تىسا دەرياسى
تىسا دەرياسى دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ سول ياقىسىدىكى بىر تارمىقى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ سول ياقىسىدىكى بىر تارمىقى. باش مەنبەسى سوۋېت ئوكرائىناسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەرقىي كارپات تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ۋېنگېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى شىمالدىن جەنۇبقا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، يۇگوسلاۋىيىنىڭ پايتەختى بېلگراد شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 42 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا دوناي دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ تىپىك پەس تۈزلەڭلىكتىكى دەريا بولۇپ، دەريا يولى بەك ئەگرى-بۈگرى، بۇرۇنقى ئۇزۇنلۇقى 1400 كىلومېتر ئىدى، دەريا يوللىرى تۈزلەنگەندىن كېيىنكى ئۇزۇنلۇقى 980 كىلومېترغا قسىقاردى. كۆلىمى 157 مىڭ كۋادرات كىلومېتر يېتىدۇ. تۆۋەن ئېقىمىدىكى يۇگوسلاۋىيىنىڭ سېنتا ئەتراپىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 810 كۇب مېتر سېكۇنتقا يېتىدۇ.
دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىغا تاشقىندىن مۇداپىئە قىلىش قاشلىرى ياسالغان. دەريادىن ياغاچ ماتېرىيالىرى ئېقىتىش، سۇغىرىش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ. ۋېگرىيىنىڭ سولنوك شەھىرىدىن تۆۋەن قىسمىدا قاتناش قىلشقا بولىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تىسالىك ئەتراپىغا توسما ھەم ئېلېكتر ئىستانىسىسى سېلىنغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.