يۇكاۋا خىدېكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇكاۋا خىدېكى (Hideki Yukawa) ياپونىيلىك فىزىكا ئالىمى، 1907-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى توكيو دا گىئولوگىيە ئالىمى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
1908-يىلى ئاتىسى كىيۇتو ئىمپىرىيە ئۇنىۋېرىستىغا بېرىپ پىراففېسسور بولغاندا ئائىلىسى بىلەن بىللە كىيۇتوغا بارغان. 1929-يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1932-يىلى توي قىلىپ 1933-يىلى ناگايا ئۇنىۋېرستىغا بېرىپ پىراففېسسور بولغان. 1938-يىلى ئوساكا ئىمپېرىيە ئۇنۋېرسىتىتىدا دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن كيوتو ئۇنۋېرسىتىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1935-يىلى بىرخىل يېڭى يادرو كۈچى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىكتېر بىلەن پروتون ئوتتۇرىسىدىكى تېز ئۆزگىرىدىغان زەررىچە (مېزون)نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇنداق زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كېيىنىكى ۋاقىتلاردا تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەندى.
يۇكاۋا 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى نىيۇيوركتا ۋاپات بولغان.
يۇكاۋا 1946-يىلى ياپونىيەدە ئىنگىلىزچە «نەزەرىيىۋى فىزىكىغا يۈرۈش» نامىل ژورنالنى تەسىس قىلىپ ئۆزى مۇھەررىر بولغان.1953-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ كيوتو ئاساسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1955-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا تېنچلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ دۇنيا ئاتوم قوراللىرىنى چەكلەش ئالىملار كېڭىشىنى قۇرۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.