لازېر نۇر قورالى
لازىر قوراللار تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك لازىر قوراللار ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىكلازىر قوراللار دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1975-يىلى باش قىشنىڭ مەلۇم كۈنى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىككى سۈنئىي ھەمراھى روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ سىبىرىيىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش مەيدانى بوشلۇقىدا رازۋېدكا قىلىدۇ، توساتتىنلا يورۇق نۇر چاقناپ، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ «كۆرمەس» بولۇپ قالىدۇ. نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا قىممىتى نەچچە مىليون دوللارلىق يېڭى تىپتىكى رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى كاردىن چىقىدۇ. بۇ، روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى لازىر قورالىنىڭ تۆھپىسى ئىدى.
لازىر قوراللار تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك لازىر قوراللار ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىكلازىر قوراللار دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك لازىر قوراللار
لازىر نۇر قورالى تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك لازىر قوراللار كىچىك تىپتىكى لازىرلىق قۇرۇلما بولۇپ، يەككە دۈشمەنگە ئېتىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئۇلارنى ئەما قىلىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ ياكى كىيىم-كېچىكىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ جەڭگىۋارلىقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لازىرلىق ياكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچەش ئەسۋابى، تۈرلۈك كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نۇر سېزىش زاپچاسلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ، كاردىن چىقىرىدۇ. بۇ لازىر مىلتىق، قوراللار ئەما قىلىش لازىر قورالى، لازىر تاپانچا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك لازىر قوراللار
لازىر نۇر قورالىيۇقىرى ئېنېرگىيىلىك لازىر قوراللار چوڭ تىپتىكى لازىر نۇر قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى لازىر نۇرى ئېنېرگىيىسىنى قويۇپ بېرىدۇ، ئاساسەن، دۈشمەننىڭ تانكا، ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق قۇدرىتى بىرقەدەر زور ھەربىي نىشانى ياكى چوڭ تىپتىكى قورال قۇرۇلمىلىرىنى يوقىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
لازېر نۇرى دەستىسىنىڭ سېكۇنتلۇق سۈرئىتى 300 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، تۈز يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلەيدۇ، شۇڭا، نىشانغا توغرىلانسىلا دەل تېگىدۇ. لازىر قوراللار ئىنېرتسىيىسىز ياراغلار بولۇپ، ئاتقاندا ئارقىغا تېپىش كۈچى ھاسىل بولمايدۇ، قارىغا ئېتىش يۆنىلىشىنى جانلىق ھەم تېز ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئېتىشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
بۇ خىل قوراللار قويۇق تۇمان قاپلىغان ياكى يامغۇر، قار ياغقان ۋاقىتلاردا قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ، شۇڭا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرىلا ئىشلىتىلىدۇ.
ھازىر لازىر مىلتىق ئىشلىتىلىۋاتىدۇ؛ لازىر زەمبىرەكمۇ تەجرىبە قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى، ماشىنا، پاراخوت، سۈنئىي ھەمراھلاردا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان لازىر قوراللارمۇ تەتقىق قىلىنىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. لازىر قوراللار كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈسى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.