گىگانت ئادەم يولى

گىگانت ئادەم يولى

شىمالىي ئېرلاندىيەدىكى گىگانت ئادەم يولى ئەلمىساقنىڭ دەسلىپىدىن قىپقالغان قالدۇق پارچىدۇر.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەم ئەلمىساقنىڭ دەسلىپىدە ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرقىنى شەكىللەندۈرگەندە، دىققەتسىزلىكتىن مۇشۇ يەردە كىچىك بىر پارچىنى چۈشۈرۈپ قويغان ، ئۇ بەلكى ئەلمىساقتىن قىپ قالغان ئاخىرقى بىر قالدۇق پارچە بولۇشى مۇمكىن. 

بەزىلەر ، ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە گىگانىت ئادەم يولى دېڭىز قىرغىقى تەبىئەتنىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. مىليۇنلىغان يىللار داۋامىدا مۇز بىلەن ئوت ئۇنىڭ قالتىسلىقىنى ئويۇپ ياساپ چىققان دەيدۇ. 60 مىليۇن يىل ئىلگىرىكى يەر پوستىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى نەتىجىسىدىكى يانار تاغ پارتىلاشتا كۆپ مىقداردا بازاكىت لاۋا تېشىپ چىققان، چوغدەك قىزىل لاۋا گۈزەل دېڭىز قىرغىقىنى قاپلىغان، دېڭىز سۈيى بىلەن يىقىنلىشىش داۋامىدا مۇنتىزىم ئالتە قىرلىق پىرىزما شەكلىدە قېتىشقان، قۇياش نۇرى، دېڭىز شامىلى، ئېقىن سۇ .... نۇرغۇن تاساددىپىي ماس كىلىپ قېلىشلار، ئۇزاق يىللىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۇرۇپ، ئاندىن بۈگۈنكىدەك گىگانىت ئادەم يولى ھالىتىگە كەلگەن. 

گىگانت ئادەم يولى دېڭىز قىرغىقى تەپتەكشى ئەمەس، بۇ يەردىكى تىك يارلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 100 مېتىرغا يىتىدۇ، شەكلى غەلىتە ھەم خەتەرلىك، بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز ساھىلى بازالىتلىق مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك پىرىزمىلار بىلەن تولغان. تەخمىنەن 38000 تالدىن ئارتۇق پىرىزما رەتلىك ھالدا بىر قانچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققىچە سوزۇلغان بولۇپ، بەئەينى ئادەم كۈچى بىلەن ياسالغان تۇغانغا ئوخشايدۇ، كۆرۈنىشى ھەيۋەتلىك، ھەربىر تال تۈۋرۈكنىڭ سىزىقلىرى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، كىشىلەرگە مىليۇنلىغان يىللارنىڭ ئىزلىرىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ، تۇيۇقسىز قارىسا تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئىنچىكلىك بىلەن كۈزەتسەك تۈۋرۈكلەرمۇ ئېگىز-پەس گىرەلىشىپ كەتكەن، رەتلىكلىك ئارىسىغا چەكسىز ئۆزگىرىش يوشۇرۇنغان، تەبىئەتنىڭ قىزىقارلىقلىقى تولۇپ تېشىپ تۇرىدۇ، بەزى تاش تۈۋرۈكلەر تۈۋرۈككە تاقاشقۇدەك ئىگىز بولۇپ پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئېگىز «تۇرخۇن» لىرىغا ئوخشايدۇ. بەزى تاش تۈۋرۈكلەر توم ۋە دۇپدۇگلەك بولۇپ بەئەينى بايلارنىڭ ئۆيىدىكى ھاراق كۈپىگە ئوخشايدۇ؛ بەزى تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ يول-يول سىزىقلىرى زىچ بولۇپ ، خانىملارنىڭ قولىدىكى يەلپۈگۈچكە ئوخشايدۇ.

گىگانت ئادەم فېن.ماككوئول يىراق شوتلاندىيەدىكى بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ، كۆڭلىدىكى ئادىمىنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن، ئۇ مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرسىغا ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرىدىغان توغان ياسىغان. مىڭ گەز تىك يارلار ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى توسۇپ قالالمىغان ، دېڭىز شامىلى ئارىسىدا گىگانىت ئادەمنىڭ سۆيگىنى ئاستا مېڭىپ كەلگەن، گىگانىت ئادەم يولى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ شاھىتى بولۇپ قالغان . گىگانىت ئادەم يولى توغرىسىدىكى راىۋايەت كۆپ، ئەمما پەقەت مۇشۇ بىرسىلا ئەڭ كۆپ تارقالغان.

 

گىگانت ئادەم يولىدا ماڭسا، يىقىندىن تىك ياردىكى تۈۋرۈكلەرنى كۆرگىلى، يىراقتىن قىرغاقتىكى ھەيۋەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇزۇنلۇقى 8 كىلومېتىرغا سوزۇلغان تاش تۈۋرۈكلەر بېغىر رەڭ نۇر چاقناتقان ھالدا تىك ياردىن ئۇدۇل ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قېنىق كۆك سۈيىگە كىرىپ كەتكەن، ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنى ھېچبىر تەپتارتماستىن تاش تۈۋرۈكلەرگە ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، ھەممە يەرنى قاپلىغان ئاپئاق ماغزاپلار بىردەمدىلا غايىب بولىدۇ، نەملەشكەن تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارىلىقلىرى قويۇق يىراق قەدىمكى دەۋىر تۈسى بىلەن تولغان.

بەزى ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سۇ ئېقىمىنىڭ ئۇپرىتىشى، دېڭىز شامىلىنىڭ يالىشى سەۋەبىدىن، گىگانىت ئادەم يولى بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتماقتا ئىكەن. بەلكى يەنە بىر قانچە يۈز يىل ئۆتسە، گىگانت ئادەم يولى مۇزدەك سوغۇق دېڭىز سۈيىگە چۆكۈپ كېتىشى، نەم دېڭىز شامىلى ئارىسىدا غايىب بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا بۇ يەرگە كىلىپ نېمىنى كۆرىمىز؟ بىز بۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان ۋاقىتتا، بەزى ئادەملەر گىگانىت ئادەم يولى يوقىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئەسلىدىلا تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى ئەمەس دېدى. بۇ گەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەنلا ، كىشىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغالدى، گىگانىت ئادەم يولى مۇز بىلەن ئوتنىڭ مەھسۇلى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ نىمىنىڭ مەھسۇلى؟ گىگانت ئادەم يولىنىڭ ئۇلىنىڭ ھازىرغىچە ھېچكىم تاپالمىدى ئۇ تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ يىلتىزسىز دەرەختەك تۇرۇشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ، ئۇلارنىڭ يىلتىزى قەيەردە؟ ئەجىبا يەر شارىنى تىشىپ ئۆتۈپ باشقا بىر دۇنياغا تۇتىشامدۇ؟ 

تەبىئەتنىڭ كۈچى بۇنچىۋالا كارامەت ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋىردىن قىپقالغان خارابىمۇ ياكى باشقا پىلانىتانىڭ بازىسىمۇ؟ بۇ ئىككى خىل قاراش ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋىردىن قىپقالغان خارابە دەپ قارايدىغان ئالىملار ئەنگىلىيەدىكى قورام تاش سىپىنى، فىرانسىيەدىكى كارناك تاش تۈۋرۈكلەر توپىنى گۇۋاھچى قىلىدى، بۇلار گەرچە ئوخشاش بىر دەۋىرنىڭ مەھسۇلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاش يەرلىرى بار . باشقا پىلانىتانىڭ بازىسى دەپ قارايدىغان ئالىملار ئاسترونومىيەلىك ھادىسىلەر خەرىتىسىنى تېپىپ چىقىپ، بىپايان ئاتلانتىك ئوكياندا چوقۇم بىز بىلمەيدىغان سىرلار بار، چۈنكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت يەر شارى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، گىگانت ئادەم يولى بەلكىم ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن باشقا پىلانىتا ئادەملىرى ئالاقە قىلىدىغان بازار ياكى كۆرسەتمە بولۇشى مۇمكىن دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ دېيىشتى، بۇ خىل ئىككى خىل قاراشنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتەلىگۇدەك دەلىل-ئىسپاتلىرى يوق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلماي بولمايدۇ. 

باشقا تاش تۈۋرۈكلەر توپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گىگانىت ئادەم يولى تېخىمۇ ئاددى ساپ بىلىنىدۇ. بەلكى دەل ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ۋە ساپلىقى بىزنىڭ ئۇنىڭ چىنلىقىنى تەتقىق قىلىشقا ئېتىبارسىز قارىشىمىزغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا گىگانت ئادەم يولى يەنىلا سىرلىق قالايمىقان. كىچىك بىر پارچىنى چۈشۈرۈپ قويغان، بۇ بەلكىم ئەلمىساقتىن قىلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قالدۇق پارچە بولۇشى مۇمكىن». 19-ئەسىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تاككېراي «گىگانت ئادەم يولى» دىكى تاش تۈۋرۈكلەرنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە ئەنە شۇنداق دەپ پىچىرلىغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#