- گىلاس ()
- گىلاس (خام دورا)
گىلاس
گىلاس ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ ئاق، مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل، چۈچۈمەل، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى قاتتىق، سايمانلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گىلاس يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ ئاق، مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل، چۈچۈمەل مېۋە.
ئاچچىق گىلاس، چاتقال گىلاس، يۈرەكسىمان گىلاس، ياۋا گىلاس، ياۋا قارا گىلاس، ياغىچى ياۋا قارا گىلاس، ياۋا ئاچچىق گىلاس،
قوقەن گىلاس، قارا گىلاس قاتارلىق تۈرلىرى بار.
قوقەن گىلاس
قوقەن گىلاسئىلى رايۇنىدا كۆپرەك تارقالغان ، دەرەخ غولى كۈل رەڭ ، تۆشۈكچىلىرى چوڭ ، يوپۇرمىقى تەتۇر ، تۇخۇم شەكلىدە ، ئۇزۇنلۇقى 13.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 7 سانتىمېتىر ، مېۋە شەكلى ياپىلاقسىمان يۇمىلاق ، مايسەن ئۆرۈك چوڭلۇقىدا ، ئەسلى رەڭگى سېرىق بولۇپ ،ئاپتاپ تەگكەن تەرىپى قىزىرىدۇ ، ئېتى يۇمشاق ، چۈرۈك ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق ، شىرنىسى ئوتتۇراھال ،سۇلۇقراق كېلىدۇ. بۇ سورت ئىلى رايۇنىدا 5 -ئاينىڭ ئاخىرى 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ.
گىلاس دەرىخى ئالۇچا ، ئالگرات كۆچەتلىرىگە ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ ، 4 -5 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ ، 20 -30 يىل ياشايدۇ .
گىلاس دەرىخىنىڭ تۇپراق ۋە ئىخلىمغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ ، سېغىز تۇپراقلىق ، قاتتىق يەرلەردە ياخشى راۋاجلىنىدۇ .
سۇنى ئانچە خالىمايدۇ ، سۇ بەك جىق بولۇپ كەتسە يېلىمى ئېقىش ، چېچەك ۋە مېۋە تۆكۈلۈش كۆپ بولىدۇ ، دەرىخى ئاجىزلايدۇ .
ئىلى ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، خوتەن كورلا رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . [1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.