بايقال كۆلى

بايقال كۆلى

بايقال كۆلى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا سىبىريەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بايقال كۆلى
چەتئەلچە نامى Байкал
تەۋە رايون سوۋېت ئىتىپاقى
خەنزۇچە نامى 贝加尔湖
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئوتتۇرا سىبىريەنىڭ جەنۇبى
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بايقال كۆلىسوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا سىبىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتر ئېگىزلىكتىكى تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. كۆل شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 636 كىلومېترغا يېتىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 730 مېتر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 48 كىلومېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 1620 مېتر كېلىدۇ. كۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 456 مېتر كېلىدۇ. 

ئوركان ناملىق ئارال ھەققىدە

بايقال كۆلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئوركان ناملىق بىر ئارال بار. بۇ ئارالنىڭ يەر مەيدانى 730 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئارالدىن باشقا يەنە 26 كىچىك ئارال بار.

بايقال كۆلىبايقال چۆكۈشى، بۇنڭىدىن 20 يىل ئىلگىرى يەر پوستىنىڭ يېرىلىپ چۆكۈشى، سۇلارنىڭ يىغىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كۆلنىڭ مەيدانى 31 مىڭ كۋادارات كىلومېتر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈيى مول بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تاتلىق سۇلۇق كۆللەر ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 1/5 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپى قېلىن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ جايدا ئورماندىن باشقا يەنە كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، چىرىمتال، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ مول. كۆلدىكى ئاراللاردا 1600 خىلدىن ئوشۇق ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ. كۆلدە ۋە كۆلدىكى ئاراللاردا 1200 خىلدىن ئارتۇق ھايۋان ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 708 خىلى بايقالنىڭ ئۆزىگە خاس ھايۋاناتلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە بېلىقىنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىلىغا كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ. بۇ جايدا ياشىغۇچى ياقۇت خەلقلىرى كۆل رايونىدىكى ۋە كۆل ئىچىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ(بايكۆل) (بايقال) دەپ نام بەرگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#