مەجۇنى ئىبىن سىنا
مەجۇنى ئىبىن سىنا بەدەننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈكنى ئارايتىش، مەنىينى تۇتۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|
قەلەمپۇر | 3 گرام | چىلغوزە | 12 گرام | مور مەككى | 20 گرام |
كابىلە ھېلىلە | 6 گرام | كۈندۈر | 20 گرام | ئاق بەھمەن | 3 گرام |
ھەببۇلئاس | 20 گرام | پىننە | 20 گرام | بەسباسە | 20 گرام |
ئامىلە | 100 گرام | زەنجىۋىل | 12 گرام |
بۇ جىگەر رەڭلىك مەجۇن بولۇپ، تەمى ئاچچىق.
يۇقۇرىدىكى 11 خىل دورىنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، 1000 گرام مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
ئېھتىلام بولۇش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، سۈرئىتى ئىنزال، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
1. دورىدىن 30گرام ئېلىپ، 30گرام دىئاتومىد قوشۇپ، ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 100ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ، بىر نەچچە مىنۇت چايقاپ، 1 سائەت تىنچ تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى 1ml قالغىچە پارلاندۇرۇپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. ئېۋگېنول سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،ئېتىل ئېفىر قوشۇپ ھەر 1ml سۇيۇقلۇق µl16 دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىدىن µl10، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (9∶1) نېفىت ئېتىرى(60~℃90)- ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز. ℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزىتىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
2. دورىدىن 25 گرام ئېلىپ،15گرام دىئاتومىد قوشۇپ، ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 50ml مېنتانول قوشۇپ، بىر نەچچە مىنۇت چايقاپ،1 سائەت تىنچ تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. كۈندۈر سېلىشتۇرما دورىسىدىن 1 گرامئېلىپ، يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىدىن µl10،سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، ) 3∶17 (نېفىت ئېتىرى(60~90℃)- ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز. ℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.