گىلاس دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. گىلاس ()
  2. گىلاس (خام دورا)
گىلاس

گىلاس ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ ئاق، مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل، چۈچۈمەل، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى قاتتىق، سايمانلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گىلاس
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئەتىرگۇل ئائىلىسى
تۈرى گىلاس تۈرى
خەنزۇچە ئىسمى 樱桃
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئەتىرگۈل تۇركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى گىلاس ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Cerasus pseudocerasus G. Don

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گىلاس يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ ئاق، مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل، چۈچۈمەل مېۋە. 

ئاچچىق گىلاس، چاتقال گىلاس، يۈرەكسىمان گىلاس، ياۋا گىلاس، ياۋا قارا گىلاس،  ياغىچى ياۋا قارا گىلاس، ياۋا ئاچچىق گىلاس، 

قوقەن گىلاس، قارا گىلاس قاتارلىق تۈرلىرى بار. 

قارا گىلاس

قارا گىلاسئىلى رايۇنىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋە شەكلى يۇمىلاق ، پوستى ئوتتۇراھال قېلىن ، رەڭگى توق بېغىرەڭ ، ئېتى يۇمشاق ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىقى ، ئوتتۇراھال ، سۇلۇق ، شىرنىلىك ، خۇشنۇي پۇراقلىق ، ئۇرۇقچىسى چوڭ ، ئېتى ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ .

ئىلى رايۇنىدا 8 - ئايدا پىشىدۇ .

قوقەن گىلاس

قوقەن گىلاسئىلى رايۇنىدا كۆپرەك تارقالغان ، دەرەخ غولى كۈل رەڭ ، تۆشۈكچىلىرى چوڭ ، يوپۇرمىقى تەتۇر ، تۇخۇم شەكلىدە ، ئۇزۇنلۇقى 13.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 7 سانتىمېتىر ، مېۋە شەكلى ياپىلاقسىمان يۇمىلاق ، مايسەن ئۆرۈك چوڭلۇقىدا ، ئەسلى رەڭگى سېرىق بولۇپ ،ئاپتاپ تەگكەن تەرىپى قىزىرىدۇ ، ئېتى يۇمشاق ، چۈرۈك ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق ، شىرنىسى ئوتتۇراھال ،سۇلۇقراق كېلىدۇ. بۇ سورت ئىلى رايۇنىدا 5 -ئاينىڭ ئاخىرى 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ. 

ياۋا گىلاس

ياۋا گىلاسقورغاس ناھىيىسى غەربىي تەڭرىتېغى تارباغايتايدىكى تاغلاردا بىر ئەسىر بولغان ياۋا گىلاس دەرەخلىرى بار، ئۇ چاتقال بولۇپ ئېگىزلىكى 2 -3 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ شاخچىلىرى كۈل رەڭ ، يوپۇرماقلىرى تەتۇر تۇخۇم شەكلىدە، قىزىل 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ .

گىلاسگىلاس دەرىخى ئالۇچا ، ئالگرات كۆچەتلىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ ، 4 -5 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ ، 20 -30 يىل ياشايدۇ . 

گىلاس دەرىخىنىڭ تۇپراق ۋە ئىخلىمغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ ، سېغىز تۇپراقلىق ، قاتتىق يەرلەردە ياخشى راۋاجلىنىدۇ . 

سۇنى ئانچە خالىمايدۇ ، سۇ بەك جىق بولۇپ كەتسە يېلىمى ئېقىش ، چېچەك ۋە مېۋە تۆكۈلۈش كۆپ بولىدۇ ، دەرىخى ئاجىزلايدۇ . 

ئىلى ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، خوتەن كورلا رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#