كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى

تىل-ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى كۆرسىتىدىغان رۇجەك، تەپەككۇر دۇنياسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. يېزىق بولسا تىلنى خاتىرىلەيدىغان بەلگە. تارىختىن بۇيان ئىنسانلار مانا شۇ تىل-يېزىقنى قورال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى خاتىرىلەپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن  ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەت دەۋرلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئىنسانلار تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىتىل-ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى كۆرسىتىدىغان رۇجەك، تەپەككۇر دۇنياسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ. يېزىق بولسا تىلنى خاتىرىلەيدىغان بەلگە. تارىختىن بۇيان ئىنسانلار مانا شۇ تىل-يېزىقنى قورال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى خاتىرىلەپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن  ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەت دەۋرلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئىنسانلار تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى.

بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرى ئىنسانلارنى يېزىقنى ئاساس ۋاسىتە قىلغان يېزىقلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش دەۋرىدىن، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تىلىنى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرىگە ئېلىپ كىردى. ۋاقىت ئىسترېلكىسى 2014-يىلنى كۆرسەتكەندە، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى 32 يىللىق ئېغىر تولغاقتىن كېيىن، ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىشتىكى نەتىجىلەر ئاساسىدا، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس  يارىتىپ بەردى.

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش-ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش (سىنتېزلاش) تېخنىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ئالدىنقىسى ئۇيغۇرچە ئاۋازلارنى كومپيۇتېر تونۇيدىغان شەكىلدە كومپيۇتېرغا تونۇتۇشنى ۋە بۇنى بىرتەرەپ قىلىپ ساقلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، كېيىنكىسى يېزىق ھالەتتە كومپيۇتېردا ساقلانغان پارچە ھالەتتىكى كومپيۇتېردا ساقلانغان ئاۋاز ئېلېمېنتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئادەملەر ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈر ئۆزئارا بىرلەشكەندە ئاندىن كومپيۇتېردا تەبىئىي تىل بىرتەرەپ قىلىش، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان بولىدۇ.

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىئىنسانلار ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىشى بىلەن تارىختىن بۇيان تەبىئەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا، ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ماددىي نەرسىلەرگە يېزىپ ساقلاش ۋە ئاغزاكى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش باسقۇچىدىن، ئېلېكتىر-ماگنىت مەيدانلىرىنى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سورۇنى، 0 ۋە 1 نى خاتىرىلەش بەلگىسى قىلغان، كومپيۇتېر ۋە ئالاقە تېخنىكىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كېلىشىدىن ئاپىرىدە بولغان، ئىنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت ئۇچۇر تارقىتىش سورۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئىنسانلار دەسلەپ ئىنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سورۇنىغا قەدەم باسقاندا، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە يەنىلا ھەرپ-بەلگىلەرنى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىشتىكى بىردىنبىر كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، سىمسىز ئىنتېرنېت تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە كۆپ مۇھىت تېخنىكىلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتكۈل دۇنيادا ھەرقايسى مىللەت تىللىرىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىل تەجرىبە خانىسىدىكى Davis  قاتارلىق تەتقىقاتچىلار 1952-يىلى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ 10 دانە ئىنگلىزچە ساننى تەلەپپۇز قىلالايدىغان تەجرىبە سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1960-يىلى ئەنگلىيەلىك Denes  قاتارلىق تەتقىقاتچىلار دۇنيادا تۇنجى بولۇپ، كومپيۇتېر ئاۋاز تونۇتۇش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 

كومپيۇتېردا ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش-تەبىئىي تىلنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش (تاۋۇش تونۇش-تاۋۇش پارچىلاش) ۋە كومپيۇتېر پەرق ئەتكەن تاۋۇشلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىپ چىقىرىش (تاۋۇش بىرىكتۈرۈش) تىن ئىبارەت، بۇ ئىككى باسقۇچنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەن  بىر پۈتۈن سىستېما قۇرۇلۇشى.

ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكىسى–ھەرخىل ئۆلچەمدىكى ئاۋازلارنى كومپيۇتېر قوبۇل قىلالايدىغان سىگناللارغا ئايلاندۇرۇپ ۋە ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىپ، تىل تۈرى، يەرلىك شىۋە، تەلەپپۇز ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ئارىسىدىكى ئېغىز تىلى ئالماشتۇرۇشىدىكى توسالغۇلارغا خاتىمە بېرىدىغان ئۇچۇر دەۋرىدىكى يېڭىچە بىر تېخنىكا بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكا ئىنسانلار تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش، ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتاللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تېخنىكىلىق ئۆتكەل.

تاۋۇش بىرىكتۈرۈش (سىنتېزلاش) تېخنىكىسى– خالىغان يېزىقچە ئۇچۇرلارنى راۋان، توغرا ۋە ئۆلچەملىك ئاۋازلىق تەلەپپۇز قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش  بولۇپ، ئۇ تىلشۇناسلىق، ئاۋازشۇناسلىق، رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلىش ۋە كومپيۇتېر ئىلمى قاتارلىق كۆپ خىل پەن–تېخنىكىلىرىغا چېتىشلىق بولۇپ، ئاساسلىقى يېزىقنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئاۋاز تونۇتۇش تەتقىقاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، شۇ يىللاردا سۆزلۈك مىقدارى ئاز  يەككە سۆزلەرنى پەرق ئېتىش جەھەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەن. 80-يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆپ سۆزلەرنى پەرق ئېتىش، ئالاھىدە بەلگىلەنمىگەن ئادەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تاۋۇشىنى پەرقلەندۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرغان. 1992-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تاۋۇش پەرق ئېتىش سىستېمىسى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.  

تاۋۇشىنى پەرقلەندۈرۈش تەتقىقاتى 90-يىللارغا قەدەم باسقاندىن كېيىن، كۆپ مۇھىت دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تاۋۇشى پەرقلەندۈرۈش تەتقىقاتلىرى  ۋە بۇ ساھەدىكى بارلىققا كېلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللار  سىستېمىلىرى ئەمەلىي قوللىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە IBM،Apple ،AT&T ،NTT  قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېمىلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق تەتقىقاتىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تىلىنى بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتى ۋە رىقابىتى ھەقىقىي باشلاندى.

2000-يىلدىن بۇيان ئادەم-كومپيۇتېر تىل تاۋۇش دىيالوگى، كومپيۇتېر تىل تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ئېغىز تىلىنى پەرق ئېتىش ۋە چۈشىنىش، تەبىئىي تىل دىيالوگى ۋە كۆپ خىل تىل تۈرلىرى تىل تاۋۇشلىرىنى بىرخىل ئۆلچەمدە تەرجىمە قىلىش قاتارلىق  ساھەلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كومپيۇتېرنى ۋاسىتە، ئىنتېرنېت تورىنى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سورۇنى قىلغان، ئاۋاز ئارقىلىق ئۇچۇر  ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋرى ھەقىقىي باشلاندى.

دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش (语音识别研究) تەتقىقاتى 1958-يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇ يىللاردا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكۇستىكاخانىسى (声学所 ) چاستوتا سپېكتىرى ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، 10 دانە خەنزۇچە سوزۇق تاۋۇشنىڭ تاۋۇشىنى پەرقلەندۈرەلىگەن. 1973-يىلغا كەلگەندىلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكۇستىكاخانىسى (声学所) ئاندىن كومپيۇتېردا ئاۋاز تونۇتۇش تەتقىقاتىنى باشلىغان. شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتنىڭ چەكلىمىلىكى سەۋەبلىك دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى تولىمۇ ئاستا سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان. 80-يىللاردىن كېيىن دۆلىتىمىزدە كومپيۇتېرنى ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسىنىڭ بارا-بارا ئومۇملىشىشى، شۇنداقلا رەقەملىك سىگنال  تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىكى شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلىغان. خەلقئارادا بولسا ئاۋاز تونۇتۇش تەتقىقاتى تازا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ بەس-بەس بىلەن ئاۋاز تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. شۇنداق قىلىپ 2014-يىلغا كەلگەندە، خەنزۇ تىلىنى كومپيۇتېردا ئاۋازلىق بىرتەرەپ قىلىش ئاللىبۇرۇن ئەمەلىي قوللىنىش دەرىجىسىگە يېتىپ دۆلەت مۇداپىيەسى، ئالەم تەتقىقاتى، ھەربىي ئىشلار، تاموژنا ئىشلىرى، ئاممىۋى داۋالىنىش، تور-ئالاقە ئىشلىرى، كومپيۇتېردا خەنزۇچە ئاۋازلىق يېزىق كىرگۈزۈش، ئاۋاز ئارقىلىق مەشغۇلات قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىشقا ئېرىشمەكتە. بىز بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشىنى ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ئارقىلىقلا ھېس قىلىپ تۇرماقتىمىز. مەسىلەن، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇچۇر ئىزدىگۈچ بەيدۇ (百度) دا خەنزۇچە ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قوشۇلۇشى، بىز ھەر دائىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۈندىدار (微信) دا  پاراڭلارنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ كۆرۈش مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، iPhone لاردا ئاۋازلىق ئىزدەش ۋە ئاۋازلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، كومپيۇتېردا يېزىق بىرتەرەپ قىلىشتا قوللىنىدىغان يېزىق كىرگۈزۈش قوراللىرىنىڭ ئورنىنى ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچكە قاتارلىقلار. 

ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ بولۇپ، ئۇ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﯩﯔGDP  ئﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪمگە ئايلانماقتا. 

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنتېرنېت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﯨﻲ بايلىقلار ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺷﻪكلىنىڭ ﺋﯘﻟﯩﻨﻰ ﻟﯩﯖﺸﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸلەرگە ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ۋە ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ يارىتىپ بەردى. شۇنداق بولغانىكەن، ﺋۇﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﺪﯨﻤﯘ ئىنتېرنېتنى ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ سىلجىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ بولامدۇ-يوق؟ مانا شۇنداق تەخىرسىز مەسىلىلەر ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەرنى ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا ئۈندىمەكتە. 

كومپيۇتېر يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال تېخنىكىسىنىڭ  ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئۇيغۇر  يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، بولۇپمۇ تىل-يېزىقنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىشنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىشىنىڭ تېزلىشىشى، كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشى، خەلقئارا تىل تەتقىقاتى تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇيغۇرچە تاۋۇش تونۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى 20-ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى باشلانغان بولۇپ ، 1990-يىلى 8-ئايدىن 1994-يىلى 6-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام نىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەتلىك 863 تەتقىقات پىلانى «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز، سۈرەت، يېزىق بىرگەۋدىلەشكەن ئىشخانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى» ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەتقىقات تۈرىدە، ئۆزگىچە بوغۇم مەشىقى سۆزىنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى ۋە سۆزلۈك كېڭەيتىش ئۇسۇلى، تاۋۇش سىگناللارنىڭ ئۆزى ماسلىشىپ ئۆزى ئۆگىنىش ئۇسۇلى VQ  ئۇسۇلى، تاۋۇش سىگناللىرىنى ئاجرىتىش ۋە ھالەت بۆلەك ئۇزۇنلۇقنى جايلاشتۇرۇش HMM مودېلى قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، 1200 دانە سوزۇق تاۋۇشنى، 40000 ئاجرىتىلغان سۆزلۈكنى تونۇيدىغان ئۇيغۇر تىلى ئاۋاز تونۇتۇش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. پەرق ئېتىش نىسبىتى %95 كە يەتكەن. بۇ سىستېمىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى  كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالقىشلاش بىلەن بىللە، تولىمۇ يۇقىرى باھا بەرگەن.

بولۇپمۇ 1995-يىللىرى خەلقئارادا كومپيۇتېردا ئاۋاز تەتقىق قىلىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۆز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىشتىن، كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ئۈسكۈنىگە ئۆز تىللىرىنى تونۇتۇش باشلانغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كومپيۇتېر بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئاۋازلىق ئالاقە دەۋرى باشلانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانلار ئاۋاز ئارقىلىق يىراق ئارلىقتىن باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلىشقان ئىدى.

مانا شۇ يىللاردا ھوشۇر ئىسلام نىڭ باش بولۇشى، دىلشات ھېۋزۇللا قاتارلىق ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ جان تىكىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە كومپيۇتېرغا ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇتۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېرغا تونۇشۇشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن ئاۋازلىق ئالاقە دەۋرىنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى بولۇپ، بۇ نەتىجە ئۇيغۇرچە ئاۋاز تەتقىقات ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارغا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى. بۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىدىكى يېڭى بىر باشلىنىش، يېڭى بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، ھوشۇر ئىسلام نىڭ باش بولۇشى بىلەن، 1990-يىلدىن 1995-يىلغىچە كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەپسۇس، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئۇلۇغۋار تەتقىقات 10 يىل ئەتراپىدا (1995-2005) بىر ئىزىدا توختاپ قالدى.

2005-يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن تىل-يېزىقىمىزغا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك روھنىڭ تۈرتكىسىدە، ھوشۇر ئىسلامنىڭ باش بولۇشى ۋە ئەمەلىي قول تىقىپ ئىشلىشى بىلەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق بىرتەرەپ قىلىش نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» دا «ئاۋاز ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقات ئىشخانىسى» (多语种语音信息处理研究室) قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى يەنە قايتىدىن باشلاندى. بۇ قېتىم بۇرۇنقى تەتقىقاتلار ئاساسىدا سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشىلا ئەمەس، بەلكى كۆپ سۆزلەرنى ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلىش، ئۇيغۇر تىلى تاۋۇش تىل ماتېرىيالى ئامبىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش ئۇچۇن تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىندى. 

يۇقىرىقى تەتقىقاتلار ئاساسىدا 2006-يىلغا كەلگەندە، ھوشۇر ئىسلام تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارغا باش بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئوقۇپ چىقىرىپ بېرىدىغان يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. 

ھوشۇر ئىسلام نىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، ناسىرجان تۇرسۇن قاتارلىق دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 2009-يىلىغا كەلگەندە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاۋاز تونۇتۇش سىستېمىسى» ۋە «ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى» تەتقىق قىلىنىپ چىقىلىپ، ئالدىنقى سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە جۈملىلەرنى پەرق ئېتىش نىسبىتى %51.49 گە، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى پەرق ئېتىش نىسبىتى %85.82 گە يەتكۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقات ئىشلىرى يەنىمۇ بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىندى.

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى 1990-يىلىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ  ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتى 24 يىل جەريانىدا ھوشۇر ئىسلام نىڭ يېتەكچىلىكىدە دىلشات ھېۋزۇللا، يۈسۈپ ئەبەيدۇللا، ناسىرجان تۇرسۇن، ئەسقەر ھەمدۇللا قاتارلىق مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى.

دېمەك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام نىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۇنجى ئەۋلاد ئاۋاز تەتقىقاتچىسى دوكتور دىلشات ھېۋزۇللا، دوكتور ناسىرجان تۇرسۇن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يۈسۈپ ئەبەيدۇللا قاتارلىق ئالىم-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە كومپيۇتېردا ئۇيغۇر ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن–تۈنسىز ئەجىر قىلىپ كېلىۋاتقان ئوت يۈرەك ياش كومپيۇتېر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمدەم بولۇپ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، دۆلىتىمىزدىكى موڭغۇل تىلى، زاڭزۇ تىلى، چاۋشيەن تىلى قاتارلىق تىللارنىڭ تىل تەتقىقاتى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرالايدىغان، خەلقئارا تىل تەتقىقاتىغا ئەگىشىپ مېڭىش ۋە يېتىشىۋېلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ھالىتىگە كەلدى. بولۇپمۇ، 2005-يىلىدىن بۇيانقى توققۇز يىل جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش ئاساسىي تەتقىقاتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بىرقىسىم كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ھەر ساھەدە ئەمەلىي قوللىنىشلارغا ئېرىشىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

2014-يىلى 7-ئايغىچە كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش (ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇتۇش ۋە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى) تەتقىقاتى جەھەتتە ئاممىغا ئوچۇق ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دىن ۋاڭ كۇنلۇن تاماملىغان، 1998-يىلى 5-ئايدا بېكىتىشتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاۋاز تونۇتۇش سىستېمىسى» ۋە بۇ سىستېمىنىڭ يادرولۇق قىسمى بولغان «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇنىۋېرسال تاۋۇش سانلىق-مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى.» UCSDMS V1.0 بۇ سىستېما زور كۆلەملىك ئۇنىۋېرسال تاۋۇش سانلىق-مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ، ئاۋاز تونۇتۇش، تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تاۋۇش ئىلمى تەتقىقاتى تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسى.

2. 2008-يىلى 4–ئاينىڭ 15–كۈنى  www.misiran.net تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىق قىلىپ چىققان »ئۇيغۇرچە تور يۈزىدىكى ئاۋاز بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى« ۋە 2010–يىلى2–ئاينىڭ 9–كۈنى www.uqurlar.com تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان »ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى« بولۇپ، بۇلار تور ئەھلىنى چەكلىك بولغان ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىگەن.

3. ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2005-يىلى 2-ئايدا، شىنجاڭ رۈيلى ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا ئىشلىتىلىدىغان «ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە رادىيو ئاڭلىتىش يۇمشاق دېتالى» نى ئىشلەپ بەرگەن. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئايروپىلان ئۇچقاندا ۋە قونغاندا ئاڭلىتىلىدىغان ئاۋاز ئۇچۇرلىرىنىڭ «ئىنگلىز، خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر ئۈچ تىللىق ئاۋاز ئامبىرى» ۋە «ئايرودۇرۇم ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش» بۆلىكىنىڭ ھەقىقىي ئادەم تاۋۇش ئامبىرى ۋە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش بۆلىكىنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى مۇستەقىل تۈزۈپ چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە، بۇ يۇمشاق دېتال ھەرقايسى جايلاردىكى ئايرودۇرۇملاردا ئىشلىتىلمەكتە.

گەرچە ئۇيغۇر تىلىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىش يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان مىللەت تىللىرىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق بەك چوڭ. چۈنكى، ئىنگلىزچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق مىللەت تىللىرىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىشى  ئاللىبۇرۇن ئەمەلىي قوللىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، كىشىلەر تۇرمۇشىدا ئەمەلىي نەپ بېرىش دەرىجىسىگە يەتتى. مەسىلەن ئالساق، كومپيۇتېرلاردا ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ، ئىنتېرنېتتا ئاۋازلىق ئىزدىگۈچ، ئاۋازلىق ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت، ئاۋازلىق تەرجىمە قاتارلىقلار بارلىققا كېلىپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى.

كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇتۇش تېخنىكا تەتقىقاتى پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلىنىش تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ماس قەدەملىك تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلىش دەۋرىگە كىرگەندە يەنى 2020-يىللىرىغا بارغاندا، بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى تۆۋەندىكى ساھەلەردە كەڭ قوللنىلىنىشلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

1. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي تىلى ۋە كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئاۋاز ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا تايىنىدۇ. ئۆز تىل-يېزىغىنى كومپيۇتېردا ئاۋازلىق بىرتەرەپ قىلىش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ئۇچۇر دۇنياسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئاجىزلىتىدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.   

2. ئۇچۇرلارنى ئاۋاز ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىش، ئاۋازلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە كۆپ تىللىق ئوقۇ–ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ كۆپ تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا مائارىپىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر كومپيۇتېر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى، جۈملىدىن كومپيۇتېردا ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆپ مۇھىت تېخنىكىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ۋە ئوقۇ–ئوقۇتۇش ساھەسىدە كەڭ دائىرىلىك قوللىنىش ئارقىلىق، پۈتكۈل ئاۋامغا جۈملىدىن ياش ئەۋلادلارغا مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلماقتا.   

ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن چىقىپ، ئەمەلىي قوللىنىش باسقۇچىغا ئۆتكەندە، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا قوش تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇشى ۋە كۆپ خىل تىل ئۆگىنىش جەھەتتىن كۆپ قولاي بولغان ئۆگىنىش شارائىتلىرىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان روللارنى ئوينايدۇ.

گەرچە ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئېرپان» ۋە «مۇئەللىم» دەك كومپيۇتېر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتلاشتۇرغان شىركەتلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، تەتقىقات خىراجىتى چەكلىك ۋە مەخسۇس مۇنتىزىم تەتقىقات ئورۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىشتا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئارقىدا قالدى. ئۆز مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زۆرۈر ئىقتىدارلارنى ھازىرلىيالمىدى. مەسىلەن، »ئېرپان« ۋە »مۇئەللىم« ئېلېكتىرون لۇغەتلىرىدە باشقا تىللاردىكى سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئوقۇش ئىقتىدارى بار بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە سۆز ۋە جۈملىلەرنى ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى تەمىنلىنىلمىگەن.   

3. كەلگۈسىدە خەلققە كېرەكلىك پوچتا-تېلېگراف، ئاممىۋى ئالاقە ۋە داۋالىنىش ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تىللىق ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتاللارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، تىل سەۋەبلىك دۆلەتنىڭ سىياسەت-قانۇنلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالماسلىق ۋە قانۇن چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن باشقىلار بىلەن بولغان باراۋەر پىكىر قىلىش ۋە قاتنىشىشتىن مەھرۇم بولىدىغان ھالەتلەرگە خاتىمە بېرىلىدۇ. ﻛﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎممىسىنى، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭنى ﺗﻮﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ يېڭى ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ دەل ۋاقتىدا ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭغىلى، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭۈپ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ-ﮬﯚﻛۈﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئاممىۋى جامائەت ئىشلىرىدا ئەھمىيىتى زور. 

4. ئىنتېرنېتتا سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، تىل ئامىلى خەلقىمىزنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئىنتېرنېت تورى تور سودا بازىرى ئارقىلىق تاۋارغا ئايلاندۇرۇشتا زور توسالغۇ بولماقتا. ئەگەر ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچى خادىملىرى كۆپ تىللىق ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتاللىرىنى بارلىققا  كەلتۈرسە، رايونىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، ئىنتېرنېت تورىنى بازار مۇھىتى قىلغان ئىنتېرنېت تورى سودا بازارلىرىدا كۆپلەپ قىممەت يارىتىپ، رايون تەرەققىياتىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە زور رول ئوينايدۇ.

5. ئۇچۇر دۇنياسىدا كىشىلەر ئۆزى ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدىگەندە نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل ئاساسەن يېزىقلىق ئۇچۇر «ئىزدىگۈچ» ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەش بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۇچۇر دۇنياسىدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىزدەيدىغان دەۋر يېتىپ كېلىپ، 2020-يىللارغا بارغاندا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق مەشغۇلات ۋە ئۇچۇر ئىزدەش بىز ئۈچۈنمۇ رېئاللىققا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىلىرى، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىزدەش ساھەسىدىمۇ كەڭ دائىرىدە قوللنىلىنىپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى بىلگەن ھەرقانداق  كىشى ئۇچۇر دۇنياسىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ناھايىتى تىزلا ئاۋازلىق ئېرىشەلەيدىغان ئاۋازلىق كومپيۇتېر مەشغۇلات دەۋرى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسى  تەتقىقاتى 24 يىللىق تەتقىقات مۇساپىسى ئارقىلىق مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھازىرقى زامان  تىل تەتقىقاتى، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى  ئۇچۇر تەرەققىيات ئېھتىياجىدىن قارىغاندا، ئاۋاز تەتقىقاتىدا كېرەكلىك قوللىنىشچان گىرەلەشمە پەن تەتقىقات تېخنىكا جۇغلانمىسىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىگىنى ھېس قىلماي قالمايمىز.

1. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى گەرچە ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، تېخىمۇ سېستىمىلاشقان، ئىلمىي ۋە ھەرقايسى پەنلەر گىرەلەشكەن، ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى زىچ ئورنىتىلغان، كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات پىلانىنى تۇرۇغۇزۇشى زۆرۈر. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ، ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان، ئىشلەۋاتقان يەككە تۈر، كەسپىي ئۇنۋان ۋە ياكى كۆز ئالدىدىكى ئازغىنە نام-مەنپەئەت ئۈچۈن قولىنىڭ ئۇچىدا تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىش كېرەك.

2. ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار تەتقىقاتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تولىمۇ ئالدىراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسىي   تەتقىقاتى ياخشى قانات يايدۇرۇلمىغاچقا (مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تەتقىقات، قانداقتۇر نوقۇل كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەتقىقاتى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، ئۇيغۇر تىل تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان گىرەلەشمە تەتقىقات بولغاچقا)، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىي تەتقىقاتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن ئىبارەت تەتقىقاتتىكى كەمتۈكلۈك ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە.

كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرىنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن باشقا ساھەلەردىكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى، باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكسىنى بىلمەسلىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاپتوماتلىشىشىدىكى چوڭ توسالغۇ بولغىنىدەك، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلماسلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىگە پىششىق بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەتقىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماسلىق، شۇ سەۋەبلىك قىلىۋاتقان تەتقىقاتىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بار.

3. ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا جۈملىدىن كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقاتىدا بىر ئىزىغا دەسسەپ، بۆشۈكتەك تەۋرىنىپ، قىردىن ئاشالمايدىغان ئىشلارنىڭ كۆرۈلۈشى، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ساھەلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى-يېڭى تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، ئۇچۇر دەۋرىگە خاس روھنىڭ كەمچىل بولۇشى، بىر قىسىم شىركەت ۋە تەتقىقاتچىلار باشقىلارنىڭ تەتقىقات ئەمگەكلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان، كىشىلەرنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان دېگەندەك ئىلىم–پەن ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىنى يوق دېيەلمەيمىز.

4. جەمئىيىتىمىزدە ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩىكىلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان، بىر-بىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھەقلىق ۋە ھەقسىز پايدىلىنىش ئاساسىدا، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟىﺸﯩﭗ ئﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻕ دېيەرلىك بولۇپ، ھەرقايسى شەخس ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەچكە، بارا-بارا ھالسىراپ، غېرىبلىق ھېس قىلىشماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش جەھەتتە كېرەكلىك غايەت زور سۆزلۈك ئامبىرى، ئاپتوماتىك تەرجىمە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان تېكىست ۋە جۈملە ئامبىرى قاتارلىقلار ئۆزئارا بىرىكىش ۋە ھەمكارلىققا موھتاج بولماقتا. 

ئەگەر بۇلۇت تېخنىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلسا، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

5. گەرچە بىز ئۇچۇر دەۋردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەتقىقات ئىشلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنى ۋە ھەر ساھە تەتقىقاتچىلارنى ھازىرقى تەتقىقات ئەھۋالى، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى جەھەتتە ئۇچۇرغا ئىگە قىلىدىغان تور بېكەت، بىلوگ ۋە باشقا ئۇچۇر تارقىتىش سورۇنلىرىنىڭ بارلىققا كەلمەسلىكى بىلەن، بېشىنى تىقىۋېلىپ، نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان، كۆز بويامچىلىق بىلەن تۈر ئىشلەش،ئۇنۋان ۋە ۋەزىپە ئورۇنلاش كويىدا چېپىش قاتارلىق قىلمىشلار ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەتقىقاتچى قوشۇنلىرىنىڭ سەرخىللىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماقتا.

6. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا كۆپ ئەجىر بەدىلىگە بارلىققا كەلگەن، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ، نەچچە ئون يىللاپ تەجرىبىخانىلاردا سىناق ھالىتىدە تاشلاپ قويۇلۇپ، مەھسۇلاتلىشىش ۋە قىممەت يارىتىش يولىغا ماڭالماسلىقى بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قانداق ئالغا سىلجىتىش ھەققىدە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر ۋە ئۇيغۇر زىياللىرىنى ئويلاندۇرىشى لازىم.

بىز يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي مەنىدىكى »ئۇيغۇر ئۇچۇر مەدەنىيىتى«نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى يېڭى باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، مېنىڭچە تۆۋەندىكىلەرگە قىلىشىمىز كېرەك.

1. ئۇيغۇرچە ئاۋاز تەتقىقاتى ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىدا، مەيلى تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ۋە شەخسىلەر بولايلى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك پىلان تۈزۈپ چىقىپ، تەتقىقات ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، قەدەم باسقۇچلۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەتقىقات روھىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدە بىر ئىشنى تەكرار قىلىش، دورامچىلىق، پىتنىخورلۇق قىلىش، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق پاسسىپ تەتقىقات ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىشىمىز، بولۇپمۇ مەشھۇر تەتقىقاتچىلار ئۆز تەسىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ روھنى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە ياشلارنى تەربىيەلەشكە ۋە ئىزباسار يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.  

2. ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاممىغا ئاشكارىلاپ ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق روھىنى تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.

3. بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئاۋاز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشتا، پۇل-مۇئامىلە، مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ھەرخىل كارخانا ۋە پۇلدار شەخسىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئۇچۇر سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا يېڭىچە يول ئېچىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى »ئۇيغۇر ئۇچۇر سانائىتى« ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا باشلىشىمىز زۆرۈر.

4. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە بىرتەرەپ قىلىش  تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز، بىز چوقۇم ئۇيغۇر تىلىغا بولغان تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە تېزلىتىپ بېرىشىمىز لازىم.

بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە بىرتەرەپ قىلىش تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاش، تەقلىد قىلىش يولى بىلەن ئۆزىمىزنى كۆز–كۆز قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش  تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشى ۋە پايدىلىنىشى ئاكتىپ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. 

5. ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىزچىللىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي كىرىم يولىغا ماڭغان پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى، كارخانىلىرى يىللىق كىرىمىنىڭ %30-%50 قىسمىنى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  تەتقىقات ئىشلىرىغا قارىتىشى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئېچىشى ھەم مەھسۇلات يېڭىلاشتىكى سىجىللىقىنى ساقلىشى تولىمۇ زۆرۈر. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (9 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#