بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

جۇخارگۈل

جۇخارگۈل

جۇخارگۈل (سەبدەگۈل) نىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، قىرو-سوغۇقلاردىن قورقمايدۇ؛ گۈزەل ھەم خىلمۇخىل، ناھايىتى ھۇزۇرلىنارلىق؛ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي روھىنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، جۇخارگۈل مېيخۇا گۈلى، كەترەن، بامبۇكلار بىلەن بىللە «تۆت ئېسىلزادە» دېيىلىدۇ.

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى يوللانغان

نەرگىس گۈلى

نەرگىس گۈلى

 كۆپ گۈللۈك نەرگىس گۈلى بىر خىل ئۆزگەرگەن تۈرى — تاشسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 09-كۈنى يوللانغان

قومۇش پۆپۈكى

قومۇش پۆپۈكى

قومۇش پۆپۈكى جۇڭيى دورىسىنىڭ بىر خىل ئاتىلىشى. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك گۈل. كۈزدە يىغۋېلىنىدۇ، قاقلاپ قۇرىتىلىدۇ. دەريا، كۆلچەك قىرغىقىدىكى تېيىز سۇلاردا ئۆسىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان. 

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى يوللانغان

زەرنەپ دەرىخى

زەرنەپ دەرىخى

زەرنەپ دەرىخىنىڭ پۈتۈن بەدىنى گۆھەر، ئېگىزلىكى 52 مېتىر كېلىدۇ، دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق دەرەخ تۈرى بولۇپ، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تەبىئىي قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان راكقا قارشى ئۆسۈملۈك، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك، ھوزۇرلىنىش ۋە دورىلىق قىممىتى زور بولغان ئەتىۋارلىق دەرەخ تۈرى. 

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان

قىزىل شەمشاد

قىزىل شەمشاد

قىزىل شەمشاد، يەنە بىر ئىسمى دېڭىز قىرغىقى قىزىل شەمشادى، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان قىزىل شەمشاد، شىمالىي ئامېرىكا قىزىل شەمشادى، كالىفورنىيە قىزىل شەمشادى دىگەن ناملىرىمۇ بار. قىزىل شەمشاد ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىش...

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان

ئېگىز تاغ بۆلجۈرگىنى

ئېگىز تاغ بۆلجۈرگىنى

ئېگىز تاغ بۆلجۈرگىنى، جۇڭيى دورا نامى. ئېگىزتاغ بۆلجۈرگىنى ئازغان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ پېلىكىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى. ئۆپكە سىلى، زەخىملىنىپ قاناشنى، يارا بېسىپ كېتىپ ئىششىپ ئاغرىشنى، ھۆللۈك يارىدىن يىرىڭ ئېقىشنى داۋالاشقا دائىم ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2017-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان

ھەشقىپىچەك

ھەشقىپىچەك

ھەشقىپىچەك يۆگىمەچ گۈللۈكلەر ئائىلىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق يۆگىمەچلىشىپ ئۆسىدىغان، ھەشقىپىچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ. غوزا مېۋىسى شار شەكلىدە، ئۇرۇقى تۇخۇمسىمان قىرلىق، قارا ياكى ئاق رەڭلىك، سىلىق، تۈكسىز بولىدۇ. پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان

تاۋۇز

تاۋۇز

تاۋۇز كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، تاۋۇزغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان يېيىلىدۇ، گۈلى سۇس سېرىق، مېۋىسى چوڭ تىپتىكى شىرنمىلىك مېۋە بولۇپ، شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شۆپۈكى، شاپىقىنىڭ ئېقى، شورى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا    بۇ يازما 2017-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۈنى يوللانغان

كۆركۈندە گۈلى

كۆركۈندە گۈلى

كۆركۈندە گۈلى، جۇڭگو، سىبىرىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ، نۇر يېتەرلىك يېرىم تەسكەي مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر قەدەر سوغۇققا چىداملىق.

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2017-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك

قارا تۈكلۈك ئۇلۇغ بامبۇك يۈننەندىكى شىشۇاڭبەننا غا تارقالغان، شياڭگاڭدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېگىزلىكى 8 ~ 15 مېتىر، دىئامېتىرى 4 ~ 10 سانتىمېتىر، ئۇچ تەرىپى ئۇزۇن، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، تۈۋى زور، بۇغۇم ئارلىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 36-46 سانتىمېتىر، يېشىل، سۇس سېرىق رەڭلىك تىك يوللۇق سىزىقچىلار بار.

تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر    بۇ يازما 2017-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى يوللانغان