قەشقەر شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

قەشقەر شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ 1956 - يىلى قۇرۇلغان، شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت جەنۇبىي شىنجاڭدا تەسىس قىلغان تۇنجى خەنزۇچە سىستېمىسى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. 

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەر شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1956-يىلى
خەنزۇچە نامى 喀什第二中学
مەكتەپ تۈرى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر شەھەرلىك 2ئوتتۇرا مەكتەپخەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ بولۇپ، 1956-يىلى قۇرۇلغان.قەشقەر شەھىرى مەدەنىيەت يولى 186-نومۇرغا جايلاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. 1980-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا بىۋاستە قارايدىغان ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ئوبلاستقا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1962-يىلى قەشقەر ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. 1968-يىلدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىگە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1999-يىلدىن كېيىن قەشقەرنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 55278 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 160 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 35، ئوقۇغۇچى سانى 2126 نەپەر.

قەشقەر شەھەرلىك 2ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى63333.7 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 150 مىڭ كۋادرات مېتىر، تۆت كورپۇس ئوقۇتۇش بىناسى بار، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، كىتاب ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ بىناسى بىر كورپۇس. فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى ئىككىدىن، تاۋۇش ئۆگىنىش ئۆيىدىن 2 سى، كۆپ ۋاسىتىلىك سىنىپ 4 ى، ئوقۇتۇش كومپيۇتېرى 300 دانە، كۇتۇپخانىدا ساقلانغان ماتېرىياللار 100 مىڭ پارچىگە يەتتى. مەكتەپ بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان مەكتەپ قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانى 1320.19 مو يەر، بۇنىڭ ئىچىدە 70 نەچچە مو يەر مائارىپ تەجرىبە بازىسىنى  ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، 800 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ھەربىي مەشىق ۋە يېپىق ئوقۇتۇشى بار. 

ئوقۇتقۇچىلار ئەھۋالى

2007-يىلى 8-ئايغىچە بۇ مەكتەپنىڭ ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 421 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى 379 نەپەر، شەندۇڭ، تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى 38 نەپەر، ياش پىدائىيلار 4 نەپەر، ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى 6 نەپەر، ۋاقىتلىق ئىشچى ( ئىشىك باقار ياتاق تازىلىق ئىشچىسى ) 36 نەپەر. ھازىر مەكتەپ ئىچىدە جەمئىي 111 گە سىنىپ ( تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 41 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 70 )، ئوقۇغۇچىسى 7572 نەپەرگە يېقىن، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 2751، تولۇق ئوتتۇرا  4821 نەپەر. ئايرىم ۋە ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرلىشىپ ئاچقان قوش تىل تەجرىبە سىنىپ ئوقۇغۇچىسى 1166 نەپەر. 

قەشقەر شەھەرلىك 2ئوتتۇرا مەكتەپمەكتەپنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتى خېلى تېز بولدى، ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋىلايەتلىك بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئۇدا 3 يىلى رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش نىسبىتى ٪ 90 ئۈستىدە مۇقىملاشتى، 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە جەمئىي 15 كىشى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى، نەچچە ئون ئادەم فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن، جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۋالدى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#