سۆسەر (تاغ بۇلغۇنى)

سۆسەر (تاغ بۇلغۇنى) دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، تەن تۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە، تىۋىتلىرى ئاق بولىدۇ. باش قىسمى سۇس كۈل رەڭ قوڭۇر بولۇپ، قۇلىقىنىڭ چۆرىسى ئاق بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى سۆسەر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石貂
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئاغمىخانلار ئائىلىسى
باشقا ئاتىلىشى تاغ بۇلغۇنى، سۈپۈرگە قۇيرۇق
لاتىنچە ئاتىلىشى Martes foina
تۈركۈمى گۆشخورلار ئەتىرىتى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئۇرۇقدېشى سۆسەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۆسەر

 سۆسەر (تاغ بۇلغۇنى) نىڭ تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، 10– 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، قۇيرۇقى ئۇزۇن بولۇپ،25–30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەتتە قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 

تەن ئېغىرلىقى 1500 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. پۇتلىرى قىسقا ھەم ئىنچىكە، پۇتىدا قىسقا بەش بارمىقى، بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى تار ياغاق پەردىلىرى بولىدۇ، قۇلىقى يۇمىلاق بولىدۇ. تىرناقلىرى ئىنچىكە، ناھايىتى ئۆتكۈر بولىدۇ. بارماقلىرى تۈكلۈك، بېشى ئۈچبۇرجەكسىمان، ئۇزۇن قۇيرۇقى پاخپايغان ھالەتتە بولىدۇ.

    تەن تۈكلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە، تىۋىتلىرى ئاق بولىدۇ، باش قىسمى سۇس كۈل رەڭ قوڭۇر بولۇپ، قۇلىقىنىڭ چۆرىسى ئاق بولىدۇ، پۇتلىرىنىڭ ئالدى قىسمىدىكى تۈكلىرى قېنىق بولىدۇ. 

بوغۇز قىسمىدا ناھايىتى روشەن يوغان ئاق داغ بولىدۇ، بۇ ئاق داغ كۆكرەك قىسمىغا ئۇزىراپ تۆش قىسمىغا كەلگەندە،ياي شەكىللىك بولۇپ قالىدۇ، تېنىنىڭ كىچىك بولۇشى، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى بىلەن قارا بۇلغۇندىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، باش سۆڭىكى قارا بۇلغۇننىڭ باش سۆڭىكىدىن چوڭ بولىدۇ، چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، غاجىلاشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

سۆسەر (تاغ بۇلغۇنى)سۆسەر ئادەتتە تەبىئىي تاش كامارلارنى ئۇۋا قىلىدۇ، ئاساسلىقى ئورمان ئەتراپىدىكى تاشلىق ئوتلاقلاردا ياشايدۇ. ئېگىز – پەس تۆپىلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۇۋىسى تۇراقلىق بولمايدۇ، كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، كۈندۈزى ئاساسەن ئۇۋىسىدىن چىقمايدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ.

 ھەرىكەت قىلغاندا، ئۇنىڭ پاخپايغان قۇيرۇقى يەرنى سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى ‹‹سۈپۈرگە قۇيرۇق››دەپمۇ ئاتايدۇ.

 ئۇ ناھايىتى ۋەھشىي ھەم چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولغاچقا، ئۆزىدىن بىرقانچە ھەسسە چوڭ ھايۋاننىمۇ چىشلەپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. ھەرىكىتى ناھايىتى چاققان بولۇپ، يامىشىشقا ماھىر كېلىدۇ.

 سۆسەر يىلدا بىر نۆۋەت تۈك تاشلايدۇ. تۈك تاشلاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، 4– ئايدىن باشلاپ 9– ئايغىچە كونا تۈكلىرىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ تۈك تاشلاش رەت تەرتىپى بولۇپ، بېشى، دۈمبىسى، قۇيرۇقى، تېنىنىڭ ئىككى يېنى، تۆت پۇتى، قورساق قىسمى، تۇمشۇقى بويىچە بولىدۇ. سۆسەرنىڭ پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان، تۇمشۇقىدا بۇرۇتچىلىرى بولىدۇ.

سۆسەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى كۆپ خىل بولۇپ، چاشقانلار، كىچىك تىپتىكى قۇشلار، ياۋا توشقان، قوش ماكانلىقلار، قۇش تۇخۇملىرى ۋە بىر قىسىم ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بەزىدە ئۆي قۇشلىرىغىمۇ تەھدىت سالىدۇ.

سۆسەر (تاغ بۇلغىنى)

ئۇ 7–ئايدا جۈپلىشىشكە باشلاپ 8–ئايدا ئاخىرلاشتۇرىدۇ. يىلدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا3 – 5 كېچە، بەزى چاغلاردا 3–9 غىچە تۇغىدۇ. ئۇنىڭ بوغاز ۋاقتى 8–9 ئاي بولۇپ، بوغاز بولۇپ ئىككىنچى يىلى 2–، 3– ئايلاردا تۇغىدۇ. تۇغۇلغان بالىسى قارامتۇل بولۇپ، خۇددى كىچىك چاشقانغا ئوخشايدۇ.

سۆسەر

دۆلىتىمىزدە ئىككى كەنجى تۈرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىگە بىر كەنجى تۈرى تارقالغان، ئۇ شىنجاڭ كەنجى تۈرى دەپ ئاتىلىدۇ.

 ئۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئالتاي تېغى، تەڭرىتېغى، تارباغاتاي تېغى ۋە كوئىنلۇن تېغىغا تارقالغان. ئىچكى ئۆلكىلەردىن شەنشى، نىڭشيا، چىڭخەي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، سىچۈەن، يۈننەن، لياۋنىڭ، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. چەت ئەللەردە ياۋروپا، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە تارقالغان.

سۆسەر

سۆسەر تېرىسى ناھايىتى ئەتىۋارلىق بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تېرىلەرگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن باش كىيىم، چاپان، پەلتو، ياقىلىقلار داڭلىق بولۇپ، ناھايىتى قىممەت باھادا سېتىلىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ چاشقان قاتارلىق بىر قىسىم غاجىلىغۇچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئوتلاقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا، چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولغاچقا، ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىپ كۆرگەزمە قىلىنىپ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ، ئۇنى قولدا بېقىپ كۆپەيتىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556601.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#