فىروزە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فىروزەفىروزە كۆك ياكى يېشىل رەڭلىك، ساپ، سۈزۈك، تىنىقسىز، ئېسىل، ئەتىۋار بىر خىل مىنېرال ماددا. ئۇ ھازىر خەلقئارادا ئەڭ ئېسىل زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولغان گۆھەر تاشلىرى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ، باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت، ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغىنى ھەجمى چوڭراق، رەڭگى تەكشى، سۈزۈك، دۇغسىز كەلگىنى ياخشى ھېسابلىنىدۇ. كلاسسىك تېببىي كىتابلاردا فىروزىگە ئىپارنىڭ پۇرىقى تەسىر قىلسا ياكى ياغلىق نەرسە تەگسە، سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقى، شۇڭا بۇلار بىلەن بىرگە قويماسلىق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. كانادا، رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
زەھەر قايتۇرۇش، خوشلۇق كەلتۈرۈش، يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، روھنى ئۇرغۇتۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.
ئاليومىن ھىدروفوسفور ۋە كوپىروم ھىدروفوسفور بار ۋە ئاز مىقداردا تۆمۈر بار.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1. فىروزە كۇشتىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، چاياننىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ. 2. ئىككى گرام فىروزە كۇشتىسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە، سەرئىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. فىروزە كۇشتىسىدىن 1.5 گرام، مەرۋايىت كۇشتىسىدىن 2 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ سوپۇپ قىلىپ ئىستېمال قىلسا بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش چۈشۈشنى توسىدۇ. 4. 1.4 گرام فىزوزە كۇشتىسىنى ئالما ياكى ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
كۇھلى سۈرمە.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.