ئۇيغۇرچە نامى سومتاش يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苏木塔什乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقچى ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سومتاش يېزىسىسومتاش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىگە جايلاشقان، دۇنياغا مەشھۇر قارچىغا ماكانى.

بۇ يېزىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول، ھەر يىلى قىش پەسلىدە، بۇ يېزىدا بىر نەچچە كۈن ئوۋ ئوۋلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

سومتاش يېزىسىسومتاش يېزىسى دۇنياغا مەشھۇر بۈركۈت ماكانى، يېزا بويىچە 400 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى، ھەممە ئائىلە دېگۈدەك بۈركۈت كۆندۈرىدۇ، بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلايدۇ. 

بۇ سىرلىق زېمىندا، بۈركۈت كۆندۈرۈش، ئوۋچىلىق قىلىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردە ياشاۋاتقان قىرغىزلار سۇ قوغلىشىپ ياشايدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي باياشاتلىق يولىغا ماڭغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنىلا بۈركۈت كۆندۈرۈش، ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىپتىدائىي كۆندۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئوۋ ئوۋلاش ئۇسۇلى ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. بۈركۈت كۆندۈرۈش ئادىتى قىرغىزلارنىڭ ئاغزاكى مىراسى بۇلۇپ، بۈركۈتنىڭ چارۋىچىلار تۇرمۇشىدىكى رولى بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر تۈركۈم ياشلار ئاتىسىنىڭ قولىدىكى بۈركۈتنى قولىغا ئېلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىپايان ھەم چوڭقۇر تاغ جىلغىلىرىدا ئۆزلىرى كۆندۈرگەن ئوۋچى بۈركۈتلەرنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ، قەدىمىي مىللىي ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.

سومتاش يېزىسىقارمىقىدا ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: ئاقتالا كەنتى، قىزىل گۈمبەز كەنتى.[0]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#