كەتىرا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كەتىرا ()
  2. كەتىرا ()
كەتىرا
كەتىرا يۆتەل توختىتىش، يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان توختىتىش، قاننى قويۇلدۇرۇش، نەپەس يوللىرىنى سىلىقلاشتۇرۇش،جاراھەت پۈتتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كەتىرا
تارقالغان رايونلار شىمالىي جۇڭگو ، شەرقىي شىمال ، ئىچكى موڭغۇل ۋە غەربىي شىمال ، ئاساسلىق … دىن چىقىدۇ سەنشى ، خېيلۇڭجياڭ
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان
ئۇرۇقداشلىرى كەتەرا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 黄芪 西黄蓍胶 xi huang shi jiao
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى پۇرچاق ئائلىسى
تۈرى كەتىرا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   كەتىرا يوغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ياز پەسلىدە چېچەكلەپ، چوكا مېۋە تۇتىدۇ. يىلتىزى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە تۆت يىلدىن ئارتۇق ئۆسكەن كونا يىلتىزلىرى كولاپ يىغىۋېلىنىدۇ. يەر ئۈستىدىكى غول ۋە يوپۇرماقلىرى ھەمدە يەر ئاستىدىكى چاچما يىلتىزلىرى يىغىۋېلىنىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن30 ~60 سانتىمېتىر كەسلەپ ساقلىنىدۇ ياكى كېسىپ يالپاقلاپ دورا قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىنغان كەتىرا تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنت سىلىن(eS) بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، سۈپىتىمۇ ياخشى. كەتىرانىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، چارۋا ماللارنىڭ يەم-خەشىكى قىلىنىدۇ.

تونۇش

 تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ، قوشۇمچە يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەكلىك تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈل رېتى قىسقا، گۈللىرى زىچ، كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سېرىق، ئومۇمىي گۈل سېپى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. گۈل كاسسىسى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ، قارا تۈكلىرى بولىدۇ. قاسراقلىق مېۋىسى كۆپۈپ چوڭىيىپ پۈۋەككە ئوخشايدۇ، ئۇرۇقى ئۇششاق بۆرەكسىمان، رەڭگى قارا بولىدۇ.

يېلىمى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

كەتىرانىڭ سۇدا ئېرىيدىغان قىسمى تراگاكانتىن (Tragacanthin) بولۇپ، بۇ سۇدا پارچىلىنىپ، ئەرەب قەنتى، ئارابىنوزا (Arabinose)، گالاكتوزا (Galactose) ۋە گىدىك كىسلاتا (Geddic acid) لارنى ھاسىل قىلىدۇ.[0]

كەتىرا داڭلىق قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ، ئادەم تېنىگە نىسبەتەن ماغدۇر كىرگۈزۈش رولىغا ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە كەتىرانىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، تەننى قۇۋۋەتلەپ مۇسپىيلىكنى ئاشۇرۇش، بەدەننى چىڭىتىپ تەرلەشنى توختىتىش، ھارام ئەتلەر(يىرىڭ) نى چىقىرىپ تاشلاپ ئەت قوندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن بەدەن ئاجىزلىقتىن تەرلەش، چارچاشتىن ئىچى زەخىملىنىش، ئىچى سۈرۈپ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ھەر خىل مەرەز(ئەسۋە) قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. 

ھازىرقى زامان تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كەتىرانىڭ يۈرەكنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىش رولى بولۇپ، بولۇپمۇ زەھەرلىنىش ياكى چارچاش سەۋەبىدىن زەئىپلەشكەن يۈرەك كېسەللىكىگە نىسبەتەن كۈچەيتىش رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىمۇ بار بولۇپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ياخشىلايدىكەن ھەمدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. كەتىرانىڭ يەنە جىگەرنى قوغداش، بۆرەك ياللۇغىنى داۋالاش روللىرىمۇ بار ئىكەن.

1. بىھى ئۇرۇقى 10 گرام، كەتىرا 3 گرام ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا قۇرۇق يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. كەتىرا 10 گرام ، ئېشەك سۈتى 100 مىللىي ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەتلىك.

3. كەتىرا 10 گرام ، ھەسلە سۈيى 100 مىللىلىتىر، ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، ئىچكى ئەزا جاراھىتى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. كەتىرادىن 5 گرامنى بىر ئاز بۇغا مۈڭگۈزى سۈيى بىلەن قوشۇپ چىلپ، يېرىم گرام زەمچىنى ئېزىپ مەزكۇر سۇغا قوشۇپ ئىچسە، بۆرەك ئاغرىقى ۋە دوۋساق كۆيۈشۈپ ئاغرىشنى دەرھال توختىتىدۇ.

5. كەتىرادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، بادام مېغىزى، نىشاستە ۋە شېكەر قوشۇپ ئىچسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئارقىدىن نارجىل بىلەن قاينتىىلغان سۈت ئىچسە، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. كەتىرا 10 گرام،  خۇنسىياۋشان 4 گرام، كەتىرا 5 گرام، ئاقاقىيا، ئەنجىباھاردىن 7. گرامدىن، قائىدە بويىچە سوقۇپ تالقانلاپ ئىچسە ياكى سىرتىدىن چاپسا، ئىچكى – تاشقى ئەزالاردىكى قاناشنى توختىتىدۇ.

ئېلىمىزدىكى داڭلىق كەتىرالاردىن ئىچكى موڭغۇل كەتىراسى(تۈكلۈك كەتىرا) كۆپىنچە ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، سەنشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ؛ شەرقىي شىمال كەتىراسى(پەردە قاسىراقلىق كەتىرا) كۆپىنچە شەرقىي شىمال، خېبېي، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. بۇ ئىككى خىل كەتىرانىڭ يىلتىزى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل بىلەن غەربىي شىمالدىن چىقىدىغانلىرى ئېسىل سورتلار ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=201

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#