ئۇيغۇرچە نامى گەز ئۆتىڭى خارابىسى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
ئۆلكە تەۋەلىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
رايون تەۋەلىكى قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسى گەز كەنتى
خەنزۇچە نامى 盖孜驿站遗址
كۆلىمى 40 كۋادرات مېتىر
ئىگىزلىكى 3 مېتىردىن تۆۋەن
پىنيىنچە يېزىلىشى gài zī yì zhàn yí zhǐ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گەز ئۆتىڭى خارابىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى نىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى نىڭ گەز كەنتى ئەتراپىغا جايلاشقان. گەز ئۆتىڭى خونجىراپ پورتىغا بارىدىغان، غەربىي پاكىستان غا بارىدىغان «جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى»دا نامى داڭلىق بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر ئۆتەڭ.

گەز دەرياسى بويىدىكى ئەگرى-بۈگرى يولدا تۇرۇپ دەريانىڭ ئۇ يېقىغا قارىغاندا، قارشى تەرەپتىكى تاغ ئۈستىدە بىر تاش بىلەن قوپۇرۇلغان قورۇق تامنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مودىن ئارتۇق كېلىدۇ. قورۇق تامنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 40 كۋادرات مېتىر كىلىدىغان تاش ئۆي بار، قوپال بولغان ئىپتىدائىي گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىردىن ئاشمايدۇ، ئۆگزىسى قارا قوڭۇر تاشلار بىلەن يېپىلغان، ئىلگىرى ئىسكىنە بىلەن تاشنى كەسكەن ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «جۇڭگۇدىكى مەشھۇر جايلار لۇغىتى»دە گەز ئۆتىڭى توغۇرلۇق مۇنداق بىر ئابزاس خاتىرە بار: «گەز دەرياسى ئۈستىدىكى گەز چوڭ ئەترىتىدە ئۈچ ئېغىزلىق تاش ئۆي بار، ئاللىبۇرۇن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. خارابىدىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا ئون نەچچە ئادەم ئولتۇراقلاشقان. قەدىمكى يىپەك يولى نىڭ غەربىي پامىر قەدىمىي يولىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان»، بۇ دەل گەز ئۆتىڭى، ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى گەز ئۆتىڭى خارابىلىكى.

گەز قەدىمىي ئۆتىڭىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، نەچچە مىڭ يىل ئىچىدە ئادەملەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، سودىگەرلەرنى بېرىش-كېلىشتە ياتاق ۋە تاماق بىلەن تەمىنلىگەن. تاكى چىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە قەدەر، گەز كەنتىدىكى مەھەممەت ھاجى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئادەم مۇشۇ جايدا ساراي ئاشخانىسى ئاچقان، مېھمان، بېرىپ-كەلگەن سودىگەرلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. بۈگۈنگىچە، گەز كەنتىدىكى ئاق ساقال بوۋاي مەمەت ھاجىنى سۆزلەپ، ھاياجانلانغان. گەز قەدىمىي ئۆتىڭىدە تۇرۇپ ئۆز كۆزى بىلەن تاش ئۆينىڭ ئىچىدىكى قاپقارا ئىستا قاپقارا پارقىراپ تۇرغان تۆت تام ۋە ئاياغ ئاستىدىكى بىر دۆۋە خۇددى ئىسسىقلىق ساقلىنىپ قالغاندەك كۈلنى كۆرگەندە، بۇ مەنزىرىلەر كىشىلەرنى چوڭقۇر تارىخىي خىياللارغا غەرىق قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#