ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى

ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى

ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى Auschwitz Concentration Campگىرمانچە ئاتىلىشى Konzentrationslager Auschwitz-Birkenauبۇ ناتسىسلار گىرمانىيىسى قۇرغان ئەمگەك مەيدانى ھەم ھاياتلىق ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئورۇننىڭ بىرسى .ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسمى ئۈلۈم زاۋۇتى. ئوسۋېتىسىم، ھازىر موزىي ۋە خاتىرە ئورنى قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى
گېرمانچە نامى Konzentrationslager Auschwitz-Birkenau
ئىنگىلىزچە نامى Auschwitz Concentration Camp
باشقا نامى ئۈلۈم زاۋۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرىئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى ئىنگىلىسچە ئاتىلىشى Auschwitz Concentration Campگىرمانچە ئاتىلىشى Konzentrationslager Auschwitz-Birkenauبۇ ناتسىسلار گىرمانىيىسى قۇرغان ئەمگەك مەيدانى ھەم ھاياتلىق ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئورۇننىڭ بىرسى .ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسمى ئۈلۈم زاۋۇتى. ئۇ Krakow ناھىيسىنىڭ غەربى جەنۇپ 60 كىلومىتىر دائىرسىدە يەنى پولشانىڭ كىچىك شەھرى ئوسۋېتىسىم، ھازىر موزىي ۋە خاتىرە ئورنى قىلىنغان.

ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرى بولسا 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۇنى گىرمانىيە پارتىيە قوغداش ئارمىيسىنىڭ گىنرالىHeinrich Luitpold Himmlerنىڭ بۇيرىقى بىلەن قۇرۇلغان. يىغۋېلىش ئورنىڭ ئاساسلىق 3 باشقۇرغۇچىسى بۇلۇپ ئۇلار 1900-يىلى11-ئاينىڭ 25كۇنى تۇغۇلغان Rudolf Franz Ferdinand Hoess .ئۇ 1947-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۇنى ئۆلگەن. يېغۋېلىش ئورنىدا خىزمەت ئۇتىگەن ۋاقتى 1940-5-ئاينىڭ 4-كۇنىدىن 1943-يىلى11-ئايغىچە .يەنە بىرسى Arthur Liebehenschelبۇلۇپ ئۇ 1901-يىلى 11-ئاينىڭ 25 كۇنى تۇغۇلۇپ 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۇنى ئۆلگەن.

يېغۋېلىش ئورنىدا خىزمەت ئۆتىگەن ۋاقتى 1943-يىلى 11-ئايدىن 1944-يىلى 5-ئايغىچە. Rid Baerبولسا 1911-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۇنى تۇغۇلۇپ 1963-يىلى 6-ئاينىڭ 17كۇنى ئۆلگەن. يېغۋېلىش ئورنىدا خىزمەت ئۇتىگەن ۋاقتى 1944-يىلدىن 1945-يىلغىچە . Rudolf Franz Ferdinand Hoess بىلەن Arthur Liebehenschel ئايرىم -ئايرىم ھالدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرۇش جازاسى بىرىلگەن.

ئوسۋېتىسىم بولسا پولشانىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىچىك شەھەر ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ناتسىت گىرمانىيىسى بۇ يەرگە ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش ئورنى قۇرغان بۇلۇپ بۇ كىچىك بازارنىڭ شۇنىڭ بىلەن دۇنياغا داڭقى چىقىپ كەتكەن .ئەينى ۋاقىتتا ناتسېت گىرمانىيسى ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرنى باشقۇرۇش ئېدارىسى كونتۇرۇل قىلدىغان رايۇن بۇلۇپ دائېرسى 40 كۇۋادىرات كىلومېتىر .بۇ يىغۋېلىش ئورنىنىڭ ئېچىدە 3 ئاساسلىق يىغۋىلىش ئورنى ۋە 39 كىچىك تىپتىكى يىغۋېلىش ئورنى بار .ئاساسلىقى پولشانىڭ جەنۇبىدىكى سېلسىيە رايۇنىدا. يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ ئېچى ئېگىز تاملار بىلەن تۇت ئەتراپى توكلۇق تور تارتىغلىق شۇنداقلا يەنە پوستا تۇرغان ئەسكەرلەرمۇ بار.

ئوسۋېتىسىم جازا لاگىرىبۇ يەردا دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرۇش مەيدانى. گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۇرۇش ئۇيى .كۇيدۇرۇش ئۇيى قاتارلىقلار بار .ئوسۋېتىسىم 1-نۇمۇر ئوسۋېتىسىم 2-نۇمۇر ئوسۋېتىسىم 3-نۇمۇردىن تەركىپ تاپقان، بۇ گىتلىرنىڭ مىللى قىرغىنچىلىق قىلدىغان ئاساسلىق ئورنى. ئۇرۇشتىن كىيىنكى خەلىقئارالىق ھەبىي سوتتا بۇ يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ باشلىقى لوداففۇ خۇسنىڭ ئېقرار قىلىشىچە 3 مىليۇن ئادەم بۇ يىغىۋېلىش ئورنىدا ئۆلتۇرۇلگەن، بۇ يىغىۋېلىش ئورنىغا ئەنگىلىيە.سۇۋېت، پولشا، فىرانسىيە، ئاۋېستىريە، ۋېنگىريە، گوللاندىيە، بىلگىيە، ئېتالىيە، ئېسپانىيە، جوڭگۇ قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتىكى يەھۇدى ۋە سىگانلار، ئۇرۇش ئەسىرلىرى ، ئۇقۇغانلار ،ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۇچى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، شۇنداقلا يەنە ھەم جىنىسداشلارنى ئۆز ئېچگە ئالىدۇ .بۇ لار ئاساسلىقى زەھەرلىك گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۇرۇلگەن. جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى.

 ئوسۋېتىسىم 1-نۇمۇر 

 ئوسۋېتىسىم 1-نۇمۇر بولسا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان جازا لاگىرى بۇلۇش بىلەن پۇتكۇل ئوسۋېتىسىم لاگىرنىڭ باشقۇرۇش مەركىزى بولغان. بۇ يەردە تەخمىنەن 70 مىڭ پولشالىق بىلىملىكلەر ،قارشلىق كۆورستىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەم جىنىسداشلار، سۇۋېت ئېتىپاقىنىڭ ئەسىرگە چۇشكەن ئەسكەرلىرى قاتارلىقلار ئۆلتۇرۇلگەن.

 ئوسۋېتىسىم 2-نۇمۇر

 ئوسۋېتىسىم 2-نۇمۇر بولسا ئاساسلقى زەھەرلىك گاز بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۇردىغان ئورۇن بۇلۇپ بۇ يەردە 96 مىڭ يەھۇدى، 75مىڭ پولشالىق، 19000مىڭ سىگان زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان.

ئوسۋېتىسىم 3-نۇمۇر

ئوسۋېتىسىم 3-نۇمۇر بولسا ئاساسلىق لاگىر ۋە 39 كىچىك لاگىردىن تەركىپ تاپقان ئەمگەك مەيدانى بۇلۇپ بۇ ئورۇننىڭ ئېشلىتىش ھۇقۇقى گىرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ خىمىيە زاۋۇتى I·Gشېركىتى. تەخمىنەن 11,000مىڭ ئادەم بۇ يەردە ئەمگەك قىلغان، بۇ يەردە ئەمگەك قىلىش ئېقتىدارىدىن قالغانلار ئۇدۇل زەھەرلىك گاز ئۆيىگە ئاپىرلىپ ئۆلتۇرلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    20%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#