ئاقىرقەرھا
ئاقىرقەرھا بولسا بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ،شاخلىرى يوپۇرمىقى ،گۈلى چوڭ ،ئاق گۈللۈك بابۇنىگە ئوخشايدۇ . لېكىن ئاقىرقەرھانىڭ شاخلىرى تۈكلۈك ،زىمىن ئۈستىگە يېيىلاڭغۇ بولىدۇ .بىر يىلتىزدىن كۆپلىگەن شاخلاپ چىققان بولۇپ ،شاخلىرىنىڭ بېشىدا گۈمبەزگە ئوخشاش يۇمىلاق گۈل ئېچىلىدۇ . رەڭگى سېرىق ،يىلتىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غىرىچ مىقدارى ،توملىقى بىر كىچىك قول مىقدارى بولىدۇ .تەمى ئۆتكۈر، ئېغىزنى تىلنى كۆيدۈرىدۇ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىدىغىنى يىلتىزىدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقىرقەرھا بولسا بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ،شاخلىرى يوپۇرمىقى ،گۈلى چوڭ ،ئاق گۈللۈك بابۇنىگە ئوخشايدۇ . لېكىن ئاقىرقەرھانىڭ شاخلىرى تۈكلۈك ،زىمىن ئۈستىگە يېيىلاڭغۇ بولىدۇ .بىر يىلتىزدىن كۆپلىگەن شاخلاپ چىققان بولۇپ ،شاخلىرىنىڭ بېشىدا گۈمبەزگە ئوخشاش يۇمىلاق گۈل ئېچىلىدۇ . رەڭگى سېرىق ،يىلتىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غىرىچ مىقدارى ،توملىقى بىر كىچىك قول مىقدارى بولىدۇ .تەمى ئۆتكۈر، ئېغىزنى تىلنى كۆيدۈرىدۇ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىدىغىنى يىلتىزىدۇر. يىلتىزىنىڭ شەكلى سىلىندىرسىمان، ئەگىرى – بۈگرى، رەڭگى قوڭۇرغا مايىل، خۇش پۇراق كېلىدۇ. تەمى ئاچچىق ، كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىندۇ.
خۇسۇسيىتى
توسالغۇلارنى ئېچىش، مىڭىنى تازلاش، بەلغەملەرنى يوقىتىش ، ئومۇمىي بەدەن، پەيلەرگە قۇۋۋەت بېرىش، تىلدىكى ئېغىرلىقنى يوقىتىش ، كۆكرەك، چىش، بوغۇملارنىڭ ئاغرىغىنى پەسەيتىش ، ئىستىسقاغا مەنپەئەت قىلىش ،سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ جىنسي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، سۈيدۈكنى، ھېيىزنى، سۇتنى تەرنى ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
1. گۇل يېغى بىلەن بۇرنىغا تېمىتىلسا شەقىقە ۋە بەلغەم خارەكتىرلىك قاتتىق باش ئاغرىغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. ئاقىرقەرھانى سىركىگە چىلاپ ئاغرىق چىش بىلەن چىشلەپ تۇرسا ،ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ .
3. ئاقىرقەرھانى چاينىسا ياكى سوقۇپ تىلنىڭ تېگىگە سېپىلسە ھۆللۈكنى تارتىپ، تىلدىكى ئېغىرلىقنى كۆتىرىدۇ.
4. قاينىتىلغان سۈيىنى ئېغىزغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرسا، بوشىغان چىشلىرىنى چىڭىتىدۇ.
5.ئاقىرقەرھا 10 گرام، كاۋاۋىچىن 7 گرام، تۇخۇم سېرىقى 2 دانە ئېلىپ سىپۇپ قىلىپ يېسە باھنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۆرەكنى قىززىتىدۇ.
6.ئاقىرقەرھا، كۇندۇردىن 10 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېسە سۇپۇپ قىلىپ يېسە سۈيدۈك تۇتالماسلىق، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ.
7. ئاقىرقەرھانى سوقۇپ كۈندە 10 گرامدىن ھەسەل سۈيى بىلەن يېسەل پالەچ، رەئىشە ئىستىرغا كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
مەجۇنى سۇئىلەپ،ھەببى ئىمىرساك ،
باھ ۋە بەدەن ئاجىزلىقى، لەقۋا، پالەچ، ئىستىرقا، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، تارتىشىپ قېلىش، رەئىشە، باش ئاغرىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەيز راۋان بولماسلىق، تىل ئېغىرلىق، يۆتەل، بەلغەم تۈكۈرۈش، ئاق كېسەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇچۇچان ماي، فىللاۋون، تەنىن ماددىسى، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.