جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق بازار. جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 2 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 轮南镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۈگۈر ناھىيەسى
نوپۇسى 3000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرى جۇڭگو شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار. 1994-يىلى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى تەسىس قىلىنغان. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 2 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 3000، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 11.5، خەنزۇلار % 88 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىغا قاراشلىق توغراق ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش پونكىتى، جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى، تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق ئۈچ ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئۈچ توغراق كەنت كومىتېتى بار. تارىم نېفىت چارلاش-ئېچىش بۈگۈر ئالدىنقى سېپى قوماندانلىق شتابى تۇرۇشلۇق جاي.

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرى ناھىيە بازىرىدىن 78 كىلومېتىر يىراقلىقتا، شەرقىي سوخۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا چۇمپاق بازىرى، قاراباغ يېزىسى، جەنۇبىي تەرىپى تارىم دەرياسى ۋە لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي كۇچا ناھىيىسى بىلەن قوشنا، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2063 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرى 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان، بازارلىق ھۆكۈمىتى 2000-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ جەنۇبىي بۈگۈر نېفىتلىكى ئولتۇراق رايونى بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم نېفىت مەنبەسىنى چارلاش-ئېچىش خىزمىتىدىكى ماددىي ئەشيا يىغىش-تارقىتىش ئورنى ۋە مۇھىم قاتناش يولى بۇلۇپ قالغان. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىن باشلىنىدۇ. 

جەنۇبىي بۈگۈر بازىرىجەنۇبىي بۈگۈر بازىرىدىكى 2500 مو قوغۇن ئېكىسپورت بازىسى ھازىر كورلا چېگرا پرىيوم-كارانتىن ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىشىدىن ئۆتكەن، بۇ بايىنغۇلىن ئوبلاستى بويىچە تۇنجى رويخەتكە ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن قوغۇن ئېكسپورت بازىسى. ئۇزۇن يىللىق قوغۇن تېرىش تارىخىغا ئىگە، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق رايونى ئاساسلىقى بۈگۈرنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسىغا جايلاشقان. يېقىندىن بېرى، جەنۇبىي بۈگۈر بازىرى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەدرىجىي ئازايتىش، يېتەكلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ  قوغۇن تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشقان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#