چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى» 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11– يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国驻外外交人员法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó zhù wài wài jiāo rén yuán fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2010–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى» چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ساپالىق دىپلوماتىيە خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (19–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى» 2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11–يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2009–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ساپالىق دىپلوماتىيە خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىدا دىپلوماتىيە خىزمىتى، كونسۇل خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىغان، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مەمۇرىي ئىشىتاتتا بولىدىغان، دىپلومات ئۇنۋان دەرىجىسى بولغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق ۋەكىل ئاپپاراتلارنى كۆرسىتىدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇلۇشىدا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلىمە بولمىسا، مەمۇرلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ.

4-ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، باشقا ئەۋەتكۈچى تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باشقۇرىدۇ.

2-باب مەسئۇلىيەت، شەرت، مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇق

5-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت تەقىسىماتى بويىچە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، شان–شەرىپى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش؛

(2) دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش؛

(3) دۆلەتكە ۋاكالىتەن دىپلوماتىيە ئالاقىسى قىلىش؛

(4) جۇڭگو بىلەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش؛

(5) جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئورۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش؛

(6) تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئەھۋالى، ئالاقىدار رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى دوكلات قىلىش؛

(7) جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ۋە ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛

(8) باشقا دىپلوماتلىق ياكى كونسۇللۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش.

ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ۋەكىلىدۇر.

6-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇش؛

(2) يېشى 23 كە توشقان بولۇش؛

(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش؛

(4) سىياسىي ساپاسى ۋە پەزىلىتى ياخشى بولۇش؛

(5) خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك كەسپىي بىلىمى، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە تىل قابىلىيىتى بولۇش؛

(6) چەت ئەلدە دائىم تۇرۇش تەلىپىگە لايىق جىسمانىي شەرتى، پىسخىك ساپاسى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولۇش؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

7-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلار چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمى بولسا بولمايدۇ:

(1) جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغانلار؛

(2) خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلەر؛

(3) دۆلەت ئورگىنىدىن بوشىتىۋېتىلگەنلەر؛

(4) چەت ئەلدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ياكى مەڭگۈ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئالغانلار؛

(5) جورىسى چەت ئەل تەۋەلىكىدە بولغان، چەت ئەلدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ياكى مەڭگۈ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئالغانلار؛

(6) چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمى بولسا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

8-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇش، دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش؛

(2) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا سادىق بولۇش؛ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛

(3) خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش؛

(4) ئەۋەتكۈچى تارماقنىڭ يۆتكىشىگە بويسۇنۇش، تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ قائىدە–تۈزۈملىرى ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش؛

(5) دۆلەت مەخپىيىتى ۋە خىزمەت مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش؛

(6) چەت ئەلدە ئىشلىگەن مەزگىلدە ئىستېپا سورىماسلىق؛

(7) چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىغا ۋە ئەۋەتكۈچى تارماققا ئۆزىنىڭ چوڭ–چوڭ ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلىش؛

(8) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

9-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ:

(1) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغۇدەك خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشىش؛

(2) چەت ئەلدە دائىم ئىشلەش، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە لايىق مائاش، پاراۋانلىق، سۇغۇرتا تەمىناتىغا ئېرىشىش؛

(3) چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە خىزمەتتىن بوشىتىلماسلىق؛

(4) ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ۋە چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە تەربىيەلىنىش؛

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

10-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەر بويىچە، چەت ئەلدە ئىشلىگەن مەزگىلدە مۇناسىپ ئىمتىياز ۋە كەچۈرۈمدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئىمتىياز ۋە كەچۈرۈمدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىشىغا، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىمتىياز ۋە كەچۈرۈمدىن ۋاز كېچىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

3-باب ۋەزىپە ۋە ئۇنۋان دەرىجىسى

11-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى دىپلوماتلىق ۋەزىپىسى ۋە كونسۇللۇق ۋەزىپىسى، دەپ ئايرىلىدۇ.

دىپلوماتلىق ۋەزىپىسى: ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى، ۋەكىل، كاندىدات ۋەكىل، ئەلچى، ئەلچى ئۇنۋانىلىق مەسلىھەتچى، مەسلىھەتچى، بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ، ھەمراھ دەپ ئايرىلىدۇ.

كونسۇللۇق ۋەزىپىسى: باش كونسۇل، مۇئاۋىن باش كونسۇل، كونسۇل، مۇئاۋىن كونسۇل، كونسۇل ھەمراھى، دەپ ئايرىلىدۇ.

12-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى ئارىسىدا دىپلوماتىيە ئۇنۋان دەرىجىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

دىپلوماتىيە ئۇنۋان دەرىجىسى يەتتە دەرىجە بولىدۇ: باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى، ئەلچىلىك ئۇنۋانى، مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانى، بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ھەمراھلىق ئۇنۋانى.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئۇنۋان دەرىجىسى ئۇلارنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدىكى ۋەزىپىسى، مەمۇرلۇق ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

13-ماددا دىپلوماتلىق ۋەزىپىسى بىلەن دىپلوماتىيە ئۇنۋان دەرىجىسىنىڭ ئاساسىي ماسلىق مۇناسىۋىتى:

(1) ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى: باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى؛

(2) ۋەكىل، كاندىدات ۋەكىل: باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى، ئەلچىلىك ئۇنۋانى، مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانى؛

(3) ئەلچى، ئەلچى ئۇنۋانىلىق مەسلىھەتچى: ئەلچىلىك ئۇنۋانى؛

(4) مەسلىھەتچى: مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانى؛

(5) بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپ: بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى؛

(6) ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپ: ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى؛

(7) ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ: ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى؛

(8) ھەمراھ: ھەمراھلىق ئۇنۋانى؛

14-ماددا كونسۇللۇق ۋەزىپىسى بىلەن دىپلوماتلىق ئۇنۋان دەرىجىسىنىڭ ئاساسىي ماسلىق مۇناسىۋىتى:

(1) باش كونسۇل: باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى، ئەلچىلىك ئۇنۋانى، مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانى؛

(2) مۇئاۋىن باش كونسۇل: مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانى؛

(3) كونسۇل: مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانى، بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى؛

(4) مۇئاۋىن كونسۇل: ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ھەمراھلىق ئۇنۋانى؛

(5) كونسۇل ھەمراھى: ھەمراھلىق ئۇنۋانى؛

15-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە دىپلوماتلىق ئۇنۋان دەرىجىسى بىلەن مەمۇرلۇق ۋەزىپە دەرىجىسىنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

16-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ:

(1) ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى ۋە ۋەكىل، كاندىدات ۋەكىللەردىن ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى بولىدىغانلىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېكىتىدۇ؛

(2) ئالدىنقى تارماقچىدىكىدىن باشقا ۋەكىل، كاندىدات ۋەكىلنى گوۋۇيۈەن بېكىتىدۇ؛

(3) باش كونسۇلنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بېكىتىدۇ؛

(4) ئەلچى، ئەلچى ئۇنۋانىلىق مەسلىھەتچى، مەسلىھەتچى، مۇئاۋىن باش كونسۇل شۇنىڭدەك چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياكى باشقا ئەۋەتكۈچى تارماق بېكىتىدۇ؛ ئۇلاردىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپ، مۇئاۋىن كونسۇلدىن تۆۋەن ۋەزىپىدىكىلىرىنى چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتى بېكىتىدۇ.

17-ماددا دېىپلوماتلىق ئۇنۋان دەرىجىسى تۆۋەندىكى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىنىدۇ ۋە بېرىلىدۇ:

(1) باش ئەلچىلىك ئۇنۋانى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ تەستىقى بىلەن بېرىلىدۇ؛

(2) ئەلچىلىك ئۇنۋانى، مەسلىھەتچىلىك ئۇنۋانىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياكى باشقا ئەۋەتكۈچى تارماقنىڭ تەستىقى بىلەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرى بېرىدۇ؛

(3) بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانىنى ئەۋەتكۈچى تارماق ئەۋەتىدىغان چاغدا تەستىقلايدۇ ۋە بېرىدۇ، چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئەۋەتكۈچى تارماق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ پىكرى بويىچە تەستىقلايدۇ ۋە بېرىدۇ؛

(4) ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى، ھەمراھلىق ئۇنۋانىنى ئەۋەتكۈچى تارماق ئەۋەتىدىغان چاغدا تەستىقلايدۇ ۋە بېرىدۇ، چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتى تەستىقلايدۇ ۋە بېرىدۇ.

18-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمىنى ئۈچىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىققا، مۇئاۋىن كونسۇللۇققا شۇنىڭدەك مۇناسىپ ئۇنۋان دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشتە، بەلگىلەنگەن ئۆستۈرۈش شەرتى، مۆھلىتى بويىچە، مۇشۇ قانۇننىڭ 16–، 17-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە ئۆستۈرۈلىدۇ؛ باھالاشتا ئۆستۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىمىدى، دەپ قارالغانلار چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ئەۋەتكۈچى تارماقنىڭ تەستىقى بىلەن كېچىكتۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى ئىككىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىققا، بىرىنچى دەرىجىلىك كاتىپلىققا، مەسلىھەتچىلىككە، ئەلچى ئۇنۋانىلىق مەسلىھەتچىلىككە، ئەلچىلىككە ياكى كونسۇل، باش كونسۇللۇققا شۇنىڭدەك مۇناسىپ ئۇنۋان دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈشتە، ئۆستۈرۈش شەرتى، مۆھلىتى ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ ئۆستۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 16–،17-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ياخشىلىرى دەرىجىمۇ دەرىجە تاللاپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئۇنۋان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش شەرتى، مۆھلىتى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

19-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى چارە كۆرۈلگەن مەزگىلدە، ۋەزىپىسى ۋە ئۇنۋان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ.

20-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەنلىتىش كېرەك. ھەمراھلىق ئۇنۋانىدىكىلەرنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلمەيدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ دۆلەتكە قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىمۇ يوقايدۇ. دىپلوماتىيە خىزمىتىگە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقلىرىنىڭ ساقلاپ قېلىنسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئايرىم چىقىرىدۇ.

4-باب باشلىق

21-ماددا ئەلچىخانا باشلىقى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىدۇر. ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى ئەلچىخانا باشلىقى بولىدۇ. ۋەكىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئاپپاراتنىڭ باشلىقى بولىدۇ. باش كونسۇل باش كونسۇلخانىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. كونسۇل كونسۇلخانىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدا باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، باشلىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

22-ماددا باشلىقنىڭ ئورنى بوش قالغان ياكى مەلۇم سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالمىغاندا، بېكىتىلگەن خادىم باشلىقنىڭ ئورنىدا مەسئۇلىيەت ئادا قىلىدۇ.

23-ماددا باشلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئەۋەتكۈچى تارماققا يازما دوكلات تاپشۇرۇشى كېرەك.

باشلىق قەرەلىدە دۆلەتكە قايتىپ خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىشى كېرەك.

5-باب ئەۋەتىش، چاقىرىپ كېلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش

24-ماددا ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋە ۋەكىل، كاندىدات ۋەكىللەردىن ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچى بولىدىغانلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە ئەۋەتىدۇ ۋە چاقىرىپ كېلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكىدىن باشقا ۋەكىل، كاندىدات ۋەكىلنى گوۋۇيۈەن ياكى ئەۋەتكۈچى تارماق ئەۋەتىدۇ ۋە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا دىپلوماتىيە خادىملىرىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياكى باشقا ئەۋەتكۈچى تارماق ئەۋەتىدۇ ۋە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

25-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى ئارىسىدا ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، ئەۋەتكۈچى تارماقنىڭ تەستىقى بىلەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۆھلىتى مۇۋاپىق قىسقارتىلسا ياكى ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

26-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كېلىش كېرەك:

(1) باشقا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار؛

(2) مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلار؛

(3) قانۇنغا چۈشۈپ قالغان ياكى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلار؛

(4) جورىسى چەت ئەل تەۋەلىكىدە بولغان، چەت ئەلدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش ياكى مەڭگۈ ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئالغانلار؛

(5) چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدا داۋاملىق ئىشلەۋەرسە لايىق بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

27-ماددا دۆلەت ئېھتىياجغا قاراپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئالاقىدار دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى جىددىي چاقىرىپ كەلسە، قايتۇرۇپ كەلسە ياكى چېكىندۈرسە بولىدۇ.

6-باب باھالاش، تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇش

28-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باھالاش ئادەتتىكى چاغدا باھالاش ۋە قەرەللىك باھالاش، دەپ ئايرىلىدۇ، ئۇنى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە ئاپپاراتى ياكى ئەۋەتكۈچى تارماق دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەشكىللەيدۇ.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە خادىملىرىنى باھالاشتا مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇھىم ئاساس قىلىپ، ئەخلاقى، قابىلىيىتى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىقىنى ئەتراپلىق باھالاش، خىزمەت نەتىجىسىنى نۇقتىلىق باھالاش كېرەك.

باھالاش نەتىجىسى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى، دەرىجىسى، مائاشىنى تەڭشەش شۇنىڭدەك ئۇلارنى مۇكاپاتلاش، تەربىيەلەش قاتارلىقلارنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

29-ماددا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ۋە چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى خىزمەت مەسئۇلىيىتى تەلىپى بويىچە، ۋەزىپىگە تەيىنلەپ تەربىيەلەش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش كېرەك.

30-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرى ئارا ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، ئەۋەتكۈچى تارماقلار ئارا ياكى باشقا ئورگانلار ئارا ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئالماشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

31-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئەھۋالى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

7-باب مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش

32-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرى ياكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە توغرا كەلگەنلىرى قانۇن بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ:

(1) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشتا زور تۆھپە قوشقانلار؛

(2) جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ياكى باشقا ئورۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار؛

(3) زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا زور تۆھپە ياراتقانلار؛

(4) ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىق مۇئەييەن جاپالىق مۇھىتتا ئىش ئىزى گەۋدىلىك بولغانلار؛

(5) دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلار؛

(6) ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان، پاك، ئىستىلى دۇرۇس، ئىشتا ئادىل، نەمۇنىلىك رولى گەۋدىلىك بولغانلار؛

(7) مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان، خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛

(8) باشقا گەۋدىلىك ئىپادىسى بولغانلىقتىن، مۇكاپاتلىنىدىغانلار.

33-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مۇناسىپ چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، شان-شەرىپى ۋە مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار؛

(2) چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلغانلار؛

(3) دۆلەت مەخپىيىتى ياكى خىزمەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(4) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ نەپ ئېلىۋالغانلار ياكى باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەنلەر؛

(5) پايدا ئالىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلغان ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان، كارخانا ياكى پايدا ئالىدىغان باشقا تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر؛

(6) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، ئىشنى ئاقسىتقانلار؛

(7) يۆتكەشكە بويسۇنمىغان، ئەۋەتىلگەن ئىش ئورنىغا بارماي تۇرۇۋالغانلار؛

(8) قانۇن ياكى ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بارلار.

34-ماددا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياكى باشقا ئەۋەتكۈچى تارماق قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنى مۇكاپاتلايدۇ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى مۇكاپاتلايدۇ ياكى جازالايدۇ.

8-باب مائاش ۋە پاراۋانلىق

35-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى ئارىسىدا ۋەزىپىسى، ئۇنۋان دەرىجىسى بىلەن دەرىجىسى بىرلەشتۈرۈلگەن چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى مائاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

36-ماددا دۆلەت چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ مائاشنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ مائاشى ۋە تۇرمۇش تەمىناتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.

37-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قوشۇمچە پۇل ۋە ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

38-ماددا دۆلەت چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى زۆرۈر داۋالىنىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىدۇ ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە زۆرۈر بولغان جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرىدۇ.

39-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى دۆلەت بەلگىلىگەن مائاشلىق ئوتپۇسكا ۋە ۋەزىپە مۇددىتى رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

9-باب جورا ۋە پەرزەنت

40-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى نىكاھلىنىش رەسمىيىتى ئۆتەشتىن ئىلگىرى بەلگىلىمە بويىچە، ئەۋەتكۈچى تارماققا لايىقىنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى نىكاھتىن ئاجرىشىشتا، ئەۋەتكۈچى تارماققا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

41-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن جورىسى بىللە تەيىنلىنىدىغانلىرىنى تەستىقلىتىش كېرەك.

چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن ۋەزىپە مۇددىتى توشقان ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىرىنىڭ جورىسىمۇ بىللە تەيىنلەنگەن ۋەزىپىسىدىن قالىدۇ.

42-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ جورىسى بىللە تەيىنلەنگەن مەزگىلدە، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئۇنۋان دەرىجىسى، ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا قاراپ، بەلگىلەنگەن ئوتپۇسكا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

43-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمىنىڭ جورىسى دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇننىڭ ئىشتاتلىق خادىمى، دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى، دۆلەت شېرىكسىز شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى پاي كونترول شىركىتىنىڭ خادىمى ياكى رەسمىي ھەربىي بولسا، بىللە تەيىنلەنگەن مەزگىلدە ۋە بىللە تەيىنلەنگەن ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەسلىي ئىدارىسىغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئەسلىي ئىدارىسىنىڭ ئۇنى بىللە تەيىنلەندى دەپ ھەيدىۋېتىشىگە، خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىشىگە ياكى تولۇقلىما پۇلى، باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

44-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ جورىلىرىدىن بىللە تەيىنلەنمىگەنلىرى ئەۋەتكۈچى تارماقنىڭ تەستىقى بىلەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىغا بېرىپ تۇغقان يوقلاشتا، بەلگىلىمە بويىچە تۇغقان يوقلاش ئوتپۇسكا ياردەم پۇلى، كاماندىروپكا پۇلى ۋە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

45-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ئەۋەتكۈچى تارماقنىڭ تەستىقى بىلەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىغا بېرىپ بىللە تۇرسا ياكى تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ.

دۆلەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

46-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ جورىلىرى، پەرزەنتلىرىدىن بىللە تەيىنلەنگەن، بىللە تۇرغان ۋە تۇغقان يوقلاپ بارغانلىرى چەت ئەلدىكى دىپلوماتىيە ئاپپاراتىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

10-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

47-ماددا چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلار مۇشۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چىقىرىدۇ.

48-ماددا بۇ قانۇن 2010-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2944258.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#