ھەقىقىي ئىنسانلار

بۇ دەۋىردە بىر خىل تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتقان ئىدى. ئۇ دەل ماشىنا ئادەم تېخنىكسى. بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى كىشىلەر بىرىكمە ئادەم (خەنزۇچىدا 合成人، ئىنگىلىزچىدە Synth دەپ ئېلىنغان) دەپ ئاتايدىدىغان بولۇپ ئۇلاردا ھېچقانداق ھېسسىيات ياكى بويۇنتاۋلىق، يالغانچىلىق بولمايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ھەقىقىي ئىنسانلار
باش رولچى گىما چان، كەسىرىنا پاركىنسون، لۇسى كارلىس، كولىن مورگان، توم گودمەن
باشقا نامى Humans
قويۇلغان ۋاقتى 2015-يىلى
رېژىسسور Lewis Arnold
خەنزۇچە ئاتىلىشى 真实的人类
تۈرى ئىلمىي فانتازىيە
ئۇزۇنلىقى 43مىنۇت
ئىشلىگەن شىركەت Channel قانىلى،AMCتېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
بۆلۈم سانى 8

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ دەۋىردە بىر خىل تېخنىكا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتقان ئىدى. ئۇ دەل ماشىنا ئادەم تېخنىكسى. بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى كىشىلەر بىرىكمە ئادەم (خەنزۇچىدا 合成人، ئىنگىلىزچىدە Synth دەپ ئېلىنغان) دەپ ئاتايدىدىغان بولۇپ ئۇلاردا ھېچقانداق ھېسسىيات ياكى بويۇنتاۋلىق، يالغانچىلىق بولمايدۇ. ئۇلار ئائىلىلەردىكى ئۆي خىزمەتكارىلىق ۋەزىپىسىدىن تارتىپ كەسپىي تېخنىكىلىق ئىشلار ۋە مۇلازىمەت ساھەلىرىگە سىڭىپ، كىشىلەرگە كۆپلىگەن ياردەملەرنى قىلىدۇ. كىشىلەر بۇنداق بىرىكمە ئادەمنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پەقەت بەلگىلەنگەن سېتىش نۇقتىلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆز خىزمىتىگە سالىدۇ. باش رول بولغان ئانىتا مۇشۇنداق بىر بىرىكمە ئادەم. ئۇ بىر كۈنى بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ئۆي خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.

بۇ ئۆيدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا تېزلا سىڭىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئۆيدىكى ماتى ئىسىملىك قىز بىر پىروگرامما ھەۋەسكارى. ئۇ بىر قېتىم ئانىتانىڭ پروگراممىسى بىلەن ھەپىلىشىۋېتىپ (بىرىكمە ئادەمنى شەخىسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چۇۋۇشى ۋە پىروگراممىسىنى ئۆزگەرتىشى چەكلەنگەن ) ئۇنىڭدىكى غەيرى كودنى بايقاپ قالىدۇ. ئۇ بۇنى چۈشىنىش مەقسىتىدە تورغا چىقىرىپ چۈشىنىدىغانلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئانىتانى ئىزدەپ يۈرگەن ئۇنىڭ يەنە ئىلگىرىكى ئىگىسى لېئو كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئانىتانىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان لېئو باشقا بىرىكمە ئادەم قېرىنداشلىرىنى ھەر تەرەپلەردىن ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىركۈنى بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى لاۋرا ئانىتانى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ باقماقچى بولۇپ تەكشۈرگەندە ئانىتانىڭ بىر كونا ماشىنا ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ماتى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى پىروگراممىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئانىتا ئۆزىنىڭ ئەسلى «مىيا» ئىسىملىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھېسسىيات ۋە ئاڭغا ئىگە بىرىكمە ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۆز خوجايىنى لېئو ۋە مىڭ تەستە ئۆزىگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك باشقا بىرىكمە ئاكا-ئىنى، سىڭىللىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. مىيا باشچىلىقدىكى بۇ بىر نەچچە بىرىكمە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى لېئوغا كىچىكىدىن بىللە ھەمراھ بولغان ماشىنا ئادەملەر بولۇپ كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئايرىلىپ كەتكەن. لېئو قېرىنداشلىرىنى ئەمدىلا توپلاپ بولۇشىغا ئۇنىڭ بىر بىرىكمە ئادىمى قوغلاپ تۇتۇۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ پىروگراممىسى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغاندا، لېئو مىيانىڭ خوجايىنىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە باشقا ھەمراھلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاخىرىدا ئىنىسىنى قۇتقۇزۋېلىپ تىنىچ تۇرمۇش سەپىرىنى باشلايدۇ...

ئىلمىي فانتازىيە

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#