلاتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە باشقا ماتېرىياللىرى سۇغۇرتا كەسپىي خاتىرىسىگە ئەينەن خاتىرىلىنىشى شەرت، يالغان خاتىرىلەشكە، ئازدۇرۇش خاراكتېرىدە بايان قىلىشقا ۋە كۆپلەپ چۈشۈرۈپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 

123-ماددا سۇغۇرتىلىغۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان مۇستەقىل باھالىغۇچى ئاپپارات ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتكە ئىگە مۇتەخەسسىسلەرنى سۇغۇرتا ھادىسلىرىنى باھالاشقا ۋە بېكىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 

قانۇن بويىچە تەكلىپ قىلىنغان، سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالايدىغان ۋە بېكىتىدىغان ئاپپارات ۋە مۇتەخەسسىسلەر قانۇن بويىچە ئادىل ئىشلىشى كېرەك. قەستەن ياكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن سۇغۇرتىچىغا ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

قانۇن بويىچە تەكلىپ قىلىنغان، سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالايدىغان ۋە بېكىتىدىغان ئاپپارات ھەق ئېلىشتا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. 

124-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى كەسپىي تىجارىتىگە دائىر مۇكەممەل ھېسابات دەپتىرى، ئەسلىي دوكومېنت ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلىشى لازىم. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھېسابات دەپتىرى، ئەسلىي دوكومېنت ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش مۇددىتى سۇغۇرتا توختامى ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئون يىلدىن كەم بولمايدۇ.

6-باب سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سوغۇرتا ۋاستىچىسى

125-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى سۇغۇرتىچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سۇغۇرتىچىدىن ۋاكالەتچىلىك رەسمىيەت ھەققى ئالىدىغان ھەم سۇغۇرتا كەسپىنى سۇغۇرتىغا ئالغۇچى بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدە ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسنى كۆرسىتىدۇ. 

126-ماددا سۇغۇرتا ۋاستىچىسى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچىنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە ۋاستىچى بولىدىغان ھەم قانۇن بويىچە شېرىنكانە ئالىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. 

127-ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىگە سۇغۇرتا كەسپىنى بىجىرىشنى ھاۋالە قىلىشتا، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى بىلەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى تۈزۈشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە باشقا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە پۈتۈشۈۋېلىشى كېرەك. 

128-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ سۇغۇرتىچى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن سۇغۇرتىچى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ سۇغۇرتىچىغا ۋاكالىتەن سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىشتە، ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىن ھالقىش قىلمىشى كۆرۈلگەندە، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن، سۇغۇرتىچى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

129-ماددا ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشتە، شەخسىي سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچىنىڭ ھاۋالىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

130-ماددا سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدىكى خاتالىقى تۈپەيلىدىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا ۋاستىچىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

131-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى بىلەن سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: 

(1) سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداش؛ 

(2) سۇغۇرتا توختامىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھۋالنى يوشۇرۇش؛

(3) سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇش؛ 

(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا توختامىدا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا مەنپەئەت بېرىشكە ۋەدە بېرىش؛

(5) مەمۇرىي ھوقۇقى، ۋەزىپىسى ياكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچىنى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلاش، قىزىقتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشنى چەكلەش. 

132-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىغان ھەمدە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك ئىجازەتنامىسى ياكى ۋاستىچىلىك ئىجازەتنامىسى ئالغان، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان ھەم كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان ياكى كەسپىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولۇشى كېرەك.

133-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىسىنىڭ تىجارەت سورۇنى بولۇشى، ئۇلار مەخسۇس ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ۋاستىچىلىكىگە دائىر كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى ھەمدە سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

134-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك رەسمىيەت ھەققى ۋە ۋاستىچىنىڭ شېرىنكانىسى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاستىچىسىگىلا بېرىلىدۇ، باشقىلارغا بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. 

135-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ئۆز شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنى تىزىملاش دەپتىرى تۇتۇشى لازىم. 

136-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقىنى ياخشىلىشى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسىنى مەجبۇرىيىتىنى سەمىمىي ئادا قىلىشقا يېتەكلىشى، خىلاپ ھەرىكەتنى قىلىشقا كۈشكۈرتۈشكە، ئازدۇرۇشقا يول قويماسلىقى كېرەك.

137-ماددا بۇ قانۇننىڭ 109-، 119-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ. 

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

138-ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار تۆۋەندىكى قىلمىشىلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ 

(2) سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىسىمۇ، يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ 

(3) مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(4) سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشى قاتارلىقلارغا دائىر جىسمانىي سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ 

(5) سۇغۇرتا ھادىسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياكى باشقىلارنىڭ يالغان ئىسپات، ماتېرىيال ياكى باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى بېرىشىگە يول كۆرسىتىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ ۋە سېتىۋېلىپ ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرۇپ ياكى زىياننى كۆپتۈرۈپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش. 

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىڭ بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. 

139-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى سۇغۇرتا كەسپىدە سۇغۇرتا توختامىغا دائىر مۇھىم ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداپ ياكى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتا شىركىتىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 030 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان خادىملارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويىدۇ ياكى ئۇلارنى يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ. 

سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ ئەينەم نەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ياكى ئەينەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئازدۇرۇپ ۋە ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلىدىن قانۇنسىز ئۈستەك ياكى باشقا مەنپەئەت بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۇغۇرتا شىركىتىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويىدۇ ياكى ئۇنى يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ. 

140-ماددا سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ياكى سۇغۇرتا ۋاستىچىلىرىدىن كەسپىدە سۇغۇرتىچى، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنى ئالداپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك ئىجازەتنامىسى ۋە ۋاستىچىلىك ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

141-ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆلەم ئېلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

142-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى قۇرغانلار ياكى سودا سۇغۇرتا كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تاتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 200 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بىر مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

143-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ئىش دائىرىسىدىن ھالقىپ، بېكىتىلگەن سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنمىگەن كەسىپ بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە ۋە ئالغان سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكۈچە تۈزەتمىگەنلەر ياكى يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

144-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، نىزامنامىسى، رويخەتتىكى كاپىتالى، شىركەت ياكى شۆبە، تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنى قاتارلىقلارنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مەمۇرىي جەرىمانە قويىدۇ. 

145-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويسا، ئۇلارنى يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇسا ياكى ئۇلارنىڭ سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) كاپالەت پۇلىنى ئاجرىتىپ، ئامانەت قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى كاپالەت پۇلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلەر؛ 

(2) جاۋابكارلىق تەييارلىق فوندىلارنى ئاجرىتىش ياكى ئاغدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ۋە ياكى بېكىتىلمىگەن تۆلەم پۇلى تەييارلىق فوندىنى ئاجرىتىشتا، بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) سۇغۇرتا كاپالەت فوندى ۋ جامائەت فوندىنى ئاجرىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(4) قايتا سۇغۇرتىلىتىش كەسپىنى بېجىرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(5) سۇغۇرتا شىركىتى مەبلىغىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەنلەر؛

(6) شۆبە، تارماق ئاپپارات ياكى ۋاكالەت ئاپپاراتىنى تەستىقلاتماي قۇرغانلار؛

(7) ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىشنى تەستىقلاتمىغانلار؛ 

(8) تەستىقلىتىلىدىغان سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار. 

146-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) ئالاقىدار دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(2) ئەنگە ئالدۇرىدىغان سۇغۇرتا تۈرلىرىگە دائىر سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار. 

147-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ كەسىپ دائىرىسىگە چەك قويسا، يېڭى كەسىپنى يولغا قويماسلىققا بۇيرۇسا ياكى سۇغۇرتا كەسپىي ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ: 

(1) يالغان دوكلات، مەلۇمات جەدۋىلى، ھۆججەت ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنلەر؛ 

(2) قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشنى رەت قىلغانلار ياكى قانۇنغا دەخلى قىلغانلار. 

148-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ 

(2) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلگەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرتى بىلەن سۇغۇرتىلغانلار. 

149-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىك ئىجازەتنامىسى ياكى ۋاستىچىلىك ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، سۇغۇرتا ۋاكالەتچىلىكى ياكى ۋاستىچىلىكى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغانلارنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپارتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 010 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

150-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسىمۇ، جىنايەتكە توشمايدىغان قىلمىشتا بىۋاستە جاۋابكارلىقى بولغان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، ئۇلارنى قالدۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

151-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

152-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا شىركىتى قۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغانلارنىڭ قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلار ياكى سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى، سۇغۇرتا ۋاستىچىسى بولۇش شەرتىگە توشمايدىغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلار ۋە ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

153-ماددا دېڭىز سۇغۇرتىسىغا سودا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ دېڭىز سودا قانۇنىدا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

154-ماددا جۇڭگو چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى سۇغۇرتا شىركىتى، چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شېرىكسىز شۆبىلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

155-ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

156-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇغۇرتا شىركىتىدىن باشقا خاراكتېردىكى سۇغۇرتا تەشكىلاتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

157-ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىق قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىمىغانلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ھازىرلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ. 

158-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#