پورتونوۋ شەھىرى
بېنىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى نوكوي قولتۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پورتونوۋپورتونوۋو تارىختا پورتونوۋو پادىشاھلىقىنىڭ مۇھىم جايى بولغان. 1752-يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى مۇھىم سودا ئورنى قىلغان. ھازىر كوتونو بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايغا ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى، پارلامېنت بىناسى، تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار جايلاشقان. شەھەردە ياغاچچىلىق، ماي چىقىىش، يېمەك-ئىچمەك، سوپۇن ئىشلەش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. تۆمۈريول ئارقىلىق سىرتقى پورتى كوتونو بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كوتونو ئارقىلىق پالما مېغىزى، پالما يېغى، كوفې، پاختا قاتارلىق زىرائەتلەر ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا نېفىت زاپىسى مول.
پورتونوۋ سۇ ئۈستىكى كەنت ، كۆپكۆك ئاسمان ، ئاپئاق بۇلۇتلار، مەنزىرىسى ئالاھىدە گۈزەللىشىپ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ ، كىشىلەر ئۇنى « ئافرىققدىكى ۋېنىتسىيە شەھىرى » دەپ ئاتىشىىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.