لېي جۈن

لېي جۈن

لېي جۈن 1969-يىلى خۇبېي نىڭ شىئەنتاۋ دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. شىياۋمى پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرىكتورى، جىنشەن يۇمشاق دىتال شىركىتىڭ باش دىرىكتورى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى.

ئىسمى لېي جۈن
تۇغۇلغان ۋاقتى 1969-يىلى
يۇرتى خۇبېي نىڭ شىئەنتاۋ
كەسپى كارخانىچى
خەنزۇچە ئىسمى 雷军
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ۋۇخەن ئۇنۋېرسىتېتى
شىركىتى شىياۋمى پەن-تېخنىكا شىركىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېي جۈنلېي جۈن 1969-يىلى خۇبېينىڭ شىئەنتاۋ دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى شىئەنتاۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، شۇيىلى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى كومپىيوتېر فاكولتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان.

ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن لېي جۈن ئۆزىگە يۇقۇرى بېسىم قۇيۇپ ئاز بولمىغان يۇقۇرى يىللىق دەرىسلىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ پەقەت 2 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇقۇش نۇمۇرىنى مەكتەپ بەلگىلىگەن ئۇقۇش نۇمۇرىغا يەتكۈزۈپ لاھىيلەش كەسپىنىمۇ پۈتتۈرگەن.

ئالىي مەكتەپنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن لېي جۈن كومپىيوتېر بازىرىدا ئىشلىگەن.

1992-يىلى لېي جۈن بىر خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە DOS دا پىروگرامما تۈزۈش سۆزلەنگەن كىتابنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۈگۈنۈشكە باشلىغان. كىينكى ئىككى يىل ئىچىدە لېي جۈن «ھۆججەت پاروللاش دىتالى»، «ۋىروس تازىلاش دىتالى»، «مالىيە ئىشلىرى دىتالى»،«CAD دىتالى»، ۋە خەنزۇچە سېستىمىلاردا ئىشلىتىدىغان ھەرخىل ئىشلىتىشچان كىچىك دىتاللارنى ياساپ چىققان.

ۋە  ۋاڭ چۈەنگو بىلەن بىرلىكتە توك يۇلى لاھىلەش دىتالى ياسىغان ۋە ئىشلەتكەن.

تېخى بىر مەزگىل ھەرخىل مەخپى نۇمۇر يىشىش خاككىرلىق قۇراللىرىنىمۇ ياسىغان، ئىككى يىلدىن كىيىن لېي جۈن ھەرقايسى كومپىيۇتېر شىركىتى خۇجايىنلىرى ئارىسىدا خېلى تۇنۇشلۇق بولغان ھەمدە ۋۇخەن ئېلىكتىرون كۇچىسىدىكى نامى بار شەخىسكە ئايلانغان.

لېيجۈن لېي جۈن «سىلىتسىي جىلغىسى ئوت» دىگەن كىتاپتىكى ئىگىلىك تىكلەش ھىكايىلىرىنىڭ تەسىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن ۋاڭ چۈەنگو، لى رۇشىئوڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۈچ رەڭ (三色) شىركىتىنى قۇرغان. لېكىن بۇ شىركەتنىڭ ئىشى ئۇڭۇشلۇق بولماي، تىجارىىتى پەقەت يۈرۈشمىگەن، يېرىم يىلدىن كىيىن بۇ شىركەتنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغان.

مال-مۈلۈك شىركىتى شىركەت ماللىرىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن. لېي جۈن ۋە ۋاڭ چۈەنگوغا 286 كومپىيوتېر ۋە پىرىنتىر،لى رۇشىئوڭغا 386 كومپىيوتېر تەگكەن. 

1992-يىلىنىڭ باشلىرىدا لېي جۈن جىڭشەن شىركىتىگە كىرگەن، لېي جۈن ئېلگىرى كىيىن بولۇپ شىركەتنىڭ بېيجىڭ تەرققىيات بۆلىمىنىڭ دىرېكتورى، جۇخەي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بېيجىڭدىكى جىنشەن يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1998-يىلى 8-ئايدا، جىنشەن شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 

2000-يىلى جىنشەن شىركىتىنىڭ پاي تۈزىمى ئۆزگەرگەندىن كىيىن بېيجىڭ جىنشەن يۇمشاق دېتال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى بولغان. 

لېي جۈن جىنشەن شىركىتىگە 22 يېشىدا كىرگەن بولۇپ توپتوغرا 16 يىل تىرشىپ خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە جىنشەن شىركىتىنىڭ تۇنجى پېيى IPO نى بازارغا سالغان. 

2007-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى لېيجۈن جىنشەن شىركىتىنىڭ CEO ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 

20011-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى جىنشەن يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ مۇدىرىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى بىلەن لېي جۈن باش مۇدىرلىققا تەيىنلەنگەن. 

شىياۋمى شىركىتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىلار

2010-يىلى 4-ئايدا لېي جۈن گوگېل، جۇڭگو قۇرۇلۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بېن لىن، موتورۇللا شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باش نازارەتچىسى جوۋگۇاڭپىڭ، بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانائەت لايىھىيلەش فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى لىيۇدې، جىنشەن لوغىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى ۋەنچاڭ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ جۇڭگۇدىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك نازارەتچىسى خۇاڭ جىياڭ جى، گوگىلنىڭ جۇڭگۇدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك نازارەتچىسى خوڭ فېڭ قاتارلىقلار  6 كىشى بىلەن بىرلىكتە شىياۋمى پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.

2011-يىلى 8-ئايدا تۇنجى شىياۋمى تېلفۇنىنى ئېلان قىلغان. 

2013-يىلى 8-ئايدا يىڭى نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شىياۋمى شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

شىياۋمى شىركىتى ئالى بابا، تېڭشۈن، بەيدۇ دىن قالسىلا جۇڭگودىكى تۆتىنجى چوڭ ئىنتېرنىت شىركىتى بولۇپ قالغان. 

بۈگۈنكى كۈندە بولسا جۇڭگودىكى قاتتىق دىتال شىركىتى لىيەنشاڭ گوروھىدىن قالسىلا ئىككىنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

لېي جۈن1998 - يىلى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي پروفېسسور دىگەن شەرەپكە

 ئىرىشكەن. 1999-يىلى ۋە 2000-يىلى، 2002-يىلى ئۈچ يىل جۇڭگودىكى ئون چوڭ

 IT ساھاسىدىكى شەخس دىگەن شەرەپكە ئىرىشكەن. 2000-يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان. 2001-يىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇمشاق دىتال جەمىيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلانغان.

 2002-يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك پايتەختتىكى ئون چوڭ ياش كارخانىچى بولۇپ سايلانغان. 2002-يىلى 863 پىلانىغا قاتناشقان ۋە مەلۇم تۈرگە مەسئۇل بولغان. 2003-يىلى جېڭجۇ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورى شەرىپىگە ئىرىشكەن. 2002-يىلى 863 پىلانىغا قاتنىشىپ بىر تۈرنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان. 2003-يىلى جۇڭگۇەن كەنتى پەن تېخنىكا رايۇنى بويىچە مۇنەۋۋەر كارخانىچى  بولۇپ سايلانغان. 

2003-يىلى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى 3 - نۆۋەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن مەكتەپداش بولۇپ باھالانغان.

2005-يىلى جۇڭگو ئۇيۇن ساھەسىدىكى ئون چوڭ ئۇيۇن شەخس بولۇپ باھالانغان.

2012 - يىلى 9 - ئايدا CCTV تەرىپىدىن شۇ يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىي شەخس مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2013-يىلى شەرەپ بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ بايلىق ژورنىلىنىڭ يەرشارىدىكى ئون چوڭ سودا قائىدىسى ياراتقۇچى دىگەن نامغا ئىرىشكەن.

2013-يىلى 11-ئايدا 2013-يىللىق بۈسۈش خاراكتىرلىق كارخانىچىلار شەرىپىگە ئىرىشكەن.

2013-يىلى 12-ئايدا 10 چوڭ مالىيە داھىسى بولۇپ باھالانغان.

2013-يىلى 12-ئايدا 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىقتىسادى شەخىسلىرىنى باھالاشتا يىللىق شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2014-يىلى 2-ئايدا لېي جۈننىڭ 28 مىليارد بايلىقى بىلەن خۇرۈن يەرشارىدىكى بايلار تىىزملىكىگە كىرگەن.

ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق رايونى بۇيىچە 57-ئۇرۇندا، يەرشارى بۇيىچە 339-ئۇرۇندا تۇرغان.

2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 2016-يىللىق خۇرۈن يەرشارىدىكى بايلار تىزىملىكىدە لېي جۈن نىڭ بايلىقى 92 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ چوڭ قۇرۇقلۇق بۇيىچە 5-ئۇرۇنغا ، يەرشارى بۇيىچە 62-ئۇرۇنغا تىزىلغان.2015-يىلىدىكى ئورنىدىن بىراقلا 12 ئۇرۇن ئۆسكەن.

ئۇ مەبلەغ سالغان كارخانا ئازئەمەس، ئاساسلىقى:  ئامازون تورى، جىنشەن قارمىقىدىكى كىچىك ئۇيۇن تورى، شاڭپىڭ سودا تورى، UC شىركىتى، YY دىتالى لېتاۋ ،كې نىيۇ، خادەيفۇ،  قاتارلىق 20 نەچچە كارخانا ۋە ئۇيۇن شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان.

كومپىيۇتېر

كومپىيۇتېر

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#