يىراققا سەكرەش ئەڭ قەدىمىي تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى نۆۋەتلىك رەسمىي يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 708-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
پۇتبولنىڭ «دۇنيادا بىرىنچى تەنھەرىكەت» دېگەن نامى بار. بىر قېتىم پۇتبول شاھى بېيلى نېگىرىيىگە بېرىپ مۇسابىقىگە چۈشۈپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەتتە دەل ئىچكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزگىل ئىكەن، ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئىككى كۈن ئۇرۇش توختىتىپتۇ، مانا بۇنىڭدىن پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
بوكس بىر تۈرلۈك قارشىلىشىشچانلىقى كۈچلۈك تەنتەربىيە تۈرى. تەنھەرىكەتچىلەر ئىككى قولىغا خۇرۇم قولقاپ كىيىپ، بىرگە بىر ھالەتتە بىر-بىرىنىڭ باش-كۆز، قۇلاقتىن تۆۋەنكى يۈز قىسمى ۋە بەدەننىڭ كىندىكىدىن يۇقىرى، كۆكرىكىدىن تۆۋەن قىسىملىرىغا ئۇرۇپ، قارشى تەرەپنى يىقىتىشنى نىشان قىلىدۇ.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان
فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش 17-ئەسىردە گوللاندىيىدە بارلىققا كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مېتال تاۋلاش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيىدە تۆمۈردىن ياسالغان كانكى ئىشلەپچىقىرىلغان.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان
چويۇن توپ بىلەن زەنجىر توپ چوڭ-كىچىكلىك، شەكىل جەھەتتە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئېغىرلىقىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ 26.7 كىلوگرام بولۇپ، زەنجىر توپنىڭ چويۇن توپقا قارىغاندا بىر تال زەنجىرى ئارتۇق.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى تەنھەرىكەتچىلەر بەلگىلىك ئۆلچەمدىكى ۋېلىسىپىتنى مىنىپ سۈرئەت، چىداملىق ۋە تېخنىكىدا مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەتتۇر.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈر دالىدا قار تېيىلىش بىلەن قارىغا ئېتىش بىرلەشتۈرۈلگەن قىشلىق قار ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىدۇر. تەنھەرىكەتچىلەر مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ماناپولكا ئېلىپ، بىر بۆلەك ئارىلىقنى تېيىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم قارىغا ئاتىدۇ.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيەگە ئائىت بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
قار تېيىلىش ھەرىكىتى دالىدا قار تېيىلىش، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش ۋە ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش دەپ بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ. دالىدا قار تېيىلىش شىمالىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ شىمالىي ياۋروپا قار تېيىلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان
«گولف» گوللاندىيە تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ شوتلاندىيە خەلقى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن. 14-، 15-ئەسىرلەردە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
تەڭپۇڭ لىم ئاياللار مۇسابىقە تۈرى بولۇپ، ھەر خىل سەكرەش قەدەملىرى، بەدەن بۇراش، دولقۇنلىنىش، تەڭپۇڭ بولۇش، فىگۇرا چىقىرىش، ئەۋرىشىم موللاق، دومىلاش، تايىنىپ ۋە بوشلۇقتا موللاق ئېتىشتەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەنتەربىيە »تەنتەربىيە ھەرىكىتى بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان