جىنسىي ئاجىزلىق
بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، جىنسىي ئەزانىڭ مىجەزى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بولۇشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق، باشقۇرغۇچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشى، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، جىنسىي ئەزانىڭ مىجەزى ئىسسىقلىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى، جىنسىي ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ياكى ئۇرۇقداننىڭ زەخىملىنىشى، ئىچىملىك-چېكىملىكلەرنىڭ تەسىرى، روھىي زەربە ۋە پىسخولوگىيەلىك توسالغۇلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: پەيدىنپەي ئېغىرلىشىپ بارىدىغان جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇسلىشىشى، رىغبەتنىڭ ئازىيىشى، لەززەتلىنىشنىڭ كەم بولۇشى، قوزغىلىشنىڭ بارا-بارا سۇسلىشىشى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: تاتلىق بادام مېغىزى 100 گىرام، سەۋزە ئۇرۇقى 20 گىرام، بۇقا چۈيىسىنىڭ قۇرۇتۇلغىنى 15 گىرام، پارپا، كۇچۇلا 10 گىرامدىن، ناۋات، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ناۋاتتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى سۇدا قاينىتىپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سوقۇلغان دورىلارنى سېلىپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
جىنسىي ئاجىزلىق بىمارلىرغا بولغان ئېغىر تەھدىت زادى نىمە؟
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.