داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى

داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى

داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 55-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 医疗事故处理条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 351-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 351-نومۇرلۇق پەرمانى

«داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 55-يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىنىپ، 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

 زۇڭلى جۇرۇڭجى

2002-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، بىمارلار ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەم ئۇنىڭ تېببىي خادىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، داۋالاش تەرتىپىنى ساقلاش، داۋالاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تېببىي پەن تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان داۋالاش ھادىسىسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى داۋالاش پائالىيىتىدە داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسى ۋە دىئاگنور قويۇپ داۋالاش، كۈتۈش ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىمارلارغا سەۋەنلىك بىلەن جىسمانىي زىيان يەتكۈزگەن ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاشكارا، ئادىل، لىللا، ۋاقتىدا بولۇش، پۇقرالارغا قولايلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، راستچىل بولۇش ئىلمىي پوزىتسىيىسىگە چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئېنىقلاش، خاراكتېرىنى توغرا بېكىتىش، جاۋابكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

4-ماددا داۋالاش ھادىسىسى بىمار ئۇچرىغان جىسمانىي زىيانغا قاراپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

1-دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسى؛ بىمار ئۆلۈپ كېتىش، ئېغىر مېيىپ بولۇش؛

2-دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسى؛ بىمار ئوتتۇراھال مېيىپ بولۇش، ئەزا توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ، ئېغىر فونكىسىيىلىك توسالغۇغا ئۇچراش؛

3-دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسى؛ بىمار يېنىك مېيىپ بولۇش، ئەزا توقۇلمىلىرى زەخىملىنىپ، ئادەتتىكى فۇنكىسىيىلىك توسالغۇغا ئۇچراش؛

4-دەرىجىلىك داۋالاش ھادىسىسى؛ بىمار روشەن جىسمانىي زىيانغا ئۇچراشتەك باشقا ئاقىۋەت كېلىپ چىقىش.

دەرىجىگە ئايرىشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ.

2-باب داۋالاش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش

5-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى داۋالاش پائالىيىتىدە داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسى ۋە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش، كۈتۈش ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، داۋالاش مۇلزىمىتى كەسپىي ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى شەرت.

6-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ تېببىي خادىملىرىنى داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسى ۋە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش، كۈتۈش ئۆلچەم-قائىدىلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى كەسپىي ئەخلاقى جەھەتتە تەربىيىلىشى كېرەك.

7-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى تەسىس قىلىشى ياكى مەخسۇس (قوشۇمچە) خادىملارنى قويۇشى لازىم، ئۇلار شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىشقا، تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە، بىمارلارنىڭ داۋالاش مۇلزىمىتى ئۈستىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىشكە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

8-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن تەلەپ بويىچە يېزىشى ھەمدە ئوبدان ساقلىشى كېرەك.

جىددىي، خەتەرلىك بىمارنى قۇتقۇزۇشتا كېسەل تارىخى ۋاقتىدا يېزىلماي قالسا، مۇناسىۋەتلىك تېببىي خادىملار جىددىي قۇتقۇزۇش ئاخىارلاشقاندىن كېيىن ئالتە سائەت ئىچىدە ئەينەن تولۇقلاپ خاتىرىلىشى ھەمدە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

9-ماددا كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى ئۆزگەرتىش، ياسىۋېلىش، يوشۇرۇپ قويۇش، يوقىتىۋېتىش ياكى تارتىۋېلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

10-ماددا بىمار ئامبولاتورىيە كېسەل تارىخى، كېسەلخانا خاتىرىسى، بەدەن تېمپىراتورىسى قەغىزى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمە قەغىزى، لابوراتورىيە قەغىزى (تەكشۈرۈش اوكلاتى)، تېببىي سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، ئالاھىدە تەشكۈرۈش ماقۇلنامىسى، ئوپېراتسىيە ماقۇلنامىسى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوز خاتىرىسى، پاتولوگىيىلىك ماتېرىيال، كۈتۈش خاتىرىسى ھەمدە گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

بىمار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆپەيتىلىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋالاش ئاپپاراتى كۆپەيتىپ بېرىشى ھەمدە ئىسپات تامغىسى بېسىپ بېرىشى كېرەك. كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆپەيتىشتە بىمار تۆپىدە تۇرۇشى لازىم.

داۋالاش ئاپپاراتى بىمارنىڭ تەلىپى بويىچە كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆپەيتىپ بېرىشتە بەلگىلىمە بويىچە تەننەرخ پۇلى ئالسا بولىدۇ. كونكرېت ھەق ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

11-ماددا داۋالاش پائالىيىتىدە، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى، داۋالاش تەدبىرى، داۋالاش خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلارنى بىمارغا ئەينەن ئېيتىشى، بىمارنىڭ سورىغانلىرىغا ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىشى كېرەك؛ بىمارغا پايدىسىز ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش لازىم.

12-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ، داۋالاش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، داۋالاش ھادىسىسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.

13-ماددا تېببىي خادىملار داۋالاش پائالىيىتىدە داۋالاش ھادىسىسى، داۋالاش ھادىسىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان داۋالاش سەۋەنلىكى كۆرۈلگەندە، ئۇنى سەزگەندە ياكى داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، شۇ بۆلۈم مەسئۇلىغا دەرھال دوكلات قىلىشى، بۆلۈم مەسئۇلى شۇ داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى ياكى مەخسۇس (قوشۇمچە) خادىملىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك؛ داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى ياكى مەخسۇس (قوشۇمچە) خادىملىرى دوكلاتنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈپ ۋە ئېنىقلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى شۇ داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىغا ئەينەن دوكلات قىلىشى ھەمدە بىمارغا خەۋەر قىلىشى، چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

14-ماددا داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، داۋالاش ئاپپاراتى بەلگخلىمە بويىچە شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

داۋالاشتا تۆۋەندىكى زور سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە، داۋالاش ئاپپاراتى 12 سائەت ئىچىدە شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك:

(1) بىمارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش ياكى 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ھادىسىسىگە توشۇش ئېھتىمالى بولۇش؛

(2) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم جىسمانىي زەخمىگە ئۇچراش ئاقىۋىتى كېلىپ چىقىش؛

(3) گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋال.

15-ماددا داۋالاش سەۋەنلىكى يۈز بەرگەندە ياكى سېزىلگەندە، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە يېتىدىغان زىياندىن ساقلىنىشى ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشى، زىيان كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

16-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە ئۆلگۈچىنىڭ كېسەل ئەھۋالى مۇزاكىرە خاتىرىسى، چىگىش كېسەل مۇزاكىرە خاتىرىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرنىڭ ياتاق تەشكۈرۈش خاتىرىسى، كوللېكتىپ دىئاگنوز پىكرى، كېسەل جەريانى خاتىرىسىنى داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ تۆپىدە تۇرغان ئەھۋالدا پېچەتلەش ۋە ئېچىش كېرەك. پېچەتلىنىدىغان كېسەل تارىخى ماتېرىيالى كۆپەيتمە نۇسخىسى بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى داۋالاش ئاپپاراتى ساقلايدۇ.

17-ماددا سۇيۇقلۇق، قان، ئوكۇل، دورا قاتارلىقلاردىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققانلىق گۇمانى بولسا، داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ بىرلىكتە نەق مەيداندىكى بۇيۇمنى پېچەتلىشى ۋە ئېچىشى كېرەك، پېچەتلەنگەن بويۇمنى داۋالاش ئاپپاراتى ساقلايدۇ؛ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كۆرسەتكەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كۆرسىتەلمىسە، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قان بېرىشتىن يامان ئاقىۋەت كېلى چىققانلىق گۇمانى بولۇپ، قاننى پېچەتلەپ ساقلاپ قويۇشقا توغرا كەلسە، داۋالاش ئاپپاراتى شۇ قان بىلەن تەمىنلىگەن ئاپپاراتقا ئادەم ئەۋەتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا بىمار ئۆلۈپ كېتىپ، داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ ئۆلۈش سەۋەبىنى بېكىتەلمىگەندە ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئۈستىدە باشقىچە پىكىر بەرگەندە، بىمار ئۆلگەندىن كېيىن 48 سائەت ئىچىدە جەسەتنى تەكشۈرۈش كېرەك؛ جەسەتنى توڭلىتىپ ساقلاش شارائىتى بولسا، ۋاقىتنى يەتتە كۈنگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ. جەسەتنى تەكشۈرۈشكە ئۆلگۈچىنىڭ يېقىن تۇغقىنى قوشۇلۇشى ھەمدە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

جەسەتنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئاپپارات ۋە پاتولوگىيىلىك ئوپېراتسىيە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تەكشۈرۈشى كېرەك. جەسەت تەكشۈرىدىغان ئاپپارات ۋە پاتولوگىيىلىك ئوپېراتسىيە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار.

داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلار قانۇن دوختۇرلۇق پاتولوگىيە خادىملىرىنى جەسەت تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، جەسەت تەكشۈرۈش جەريانىنى كۆزىتىشكە ۋەكىل ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ. جەسەت تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ ياكى كەينىگە سۆرەپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئۆلۈش سەۋەبىنى بېكىتىشكە تەسىر يەتكۈزۈلسە، رەت قىلغۇچى ياكى كەينىگە سۆرىگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

19-ماددا بىمار داۋالاش ئاپپاراتىدا ئۆلۈپ كەتسە، جەسەتنى دەرھال جەسەتخانىغا يۆتكەش كېرەك. ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى ساقلاش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئاشمايدۇ. مۆھلەت ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلىنمىغان جەسەت داۋالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك ج خ تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، داۋالاش ئاپپاراتى تەرىپىدىن بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

3-باب داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش

20-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاشتىكى زور سەۋەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ياكى داۋالاش ھادىسىسى تالاتاش-تارتىشى قىلغۇچىلارنىڭ داۋالاش ھادىسىسى تالتاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكلىق باھالاش زۆرۈر بولسا، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيتىنىڭ باھالىتىپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالىتىشنى زۆرۈر تاپسا، ئىككى تەرەپ داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتىگە باھالىتىپ بېرىشنى بىرلىكتە ھاۋالە قىلىدۇ.

21-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك يەرلىك مېدىتسىنا جەمئىيىتى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ناھىيە (شەھەر) لەردىكى يەرلىك مېدىتسىنا جەمئىيەتلىرى داۋالاش ھادىسىسىنى تۇنجى تېخنىكلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى يەرلىك مېدىتسىنا جەمئىيەتلىرى قايتا باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

زۆرۈر تېپىلغاندا، جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتى چىگىش-مۇرەككەپ ھەمدە مەملىكەت بويىچە زور تەسىرى بار داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ.

22-ماددا ئالاقىدارلار داۋالاش ھادىسىسىنى تۇنجى تېخنىكىلىق باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىسا، تۇنجى باھالاش يەكۈنىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە داۋالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا قايتا باھالىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

23-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكلىىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك.

مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ:

(1) ياخشى كەسپىي ساپاسى ۋە كەسىپكارلىق پەزىلىتى بولۇش؛

(2) داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ياكى تېببىي ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتى تەكىپ قىلغان ھەمدە مۇناسىپ كەسىپتە ئالىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇش.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان ھەمدە ئالىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەش لاياقىتى بولغان قانۇن دوختۇرلىرى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىنسا بولىدۇ.

داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيەتلىرى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە قانۇن دوختۇرلىرىنى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىشتا مەمۇرىي رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسا بولىدۇ.

24-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكلىق باھالاش ئىشىنى بۇ خىزمەتنى ئيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمىيىتى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ قىلىدۇ.

داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا قاتنىشىدىغان ئالاقىدار كەسىپتىكى مۇتەخەسسىسلەرنى داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن تاللىۋالىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا، مېدىتسىنا جەمئىيىتى داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىكى تەرەپنى باشقا مېدىتسىنا جەمئىيىتى قۇرغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ئالاقىدار كەسىپتىكى مۇتەخەسسىسلەرنى باھالاشقا قاتنىشىشتا ياكى خەت-ئالاقە ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىشكە تاللىۋېلىشقا ئۇيشۇتۇرسا بولىدۇ.

بۇ نىزامنىڭ 23-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكلىپ بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا كىرىش ھەمدە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

25-ماددا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشتا كېڭىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ سانى تاق بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق پەندىكى مۇتەخەسسىسلەر ئومۇمەن باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ؛ ئۆلۈش سەۋەبى، مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاشتا، مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن يەنە قانۇن دوختۇرلىرىنى تاللاپ مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسىغا قاتناشتۇرۇش كېرەك.

26-ماددا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك، ئالاقىدارلار ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ:

(1) داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلار ياكى ئالاقىدارلارنىڭ يېقىن تۇغقىنى؛

(2) داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىرى؛

(3) داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولغانلىقتىن، ئادىل باھالاشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىرى.

27-ماددا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسى ۋە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش، كۈتۈش ئۆلچەم-قائىدىلىرى بويىچە، تېببىي پەن قائىدىسى ۋە كەسپىي بىلىمىنى تەتبىقلاپ، داۋالاش ھادىسىسىنى مۇستەقىل تېخنىكىلىق باھالاپ، داۋالاش ھادىسىسىنى پەرقلەندۈرۈپ ۋە بېكىتىپ، داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تېببىي ئاساس يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىگە كاشىلا قىلىشىغا، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىشىغا، ئۇلارنى ئازدۇرۇشىغا، ھاقارەتلىشىگە، ئۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى ڭئىككى تەرەپتىن پۇل-مال ياكى باشقا مەنپەئەت ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

28-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتى داۋالاشس ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلارغا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدار مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا دائىر ماتېرىيال، يازما بايان ۋە جاۋابىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى تاپشۇرىدىغان داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا دائىر ماتېرىيال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) كېسەلخانىدا ياتقان بىمارنىڭ كېسەل جەريانى خاتىرىسى، ئۆلگۈچىنىڭ كېسەل ئەھۋالى مۇزاكىرە خاتىرىسى، چىگىش كېسەل مۇزاكىرە خاتىرىسى، كوللېكتىپ دىئاگنوز پىكىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرنىڭ ياتاق تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛

(2) كېسەلخانىدا ياتقان بىمارنىڭ كېسەلخانا خاتىرىسى، بەدەن تېمپىراتورىسى قەغىزى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمە قەغىزى، لابوراتورىيە قەغىزى (تەكشۈرۈش دوكلاتى)، تېببىي سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، ئالاھىدە تەكشۈرۈش ماقۇلنامىسى، ئوپېراتسىيە ماقۇللانمىسى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوز خاتىرىسى، پاتولوگىيىلىك ماتېرىيال، كۈتۈش خاتىرىسى قاتارلىق كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛

(3) جىددىي، خەتەرلىك بىمارنى قۇتقۇزۇشتا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تولۇقلىغان كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛

(4) پېچەتلەپ ساقلاپ قويۇلغان سۇيۇقلۇق، ئوكۇل بويۇملىرى ۋە قان، دورا قاتارلىق بۇيۇملار ياكى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ بۇ بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

(5) داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا ئالاقىدار باشقا ماتېرىياللار.

ئامبولاتورىيىدە، جىددىي داۋالاش بۆلۈمىدە داۋالانغان بىمارنىڭ داۋالاش ئاپپاراتىدا كېسەل تارىخى ئارخىپى بولسا، ئۇنىڭ كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى داۋالاش ئاپپاراتى تەمىنلەيدۇ؛ داۋالاش ئاپپاراتىدا كېسەل تارىخى ئارخىپى بولمىسا، بىمار ئۆزى تەمىنلەيدۇ.

داۋالىغۇچى بىلەن بىمار ئىككى تەرەپ بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى يولسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەينەن تەمىن ئەتمىگەنلىكتىن، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش مۇمكىن بولمىسا، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

29-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتى ئالاقىدارلانرىڭ داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا دائىر ماتېرىيالى، يازما بايانى ھەمدە جاۋابىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە باھالاشنى ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش قەغىزىنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتى ئىككى تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئالسا بولىدۇ.

30-ماددا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئىككى تەرەپ تاپشۇرغان ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ بايانى، جاۋابىنى ئاڭلىشى ھەمدە ئېنىقلىشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگخلىمە بويىچە ئەينەن تاپشۇرۇشى ھەمدە تەكشۈرۈشكە پائال ماسلىشىشى كېرەك. بىر تەرەپ ماسلاشماي، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا تەسىر يەتكۈزسە، شۇ تەرەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

31-ماددا مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق بولۇش ئاساسىدا، بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى ۋە شەخسىي پەرقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، باھالاش يەكۈنى چىقىرىشى ھەمدە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش قەغىزى تەييارلىشى كېرەك. باھالاش يەكۈنى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. باھالاش جەريانىدىن ئەينەن خاتىرە قالدۇرۇش لازىم.

داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش قەغىزى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەلىپى؛

(2) ئالاقىدارلار تاپشۇرغان ماتېرىياللار ۋە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسنا جەمئىيىتىىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى؛

(3) باھالاش جەريانى ئىزاھاتى؛

(4) داۋالاشنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاشنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسى ۋە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش، كۈتۈش ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە خىلاپ بولغان-بولمىغانلىقى؛

(5) داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىلەن جىسمانىي زەخىم ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى؛

(6) داۋالاشتىكى سەۋەنلىكنىڭ داۋالاش ھادىسىسى زەخىم ئاقىۋىتىدىكى جاۋابكارلىق دەرىجىسى؛

(7) داۋالاش ھادىسىسىنىڭ دەرىجىسى؛

(8) داۋالاش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان بىمارنى داۋالاش-كۈتۈشكە دائىر تېببىي تەكلىپ.

32-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن سەھىيە تارمىقى تۈزىدۇ.

33-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانمايدۇ:

(1) جىددىي ئەھۋالدا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي تېببىي تەدبىر قوللىنىش تۈپەيلىدىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا؛

(2) داۋالاش پائالىيىتىدە بىمارنىڭ كېسەل ئەھۋالى نورمالسىز بولۇش ياكى بىمارنىڭ تېنى ئالاھىدە بولۇش تۈپەيلىدىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا؛

(3) ھازىرقى تېببىي پەن-تېخنىكا شارائىتىدا مۆلچەرلىگىلى ياكى ساقلانغىلى بولمايدىغان يامان ئاقىۋەت كۆرۈلگەن بولسا؛

(4) خاتالىق بولمىسىمۇ قان بېرىشتىن يۇقۇملىنىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا؛

(5) بىمارنىڭ سەۋەبىدىن دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش كېچىكىپ قېلىپ، يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا؛

(6) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىققان بولسا.

34-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشتا باھالاش ھەققى ئېلىنسا بولىدۇ. باھالاش ئارقىلىق داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانغانلىرىنىڭ باھالاش ھەققىنى داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەيدۇ؛ داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانمىغانلىرىنىڭ باھالاش ھەققىنى داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلەيدۇ. باھالاش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

4-باب داۋالاش ھادىسىسىنى مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە نازارەت قىلىش

35-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ نىزام ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماق قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتى ۋە تېببىي خادىملارنى مەمۇرىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

36-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاشتىكى زور سەۋەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، داۋالاش ئاپپاراتىنى زۆرۈر داۋالاش-قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ زىيانلىق ئاقىۋىتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغاندىن سىرت، تەكشۈرۈش ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇنىڭ داۋالاش ھادىسىسى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشى؛ داۋالاش ھادىسىسى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتەلمىگەندە، مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرۇغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتىگە باھالىتىپ بېرىشنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

37-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، ئالاقىدارلار سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىن برى تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. ئىلتىماسقا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئالاقىدار پاكىت، كونكرېت تەلەپ ۋە ئاساس قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

ئالاقىدارلار تەن سالامەتلىكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانكۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە سەھىيە مەمۇرىي تارمى, قىغا داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

38-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، ئالاقىدارلار سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۇنى داۋالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاي بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولسا، ئۇنى داۋالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايونلۇق، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللانرىڭ بىرى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دوكلاتىنى ياكى ئالاقىدارلارنىڭ داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

(1) بىمار ئۆلۈپ كەتسە؛

(2) 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ھادىسىسىگە توشۇش ئېھتىمالى بولسا؛

(3) گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋال.

39-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلىشى، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش زۆرۈر بولسا، قوبۇل قىلىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى داۋالاش ھادىسىىسنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ باھالىتىشىغا تاپشۇرۇشى ھەمدە ئىلتىما سقىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن قوبۇل قىلمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا 

يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئالاقىدارلار داۋالاش ھادىسىسىنى تۇنجى تېخنىكىلىق باھالاش يەكۈنىگە باشقىچە پىكىردە بولۇپ، قايتا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى يەرلىك مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ قايتا باھالىتىپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

40-ماددا ئالاقىدارلار داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغىمۇ ئىلتىما سقىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ دەۋا قىلغان بولسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلمايدۇ؛ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قوبۇل قىلغانبولسا، بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.

41-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغنادىنكېيىن، باھالاشقا قاتناشقان خادىملارنىڭ لاياقىتى، كەسىپ تۈرى ۋە باھالاش تەرتىپىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلىسە، داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىسا بولىدۇ.

42-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بوپتۇ دەپ قارىغان داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش يەكۈنىنى داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتى ۋە تېببىي خفدىملارنى مەمۇرىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشنىڭ بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى سەزسە، قايتا باھالاشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

43-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلغان بولسا، كېڭىشىپ ھەل قىلغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە، داۋالاش ئاپپاراتى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات يوللىشى ھەمدە كېلىشىمنامىنىمۇ سۇنۇشى كېرەك.

44-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە ياكى ھۆكۈم ئارقىلىق ھەل قىلغان بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇرەسسەنامىسى ياكى ھۆكۈمنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات يوللىشى ھەمدە مۇرەسسەنامە ياكى ھۆكۈمنامىسىنىمۇ سۇنۇشى كېرەك.

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ جايدا يۈز بەرگەن داۋالاش ھادىسىسى ھەمدە داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتى ۋە تېببىي خادىملارنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋلاىنى بەلگخلىمە بويىچە گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغىچە دەرىجىمۇ دەرىجە يوللىشى كېرەك.

5-باب داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى

46-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى تالاش-تارتىشىنى داۋالىغۇچى بىلەن بىمار كېڭىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، ئالاقىدارلار سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ.

47-ماددا ئىككى تەرەپ داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى تالاش-تارتىشىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا كېلىشىمنامە تەييارلىشى كېرەك. كېلىشىمنامىگە ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە داۋالاش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى، ئىككى تەرەپ ئورتاق بېكىتكەن داۋالاش ھادىسىسىنىڭ دەرىجىسى شۇنىڭدەك كېڭىشىپ بېكىتكەن تۆلەم سوممىسى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇشى كېرەك.

48-ماددا داۋالاش ھادىسىسى دەپ بېكىتىلگەن بولسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ھادىسىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىشى قىلغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى ئۈستىدە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسە قىلىشتا، ئىككى دتەرەپ ئىختىيار قىلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ھەمدە تۆلەم سوممىسىنى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھېسابلاش كېرەك.

مۇرەسسە ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھادىل قىلغان بولسا، مۇرەسسەنامە تەييارلىشى ھەمدە ئادا قىلىشى كېرەك؛ مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىسا ياكى مۇرەسسەداە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن بىر تەرەپ يېنىۋالسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قايتا مۇرەسسە قىلمايدۇ.

49-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمىدە تۆۋەندىكى ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، كونكرېت تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش كېرەك:

(1) داۋالاش ھادىسىسىنىڭ دەرىجىسى؛

(2) داۋالاش سەۋەنلىكىنىڭ داۋالاش ھادىسىسى زىيانلىق ئاقىۋىتىدىكى جاۋابكارلىق دەرىجىسى؛

(3) داۋالاش ھادىسىسى زىيانلىق ئاقىۋىتى بىلەن بىمارنىڭ ئەسلىدىكى كېسەل ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت.

داۋالاش ھادىسىسى ھادىسە ھېسابلانمىسا، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

50-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمى تۆۋەندىكى تۈر ۋە ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىنىدۇ:

(1) داۋالاش ھەققى: داۋالاش ھادىسىسى بىمارغا كەلتۈرگەن جىسمانىي زەخىمنى داۋالاشقا كەتكەن خىراجەت بويىچە ھېسابلىنىپ، تالون بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئەسلىي كېسەلنى داۋالاش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دېلو ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق داۋالاشقا توغرا كەلسە، ئاساسىي داۋالاش ھەققى بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ.

(2) ئىش دەخلىسى ھەققى: بىمارنىڭ مۇقىم كىرىمى بولسا، ئۇنىڭ ئىش دەخلىسى تۈپەيلىدىن كېمىيىپ كەتكەن مۇقىم كىرىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، كىرىمنى داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئۈچ ھەسسە بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ مۇقىم كىرىمى بولمىسا، داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(3) كېسەلخانا تاماق ياردەم پۇلى: داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئادەتتىكى خادىملىرىنىڭ كاماندروپكا تاماق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(4) قاراش ھەققى: بىمار كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدە مەخسۇس ئادەم قاراشقا توغرا كەلسە، داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(5) مېيىپلىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى: مېيىپلىك دەرىجىسىگە قاراپ، داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تۇرمۇش خىراجىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، مېيىپ دەپ بېكتىلگەن ئايدىن باشلاپ ئۇزاق بولغاندا 30 يىل تۆلەم بېرىلىدۇ؛ لېكىن 60 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ 15 يىلدىن ئاشمايدۇ؛ 70 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بەش يىلدىن ئاشمايدۇ.

(6) مېيىپلەر سايمىنى خىراجىتى: مېيىپلىك تۈپەيلىدىن، ئىقتىدار تولۇقلاش سايمىنى سەپلەپ بېرىشكە توغرا كەلسە، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى سايمان خىراجىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(7) دەپنە پۇلى: داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جاي بەلگىلەنگەن دەپنە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

(8) بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇلى: ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا باققان ياكى مېيىپ بولغۇچى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىشتىن ئىلگىرى باققان ھەم ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان كىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئۇ نوپۇسقا ئېلىنغان جاي ياكى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 16 ياشقا توشمىغان بولسا، 16 ياشقا توشقىچە بېقىلىدۇ. 16 ياشقا توشسىمۇ ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىسا، 20 يىل بېقىلىدۇ؛ لېكىن 60 ياشتىن ئاشقانلىرىنىڭ 15 يىلدىن ئاشمايدۇ؛ 70 ياشتىن ئاشقانلىرىنىڭ بەش يىلدىن ئاشمايدۇ.

(9) قاتناش ھەققى: بىمارنىڭ ئەمەلىي زۆرۈر قاتناش ھەققى بويىچە ھېسابلىنىپ، تالونغا قاراپ چىقىم قىلىنىدۇ.

(10) ياتاق پۇلى: داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئادەتتىكى خادىملىرىنىڭ كاماندروپكا ياتاق ياردەم پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىپ، تالونغا قاراپ چىقىم قىلىنىدۇ.

(11) روھىي زىيان تەسەللىي پۇلى: داۋالاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تۇرمۇش پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بىمار ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، تۆلەم يىل چېكى ئۇزاق بولغاندا ئالتە يىلدىن ئااشمايدۇ؛ بىمار مېيىپ بولغان بولسا، تۆلەم يىل چېكى ئۈچ يىلدىن ئاشمايدۇ.

51-ماددا بىمارنىڭ داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقانيېقىن تۇغقىنىنىڭ قاتناش ھەققى، ئىش دەخلىسى ھەققى، ياتاق پۇلى بۇ نىزامنىڭ 50-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھەق بېرىلىدىغان ئادەم ئىككىدىن ئاشمايدۇ.

داۋالاش ھادىسىسىدە بىمار ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بىمارنىڭ دەپنە پائالىيىتىگە قاتناشقان جۆرىسى ۋە بىۋاسىتە تۇغقىنىنىڭ قاتناش ھەققى، ئىش دەخلىسى ھەققى، ياتاق پۇلى بۇ نىزامنىڭ 50-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھەق بېرىلىدىغان ئادەم ئىككىدىن ئاشمايدۇ.

52-ماددا داۋالاش ھادىسىسى تۆلەم خىراجىتى بىر قېتىملا راسچوت قىلىنىدۇ، ئۇنى داۋالاش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەيدۇ.

6-باب جازا پرىنسىپى

53-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى خادىملىرى داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال ياكى باشقا مەنپەئەت ئېلىپ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سېزىپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ياكى باشقا ئالاقىدار جىنايەت توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.

54-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

(1) داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاشتىكى زور سەۋەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغنادىن كېيىن، تەشكۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەشنى ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرمىغان بولسا؛

(2) داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغنادىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقتى ئىچىدە تەكشۈرمىگەن ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛

(3) تېخنىكىلىق باھالاشقا تېگىشلىك بولغان داۋالاش ھادىسىسىدىكى زور سەۋەنىكنى ياكى داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشىنى مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ باھالىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛

(4) شۇ جايدا پەيدا بولغان داۋالاش ھادىسىسى ھەمدە داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلغان داۋالاش ئاپپاراتى ۋە تېببىي خادىملارنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋلاىنى بەلگىلىمىگە ئاساسەن دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرىغا يوللىمىغان بولسا؛

(5) داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش قەغىزىنى بۇ نزىامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ كۆرمىگەن بولسا.

55-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ھادىسىسىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، سۈرۈك ئىچىدە ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ھەتتا ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، جاۋابكارلىقى بار تېببىي خادىملار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى داۋالاش ھادىسىسى جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش ھادىسىسى پەيدا قىلغان ئالاقىدار تېببىي خادىملارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنى كەسپىي پائالىيىتىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

56-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرىدۇ:

(1) بىمارغا كېسەل ئەھۋالى، داۋالاش تەدبىرى ۋە داۋالاش خەۋپ-خەتىرىنى ئەينەن ئېيتمىغان بولسا؛

(2) يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، بىمارنىڭ كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى رەت قىلغان بولسا؛

(3) كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە يازمىغان ۋە ئوبدان ساقلىمىغان بولسا؛

(4) جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك بىمارنىڭ كېسەل تارىخىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تولۇقلاپ يازمىغان بولسا؛

(5) كېسەل تارىخى ماتېرىيالى ۋە بۇيۇملارنى پېچەتلەش، ساقلاش ۋە ئېچىشتا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا؛

(6) داۋالاش مۇلازىملىقى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تارمىقى تەسىس قىلمىغان ياكى مەخسۇس (قوشۇمچە) خادىم قويمىغان بولسا؛

(7) داۋالاش ھادىسىسىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزمىگەن بولسا؛

(8) سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا داۋالاشتىكى زور سەۋەنلىكنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دوكلات قىلمىغان بولسا؛

(9) داۋالاش ھادىسىسىنى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلمىغان بولسا؛

(10) جەسەتنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمىگەن، ساقلىمىغان ۋە بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا.

57-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىگە قاتناشقان خادىملار بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باھالاشنى ئىلتىماس قىلغان ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپتىن پۇل-مال ياكى باشقا مەنپەئەت ئېلىپ داۋالاش ھادىسىسى ھەققىدە ساختا تېخنىكىلىق باھالاش قەغىزى چىقىرىپ بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى پارا ئېلىش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى ياكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئەسلىي گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ.

58-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ياكى باشقا ئالاقىدار ئاپپارات مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ؛ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسى ياكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئەسلىي گۇۋاھنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ:

(1) جەسەت تەكشۈرۈدىغان ئاپپاراتى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، جەسەت تەكشۈرۈشنى رەت قىلسا؛

(2) كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى ئۆزگەرتكەن، ياسىۋالغان، يوشۇرۇپ قويغان، يوقىتىۋەتكەن بولسا.

59-ماددا داۋالاش ھادىسىسىنى باھانە قىلىپ، جېدەل-ماجىرا تېرىپ، كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى تارتىۋېلىپ، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ نورمال داۋالاش تەرتىپى ۋە داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

60-ماددا بۇ نىزامدا دېيىلگەن داۋالاش ئاپپاراتى «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە «داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپ ئىجازەتنامىسى» ئالغان ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار «پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار كلىنىكىلىق داۋالاش مۇلازىملىقى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا پەيدا قىلغان پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى ھادىسىسى بۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ لېكىن، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش ئاپپاراتى ھېسابلانمايدىغان، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار پەيدا قىلغان پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ باھالىتىشىغا تاپشۇرۇش ۋە تۆلەم ئۈستىدە مۇرەسسە قىلىش فۇنكسىيىسىنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى يۈرگۈزىدۇ، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىملىقى ھادىسىسى پەيدا قىلغان شۇ ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

61-ماددا قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىپ، بىمارنى جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىتىش داۋالاش ھادىسىسى ھېسابلانمايدۇ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا چۈشىدىغانلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ تۆلەمگە ئالاقىدار ئىشلاردا زىيانغا ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلىدۇ.

62-ماددا ئارمىيىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتىدا يۈز بەرگەن داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بۇ نىزامغا ئاساسەن تۈزىدۇ.

63-ماددا بۇ نىزام 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1987-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ. بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان داۋالاش ھادىسىسى تالاش-تارتىشى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/438783.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#