سېغىزكۆل يېزىسى
سېغىزكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە جايلاشقان. بۇ يېزىغا قاراشلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېغىزكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە جايلاشقان. بۇ يېزىغا قاراشلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، سېغىزكۆل كەنتى، سۆگەتبوستان كەنتى، ئورنىش كەنتى، يۇمىلاقكۆل كەنتى، قۇمباغ كەنتى، غازاڭدۆڭ كەنتى، سېرىقئۇي كەنتى، قۇمچاقا كەنتى، تاسمىچى كەنتى، خانئېرىق كەنتى، مىياڭ خۇجا كەنتى، تايتاق كەنت، ئەلەمبۇلۇڭ كەنتى، سېسىقئوت كەنتى قاتارلىقلار بار. كۆلىمى 258.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نۇپۇسى 7000 بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىككى مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.3 نى ئىگەلىگەن. يېزا ئىگىلىكى ۋە باقمىچىلىق ئىشلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. ئۈزۈم كۆپ چىقىدۇ. چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى بايلىقى مول.
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، سېغىزكۆل يېزىسى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچلۈك ئۈزۈم سورتلىرىنى تېرىشنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىلىرىنى يېتەكچىلىكىدە، يېزىدا كەينى-كەينىدىن يېڭى ئۈزۈم سورتلىرى كىرگۈزۈلگەن. سېغىزكۆل يېزىسىنىڭ ئۈزۈم كۆلىمى 16 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاينىۋاتقان ئۈزۈم 12 مىڭ مو. 2007-يىلى بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئۈزۈم كىرىمى 1300 يۈەن بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.