توغرا كىرگىتلىق جىنسىي يول غەيرىيلىكى

جىنسىي يولنى توغرا كەسمە ھالەتتە ئىككىگە بولۇپ تۇرىدىغان (پۈتەي قىزلىق پەردىگە ئوخشاش) پەردە جىنسىي يول توغرا كىرگىتى دېيىلىدۇ. جىنسىي يول توغرا كىرگىتى ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە «رەتەف مەھبەل» دەپ ئاتىلىدۇ. جىنسىي يول توغرا كىرگىتى (دەنەف مەھبەل) تولۇق ۋە تولۇق بولمىغان توغرا كىرگىتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى توغرا كىرگىتلىق جىنسىي يول غەيرىيلىكى
كېسەللىك سەۋەبى پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇۋەللىدە) نىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كېسەللىك ئورنى جىنسى يول
ئاساسلىق ئالامىتى توغرا كىرگىتنىڭ تولۇق ياكى تولۇق بولماسلىقىغا ئاساسەن كلىنكىلىق ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇۋەللىدە) نىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ، جىنسىي يولنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت ئاجىزلىشىپ موللېر نەيچىسىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى بىلەن سۈيدۈك چىقىرىش، نەسىللىنىش كاۋاكچىسى ئۇچلىرىنىڭ ئۇلانغان ئورنىنىڭ تۇتاشماسلىقى ياكى تولۇق تۇتاشماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

2. شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇسەۋۋىرە) ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ، جىنسىي يولنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، موللېر نەيچىسىنىڭ تۆۋەنكى ئۇچى بىلەن سۈيدۈك چىقىرىش، نەسىللىنىش كاۋاكچىسى ئۇچلىرىنىڭ ئۇلانغان ئورنىنىڭ تۇتاشماسلىقى ياكى تولۇق تۇتاشماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

توغرا كىرگىتنىڭ تولۇق ياكى تولۇق بولماسلىقىغا ئاساسەن كلىنكىلىق ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تولۇق خاراكتېرلىك توغرا كىرگىت بولسا دەسلەپتە ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا ھەيز قېنى چىقىپ كېتەلمەي جىنسىي يول، بالىياتقۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچىلىرىگە يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. سۈيدۈك قىستاش ھەم ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەيز قېنى داس بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ تۆۋەنكى قورساق ساھەسىنىڭ قاتتىق ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە جىنسىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. كىرگىتنىڭ ئورنى ئېگىزدە بولسا تەدرىجىي يۇقىرىغا ئىتتىرىلگەنلىكتىن قايتا تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن. تولۇق بولمىغان توغرا كىرگىتتا كۆپ ھاللاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بەزى ھاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتكە ۋە ھامىلىدار بولۇشقا تەسىرى بولىدۇ. بەزىدە ھامىلىدار بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن تۇغۇت ۋاقتىدا ئالدىن كەلگەن قىسىمنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

1. كېسەل تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. قورساق ئاغرىش (قىسقىرىش خاراكتېرلىك، تۇتقاقلىق قورساق ئاغرىش) ۋە تەدرىجىي ئېغىرلىشىش، ھەيز كەلمەسلىك، جىنسىي ئالاقىدا قىيىنچىلىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

 2. ئاياللار بۆلۈمىلىك تەكشۈرۈشتە تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا مونەك بولىدۇ (ياكى مونەك ئۈستىدە يەنە بىر كىچىك مونەكنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ) . 

3. سوڭ (مەقئەت) ئارقىلىق تەكشۈرۈش-جىنسىي يولنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىققان يېرىدىن يوغىنىغان بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى قولغا ئۇرۇلىدۇ.

قىزلىق پەردە پۈتەيلىكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. قىزلىق پەردە پۈتەيلىكىدە ھەيز كەلمەيدۇ. ئاياللار بۆلۈمىلىك تەكشۈرگەندە قىزلىق پەردە تۆشۈكچىلىرى بولمايدۇ، قىزلىق پەردە سىرتقا پۇلتىيىپ چىققان، رەڭگى قوڭۇر كۆك بولىدۇ، بىماردا تۆۋەنكى قورساق قىسمى ئاغرىيدۇ، بۇ ئاغرىش ھەيز دەۋرىگە ماسلاشقان بولىدۇ. تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە مونەك قولغا بىلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇننى كەسكەندىن كېيىن كونىرىغان ھەيز قېنى چىقىدۇ.

تولۇق خاراكتېرلىك توغرا كىرگىتتا چىقالماي يىغىلىپ قالغان ھەيز قېنى داس بوشلۇقىغا كىرىپ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى ھەم داس بوشلۇقىغا قان يىغىلىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تولۇق بولمىغان توغرا كىرگىت قىيىن تۇغۇتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

1. توغرا كىرگىت قاتتىق قورساق ئاغرىشنى پەيدا قىلسا (تولۇق خاراكتېرلىق توغرا كىرگىت) جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ، توغرا كىرگىت كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ.

 2. تولۇق بولمىغان توغرا كىرگىتنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسا، داۋالاشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتكە ۋە ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر يەتكۈزسە ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلىدۇ. ئەگەر تۇغۇت ۋاقتىدا ھامىلە بېشىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈشىگە توسالغۇ بولسا ئەھۋالغا قاراپ كېسىلىدۇ ياكى قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ئىشلىنىدۇ.

ئەگەر توغرا كىرگىت ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىۋېتىلگەندە، بىمار ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، سىڭىشلىك، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى، ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن، كۈچەپ ۋارقىراشتىن ھەمدە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&herip=%D8%AC

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1280

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1280

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#