ياڭ خۇچېڭ

ياڭ خۇچېڭ

ياڭ خۇچېڭ (1893-1949-يىللار) ئېلىمىزدىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فوچېڭ دېگەن يېرىدىن، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بېسىمىغا چىداپ تۇرالماي، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا «بايلارنى يوقىتىپ نامراتلارنى قۇتقۇزىدىغان» جۇڭچيۇ ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان. 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1917-يىلى شەنشى جىڭگوجۈن ئارمىيەسى 5-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ياڭ خۇچېڭ
باشقا نامى 杨忠祥
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1893-يىلى
قان تىپى O
خەنزۇچە ئىسمى 杨虎城
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فوچېڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1949-يىلى
كەسپى قوماندان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياڭ خۇچېڭياڭ خۇچېڭ (1893-1949-يىللار) ئېلىمىزدىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ فوچېڭ دېگەن يېرىدىن، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بېسىمىغا چىداپ تۇرالماي، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا «بايلارنى يوقىتىپ نامراتلارنى قۇتقۇزىدىغان» جۇڭچيۇ ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان. 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1917-يىلى شەنشى جىڭگوجۈن ئارمىيىسى5-يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1924-يىلى فېڭ يۈشياڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئارمىيەدە دىۋىزىيە كوماندىرى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان. 1927-يىلى قىسىمنى باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ كورپۇس كوماندىرى، شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى، شىئەن سۈيچىڭ مەھكىمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 

ياڭ خۇچېڭ«18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياڭ خۇچېڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن جياڭ جيېشى ئۇنى قىزىل ئارمىيىنى «قورشاپ يوقىتىش» قا بۇيرۇغان. قىزىل ئارمىيە بىلەن جەڭ قىلىش داۋامىدا، ئۇنىڭ قىسمى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئۇ قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىم تۈزگەن. 1936-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا، جياڭ جيېشى شىئەنگە كېلىپ ياڭ خۇچېڭ بىلەن جاڭ شۆلياڭنىڭ «كومپارتىيىنى قورشاپ يوقىتىش» ىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان. ياڭ خۇچېڭ بىلەن جاڭ شۆلياڭ كۆپ قېتىم جياڭ جيېشىغا نەسىھەت قىلىپ، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپونغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كەسكىن ھالدا شىئەن ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، جياڭ جيېشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى «ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، بىرلىكتە ياپونغا قارشى تۇرۇش» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىشقا قىستىغان. 

شىئەن ئۆزگىرىشىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشى جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، جياڭ جيېشى ياڭ خۇچېڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارمىيەدىن ئايرىلىپ «چەت ئەلگە تەكشۈرۈش» كە بېرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۇ چەت ئەلدە تۇرۇپ نەچچە قېتىم جياڭ جيېشىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش، ئادەتتىكى بىر ئەسكەر بولۇپ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1937-يىلى 11-ئايدا، ئۇ فرانسىيەدىن قايتىپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان. لېكىن، ئۇ نەنچاڭغا يېتىپ كېلىشى بىلەنلا جياڭ جيېشى تەرىپىدىن ئۇزاق مۇددەت نەزەربەندكە ئېلىنغان. 1949-يىلى 9-ئايدا، جياڭ جيېشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلىرى ياڭ خۇچېڭنى چۇڭچىڭنىڭ سۇڭ لىنپۇ دېگەن يېرىدىكى «دەيگۇڭسى» ئىچىدە خەنجەر بىلەن قەتل قىلغان. 

ياڭ خۇچىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇشقا چوڭ تۆھپە قوشقان. جۇ ئېنلەي جاڭ شۆلياڭ بىلەن ياڭ خۇچېڭغا «تۆھپىكار ئەزىمەت» دەپ باھا بەرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#