- غەلىتە تاش جىلغىسى (بورتالادىكى قويتاش جىلغىسى)
- غەلىتە تاش جىلغىسى ()
غەلىتە تاش جىلغىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قويتاش جىلغىسىغەلىتە تاش جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى يەرلىكتىكى قازاق چارۋىچى خەلقى ‹‹قويتاس›› دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، « قوي بېشى شەكلىدىكى تاشلار» دېگەن مەنىدە، بۇ يەر تاش شەكىللىرىنىڭ غەيرىلىكى بىلەن داڭلىق.
غەلىتە تاش جىلغىسى مەنزىرە رايونى شىنجاڭ بۆرتالا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 48 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 230 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 780 مېتىردىن 1350 مېتىرغىچە بولۇپ، شەرقتىن غەرىبكە 18 كىلومېتىرغا سوزۇلغان، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 13 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭرى يېرى تەخمىنەن 22 كىلومېتىر كېلىدۇ. غەلىتە تاش جىلغىسى مەنزىرە رايونى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى غەيرى تاش توپى مەركەزلەشكەن ئەڭ چوڭ رايوننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. غەلىتە تاش جىلغىسى ياۋرۇ ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈكىدىكى تۇنجى ئۆتەڭ ئالاتاۋ ئېغىزىغا يېقىن جايدا بولۇپ، ئالاتاۋ بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 26 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېبنۇر كۆلى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كىلىدۇ.[1]
قويتاش جىلغىسى _ تاشلار گۇرۇپپىسىدىن ھەر خىل ئەگرى-بۈگرى ياي شەكىل ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ غەربىي شەكىلدىكى قىيا تاشلار مىليون يىللاردىن بۇيانقى تەبىئەت ھادىسىسىدىن ئاستا-ئاستا شەكىللەنگەن. ‹‹ ئىتنىڭ ئايغا قارىشى ››، ‹‹ تاش مايمۇن ئانا ››، ‹‹ پىلنىڭ سۇ ئوينىشى ›› غا ئوخشاش ھەر خىل شەكىلدىكى قىيا تاشلار توپى بۇ يەرنىڭ سېھىرلىك تۈسىنى قۇيۇلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. قويتاش جىلغىسى خاس تاشلىق جىلغا ئەمەس، ئېقىن بويلاپ ئۆسكەن قارىقات، جىغانلار، يوغان-يوغان ياپىلاق تاشلار ئاستىدىن ئۆسۈپ چىققان تاغ ئۆسۈملۈكلىرى پۈتكۈل جىلغىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن.
غەلىتە تاش جىلغىسى مەنزىرىسى ئالاھىدە گېئولوگىيە، جۇغراپىيىلىك شارائىت ئاستىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ماگما جىنس تۆشۈك مەنزىرە ھاسىل قىلغان يەر شەكلى. مەنزىرە تاغ جىنسلىرى پورفىرلىق گرانىت جىنستىن، نەچچە مىليون يىللار ئارقىلىق شامال پۈۋلەپ، سوليارىزاتسىيە، يامغۇر، قۇم چىرىش بۈگۈنكى بۇ خىل يەر قىياپىتى شەكىللەندى. قىممەتكە ئىگە تەبىئىي مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن يۈز مىڭدىن ئارتۇقى بار، دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەندىن ئۈچى بار، جانلاندۇرۇپ كۆرسىتىلگەن مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن : ئاسماندىن كەلگەن مېھمان، چىڭلۇڭتەن ساھىلى، سانغۇن تېشى، تاش ئادەم؛ نەرسىلەشتۈرۈش مەنزىرە نۇقتىسىدىن : قارىغۇجا دۈم ھالەتتە تۇرۇغان شىكار، بۇددا ئىلاھىنىڭ تاشپاقا ئىزدەشى، پىل سۇ ئىچىشى، تاش مايمۇننى قوغداش، ياتقان تۆگىنى ئەسلەپ ئۆتۈش، يولۋاستەك ھۆركىرەيدىغان تاش، شاتۇتى تاش، يەنە مەسىلەن، قەدىمىي قەلئەلەر. غەلىتە تاش جىلغىسى ئاستىنقى تاش دەرياسى بويىدا ، چاتقاللىق ئورمىنى ئۆسىدۇ، ئېرىق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، كۆل سازلىقلىرى راۋان بولۇپ، يەنە چوڭ - كىچىك شارقىراتما قانچە جايدا قەدىمكى قىيا تاش رەسىملىرى نەچچە پارچە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.