قولۇنجى

قولۇنجى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەينىڭ بوشلۇقى تارىيىپ ياكى توسۇلۇپ كلىنىكىدا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، چوڭ تەرەت كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

ھازىر بۇ كېسەلنىڭ نامى ئۈچەي توسۇلۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى

قولۇنجى

تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى

肠梗阻

يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل ئۈچەي كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن


1. تۈز ئۈچەي راكى، بوغما ئۈچەي راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۈچەينىڭ كانال بوشلۇقى تارىيىپ ئۈچەي توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچەيدىكى ھەرخىل، ياخشى-يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۈچەينىڭ نورمالنى لۆمىلدىمە ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ، بىر بۆلەك ئۈچەينىڭ ئۆزىگە قوشنا بولغان يەنە بىر بۆلەك ئۈچەي ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، ئۈچەي كانىلىنىڭ تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەينىڭ بوغماق ئۈچەيگە كىرىشىپ قېلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ.

2 .ئۈچەي يارىسى، ئۈچەي زەخىملىنىش، ئۈچەي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، قورساق پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۈچەي چاپلىشىپ كانال بوشلۇقى تارىيىشنى ياكى توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

داس بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن

تۇخۇمدان ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئارقىغا قىيسىيىپ قېلىش، قورساق پەردە ئارقا ئۆسمىسى، قورساققا سۇ يىغىلىش، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋردىكى ھامىلىدارلىق، پەتەق كېسىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۈچەي بېسىلىپ، ئۈچەينىڭ كانال بوشلۇقى تارىيىپ قىلىشنى ياكى توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئېگىز ئورۇندىن يېقىلىپ چۈشۈش

ئېغىر يۈك كۆتۈرگەندە زىيادە كۈچىنىش، تاماقتىن كېيىنلا كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش ياكى بەدەن ھالىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن ئۈچەيلەر ئۆزىنىڭ نورمالنى ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۆزىگە قوشنا بولغان يەنە بىر ئۈچەي بېغىشى بىلەن ئالمىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۈچەينىڭ كانال بوشلۇقى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ھەزىم ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن

ھەزىم ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن يېمەكلىكلەرنىڭ تولۇق ھەزىم بولماسلىقى ۋە ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشى نەتىجىسىدە ئۈچەيدە يەل توپلىشىپ ئۈچەي كانىلىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سەۋەبى ۋە خاراكتېرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

1. ئۈچەي تولغىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا كىندىك ئەتراپى مەركەز قىلىپ قورساق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، بەزىدە بەل ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. تەرەت كەلمەيدۇ. تولغىشىش دائىرىسى كەڭ بولغاندا قۇسۇش ئېغىر بولىدۇ، قورساق كۆپۈش روشەن بولمايدۇ، قۇسقاندىن كېيىنمۇ قورساق ئاغرىش يەڭگىللەشمەيدۇ. تولغىشىش دائىرىسى كىچىكرەك بولغاندا ئۈچەي چەكلىك دائىرىدە كۆپكەنلىكتىن باسقاندا ئاغرىيدىغان مونەك شەكىللىنىدۇ.

2. ئۈچەي كىرىشىپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا قورساق ئاغرىيدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، تەرەت كەلمەيدۇ، قورساقتا يۈزى سىلىق، ھەرىكەتلىنىدىغانم باسقاندا ئاغرىيدىغان مونەك پەيدا بولىدۇ.

3. ئۈچەي قىسىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا قورساق ئاغرىيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، تەرەت كەلمەيدۇ، ئۇندىن باشقا ئۈچەي قىسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

4. ئۈچەي چاپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا قورساق ئاغرىيدۇ، قورساق كۆپىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، قورساقتا مونەك پەيدا بولىدۇ. باسقاندا ئاغرىش كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. كىكىرىش كېسەل تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ قورساق ئاغرىش قاتتىق بولىدۇ. باسقاندا كۆرۈنەرلىك ئاغرىيدۇ.

5. يەل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا قورساقتا يۆتكىلشچان ئاغرىق بولىدۇ. قورساق ئېسىلىش كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. كېكىرتەك قىيىنلىشىدۇ، ئۈچەي كوركىراش تاۋۇشى كۈچىيىدۇ.

ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ئۈچەي يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، تەرەت كەلمەسلىك، ئىشتىھاسىزلىق، قورساقتا مونەكچە پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى تۈز ئۈچەي راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، تۇخۇمدان ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، قورساققا سۇ چۈشۈش، قورساق پەردە ئارقا ئۆسمىسى، سېرىق ئەت يېرىلىش (پەتەق)، ھەزىم ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق، يەللىك غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بارىي بوتقىسىنى كلىزما قىلىش ئارقىلىق رېنتىگېندە تەكشۈرگەندە ئۈچەينىڭ توسۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1. ئۈچەي تولغىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا تولغىشىپ قالغان ئۈچەينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ.

2. ئۈچەي كىرىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا: ياللۇغ قايتۇرۇش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش ۋە كىرىشكەن ئۈچەينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە چارە قىلىنىدۇ ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

3. ئۈچەي چاپلىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا: ئۈچەي چاپلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۈچەينى سېلىقلاشتۇرۇش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ، جىددىي بولسا ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

4. ئۈچەي قىسىلىپ قېلىشىتن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا قايسى خىل كېسەللىكتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

5 .يەل توپلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان توسۇلۇشتا ھەزىمنى ياخشىلاپ، يەل تارقىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

6. كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈچەي تولغىشىپ قېلىشتىن بولغان ئۈچەي توسۇلۇشتا، تولغىشىپ قالغان ئۈچەينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى چارىلەر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

بىمارنى كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، ئوڭ-سول تەرەپكە يېنىك تەۋرىنىش ئارقىلىق تولغىشىپ قالغان ئۈچەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

كىندىك ئۈستىدىكى قورساق مۇسكۇلىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تولغىشىپ قالغان ئۈچەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

كېسەلنى دۈم ياتقۇزۇپ، بىمارنى مىنگەن ھالەتتە تۇرۇپ ئىككى قولىنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا بىمارنىڭ قورسىقىنى كۆتۈرۈپ جىددىي قويۇپ بەرگەندە تولغىشىپ قالغان ئۈچەي ئەسلىگە كېلىدۇ.

قورساقنى ئىككى تەرەپتىن بېسىپ تۇيۇقسىز قويۇپ بەرگەندىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانمىسا، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تولغىشىپ قالغان ئۈچەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

ئۈچەي كىرىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا تۆۋەندىكى چارىلار كېسلەلىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىلىتىدۇ.

ئۈچەي ئالمىشىپ قېلىشتا قوللىنىلغان تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

ياللۇغ قايتۇرۇش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش ۋە كىرىشكەن ئۈچەينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە شۇمشا ئۇرۇقى، بىنەپشە، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، بەدىيان، بابۇنە ئۈچ گرامدىن، سېرىق ماي 10 گرام ئېلىپ، سېرىق مايدىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە سېرىق ماينى سېلىپ ئېرىتىپ، سوۋۇغاندا كلىزما قىلىنىدۇ. كلىزما سۇيۇقلۇقىنى ئاز-ئازدىن ماڭدۇرۇش، ئەگەر ئاغرىق كۈچىيىپ كەتسە دەرھال توختىتىش كېرەك.

ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئارقىلىق كېسەللىك ئەسلىگە كەلمەي قالسا، ئوپېراتسىيە قىلىپ قورساقنى يېرىش ئارقىلىق كىرىشكەن ئۈچەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

ئۈچەي چاپلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا ياللۇغ قايتۇرۇش، ئۈچەينى سېلىقلاشتۇرۇش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

گۈلبىنەپشە 10 گرام، قايناق سۇ 20 مىللىلىتىر، سېرىق ماي 20 گرام ئېلىپ، گۈلبىنەپشىنى قايناق سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە سېرىق ماينى سېلىپ ئېرىتىپ، ئىسسىق ھالەتتە ئىچىشكە بېرىلىدۇ. مەجۈنى خىيارشەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئوپېراتسىتە قىلىش ئارقىلىق چاپلىشىپ قالغان ئۈچەي ئاجرىتىلىدۇ.

ئۈچەي قىسىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ، شۇ خىل كېسەللىكنىڭ داۋالاش پرىنسىپى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

يەل توپلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئۈچەي توسۇلۇشتا، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرەت يۇمشىتىش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. مۇقەل يەتتە گرام، جاۋۇشىر بەش گرام، سۇزاپ ئۇرۇقى سەككىز گرام، شاھمەنزەل 10 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، گۈلقەنت قىيامىدا شامچە تەييارلاپ مەقئەتكە كىرگۈزۈلىدۇ.

سانا 15 گرام، بابۇنە، قەنتەرىيۇن، سېرىقچېچەك، بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى توققۇز گرامدىن، چىلان، سەرپىستان -2 دانىدىن، ئەنجۈر 10 دانە، ئوغرىتىكەن، زاراڭزا، ئىتئۈزۈم، ھەمىشىباھار، ئاق لەيلى گۈلى 21  گرامدىن ئېلىپ، 400 مىللىلىتىر سۇدا قائىدە بويىچە قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە تەرەنجىبىن 45 گرام، خىيارشەنبەر مېغىزى ئالتە گرام، جاۋۇشىر 15گرام، قۇندۇز قەھرى ئۈچ گرام، بادام يېغى 10مىللىلىتىر ئېلىپ، قائىدە بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، كلىزما سۇيۇقلۇقى تەييارلاپ 70~50 مىللىلىتىرغىچە كلىزما قىلىنىدۇ.

جاۋارىش كۇمۇنى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش شەھرىيان كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى سەنجىرنا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، ھەببى كۇرسىنگى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىغىچە، تەرياقى كەبىر كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن، ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىمنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۇنى ئامىلە نۆشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىشجالىنۇس كۈندە ئىكك قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇ قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. تاماقتىن كېيىن كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، زىيادە چارچاشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇزۇلغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=822

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#