ھالاكەت جىلغىسىدىكى ماڭالايدىغان تاش

ھالاكەت جىلغىسىدىكى ماڭالايدىغان تاش
ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى ھالاكەت جىلغىسى دۆلەت باغىچىسىنىڭ ئىچىدىكى «Racetrack Playa»  كۆلىدە غەلىتە بىر ھادىسە بار بولۇپ، بۇ يەردە تاش ئۆزلىكىدىن يۆتكىلەلەيدىكەن!

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى ھالاكەت جىلغىسى دۆلەت باغىچىسىنىڭ ئىچىدىكى «Racetrack Playa»  كۆلىدە غەلىتە بىر ھادىسە بار بولۇپ، بۇ يەردە تاش ئۆزلىكىدىن يۆتكىلەلەيدىكەن!

«Racetrack Playa » بولسا بىر قۇرۇپ كەتكەن كۆل، ئۇ ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى ھالاكەت جىلغىسى دۆلەت باغچىسىنىڭ ئىچىدە. بۇ قۇرۇپ كەتكەن كۆل يۈزى كۈچلۈك ئاپتاپ تەپتىدىن چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ يەر بىر داڭلىق ساياھەت ئورنى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى بۇ يەردە سىرلىق بولغان بىر ھادىسە _ ئۆزلىكىدىن يۆتكىلەلەيدىغان تاشنىڭ بولغانلىقىدا. قىزىقارلىق يېرى شۇكى ھېچقايسى بىر ئالىم-تەتقىقاتچى بۇ سىرلىق ھادىسە توغىرلىق كىشىنى قايىل قىلغىدەك جاۋاب بەرگىنى يوق.

كىشىلەر تۇنجى قېتىم يۆتىلەلەيدىغان تاشنىڭ قالدۇرغان ئىزىنى كۆرگەندە، بۇ بەلكىم شامالنىڭ كۈچىدىن بولغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشقان. بىراق بۇ تاشنى ئورنىدىن يۆتكەش ئۈچۈن ، قاتتىق بوران چىقمىسا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىز قارىماققا تۈز سىزىق شەكىلىدە كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ تاشنىڭ ئۆزلىكىدىن يۆتكىلىش سەۋەبى زادى نېمىدۇ؟ Racetrack Playa بىر پەسىل خاراكتىرلىق كۆل بولۇپ، بۇ دىگەنلىك ھۆل-يېغىن كۆپ مەزگىلدە بۇ كۆلدە سۇ بولىدۇ دىگەن گەپ؛ بىراق قۇرغاقچىلىق بولىدىغان ياز پەسلىدە كۆلدىكى سۇنىڭ ھەممىسى پارلىنىپ كېىتىدۇ. قىش پەسلى ۋە باش باھار مەزگىلىدە كۆل توڭلاق ھالەتتە بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق بىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلەيمىز: تاشنىڭ يۆتكىلەلىشىنىڭ سەۋەبى كۆلدە قايتا سۇ پەيدا بولغاندىن كېيىن يېڭى مۇز قەۋىتى شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدە، بۇ بەلكىم ھازىرغىچە بىرقەدەر كىشىنى قايىل قىلىدىغان پاكىت بولىشى مۇمكىن. 

1976-يىلى ئىككى تەتقىقاتچى روبېرت.شارپ بىلەن دېۋايت.كېرى بۇ مۇز قەۋىتى نەزەرىيىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار تاشنىڭ يۆتكىلىش ئىزىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسە چىقاردى. بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا شامال 1 ~ 3 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تاشنى بىر قېتىم يۆتكىيەلەيدۇ، لېكىن مۇز قەۋىتىنىڭ تاشنى يۆتكىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

كېيىن پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىلغار تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرى بارلىققا كەلدى. 20 يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيە خامپىشىر ئۇنۋىرىستىتىدىكى گېئولوگ يوھان.رېد، مەيلى شامال بولسۇن ياكى مۇز قەۋىتى بولسۇن ئىككىلىسى تاشنى يۆتكىيەلەيدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىدى. بىراق بۇ نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ ئانچە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەتمىدى. ئۇزۇن مەزگىل تالاش-تارتىش ئارقىلىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشتى: مۇستەقىل مەۋجۇت بولغان ئىككى خىل مېخاينىك كۈچ بۇ تاشنىڭ يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇلار شامال كۈچى ۋە مۇز قەۋىتىنىڭ رولى.

1997-يىلى GPS ئارقىلىق تارتىلغان يەر شەكلى خەرىتىسىدە Racetrack Playa كۆلىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا تۈز سىزىق شەكلىدە ، غەربىدىكى رايونلاردىكىسى پارچە-پۇرات ئىزلار ئىكەن. تاشنىڭ يۆتكىلىش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يەنە بىر تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

بۇ جايدىكى تاشنىڭ يۆتكىلىش سىرىنى ئېچىش بەلكىم سەل بالدۇر بولىشى مۇمكىن. بۇ سىر يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#