يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ئالدى رايونى يوشۇرۇن ئاغرىش، يۈرەك سىلىش، قىزىش، نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

جۇڭيى تىبابىتى نامى يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم يۈرەك قان تومۇرى ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگىلىزچە نامى myocarditis
خەنزۇچە نامى 心肌炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىيۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەردىن يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۈرەك ئالدى رايونى يوشۇرۇن ئاغرىش، يۈرەك سىلىش، قىزىش، نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ۋەرەمىئۇزلاتى قەلب» دەپ ئاتىلىدۇ. 

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى1. توفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

تارقىلىشچان زۇكام جاراسىمى، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى جاراسىمى قاتارلىق جاراسىملارنىڭ ئارىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى يۈرەك مۇسكۇلىغا تەسىر قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇلىنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت يۈرەك مۇسكۇلىغا تەسىر قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ ۋە يۇقۇملاندۇرۇپ تەدرىجىي ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىيۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى پەرقى ناھايىتى زور بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئوتتۇرىھال قىزىتما بولىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ. ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ھەتتا يۈرەك مەنبەلىك شوك، ئېغىر يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرۈلۈپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەڭگىل بولغاندا كېسەللىك ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ ياكى يۈرەك ئالدى رايونى يوشۇرۇن ئاغرىيدۇ، يۈرەك سالىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ باش ئاغرىيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. 

يۈرەك چېگرىسى نورمال ياكى ئازراق كېڭىيىدۇ. ئەگەر يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى چېگرىسى كېڭەيسە يۈرەك مۇسكۇلىدىكى ياللۇغلۇق ئۆزگىرىشنىڭ بىرقەدەر كەڭ دائىرىلىك ۋە ئېغىرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە يۈرەك ھەرىكىتى تېز بولىدۇ، بەزىلەردە يۈرەك سوقۇشى ئاستا بولىدۇ. يۈرەك ئۇچى رايونىدا يۈرەك بىرىنچى تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ. قىسقىرىش دەۋرىدە ئىسقىرتقاندەك شاۋقۇننى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ساداسى ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى ياخشىلانغاندىن كېيىن تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ، يۈرەك قېپى ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلسە يۈرەك قېپى سۈركىلىش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. 

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

يۈرەك چوڭىيىش، يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئىپادىلىرى بولۇش، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىشقا مەجبۇر بولۇش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۈچەي ياكى نەپەس يوللىرى ياللۇغى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ. 

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 

1) لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نورمال ياكى سەل يۇقىرى بولىدۇ. قان زەردابى فىرمىنتلىرى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. 

2) رېنتگېندە تەكشۈرۈش: رېنتگېندە تەكشۈرگەندە، كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەڭ دائىرىلىك بولغۇچىلاردا يۈرەك سايىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئاستىلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

3) ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈش: ST بۆلىكى يۆتكىلىدۇ. T دولقۇن تەكشىلىنىپ، قوش فازىلىق بولىدۇ ياكى دۈم كۆمتۈرۈلىدۇ. تۆۋەن ئېلېكتر بېسىمى بولىدۇ. Q-T ئارىلىق دەۋرى ئۇزىرايدۇ. 

يۈرەك ھەرخىل رىتىمسىزلىقلىرى جۈملىدىن ھەرخىل مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك دالانچە ۋە يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى دالانچە قېرىنچە ئارا ئۆتكۈزۈش توسۇلۇش يۈرەك قېرىنچىسى ئىچكى ئۆتكۈزۈشى توسۇلۇش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قېرىنچە مەنبەلىك بالدۇر سوقۇش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. 

رېماتىزملىق يۈرەك مۇسكۇلى يەككە-يېگانە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. بۇ كېسەلدىكى ئائورتا قاپقاق رايونىدىن كېڭىيىش دەۋردىكى شاۋقۇن ئاڭلىنىش، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان رايونىدىن قىسقىرىش دەۋرلىك شاۋقۇن ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئېشىپ كېتىش، بوغۇم ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى

1. خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

2. باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ. 

3. قىزىتما پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

4. يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىقان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن؛ ئىتتىرفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىم 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن بابۇنە گۈلى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 ~ 60 مىللىلىتىردىن ~7 5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 70مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىپ، زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. 

قىزىتما پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئىچىش مەقسىتىدە ئەرقى شوخلا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى چۆبچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 60 ~ 80 مىللىلىتىردىن؛ مەجۇنى چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىتتىرىفىل چۆبچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن يۈرەك، مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30 مىللىلىتىردىن؛ بادىرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 ~ 30مىللىلىتىردىن؛ داۋائىلمىشكى بارد كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى مەرۋايىت كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ~5 3 دانىدىن؛ مۇفەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىرىدن؛ جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن؛ خىمىرى ئەبرىشىم كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ خىمىرى سەندەل كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. 

جىددىي، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى تېزلا ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللانمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ يۈرەك مەنبەلىك شۈك، ئېغىر يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىكۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قورقۇشتىن، كۆپ ئاچچىقلىنىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، كۆپ ئۇخلاشتىن، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 

يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، مەنزىرىلىك جايلارنى سەيلە قىلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش لازىم.

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، يەل پەيدا قىلغۇچى، يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر مۇناسىپ تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=775

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=775

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#