جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلاردىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى

نىزام

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلاردىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 117-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1993-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلاردىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国企业劳动争议处理条例
قوللىنىلغان ۋاقتى 1993-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلاردىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» كارخانىلاردىكى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش، ياخشى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام كارخانىلاردىكى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانا ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش، ياخشى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا بۇ نىزام جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى كارخانىلار بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تۆۋەندىكى تالاش-تارتىشلارغا قوللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ: 

(1) كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشى، رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى، خىزمەتتىن چېكىندۈرۈشى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى، خىزمەتتىن ئۆزلىكىدىن ئايرىلىشى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار؛ 

(2) دۆلەتنىڭ ئىش ھەققى، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق، تەربىيلەش، ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار؛ 

(3) ئەمگەك توختامىنى ئىجا قىلىش تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار؛ 

(4) قانۇن، قائىدە، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەزكۇر نىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان باشقا تالاش-تارتىشلار. 

3-ماددا كارخانا باشقۇرغۇچى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلاردۇر. 

4-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك: 

(1) مۇرەسسە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش؛ 

(2) پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش؛ 

(3) دەۋالاشقۇچىلارغا قانۇننى باراۋەر تەتبىقلاش. 

5-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە تالاش-تارتىش سادىر قىلغان ئىشچى-خىزمەتچى تەرەپ ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق بولسا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورتاق سەۋەبى بولسا، ۋەكىل ساپلاپ، مۇرەسسە قىلىش ياكى كېسىم قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. 

6-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىلار كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك؛ كېڭىشىشنى خالىمىغانلار ياكى كېڭىشىپ پۈتۈشەلمىگەنلەر ئۆز كارخانىسىدىكى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇرەسسە قىلىپ قويۇشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسەگە قايىل بولمىغانلار ئۆز كارخانىسىدىكى كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ كېسىم قىلىشىغا بىۋاستە ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. كېسىمگە قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا دەۋالاشقۇچىلار زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك.

2-باب كارخانىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى

7-ماددا كارخانىرلا مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى دېيىلىدۇ) قۇرسا بولىدۇ، مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى ئۆز كارخانىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلانى مۇرەسسە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ: 

(1) ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى؛ 

(2) كارخانا ۋەكىلى (كارخانا مەمۇرىيىتى ۋەكىلى)؛

(3) كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى. 

ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى (ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، تۆەندىمۇ شۇنداق) سايلايدۇ؛ كارخانا ۋەكىلىنى زاۋۇت باشلىقى (جىڭلى) بەلگىلەيدۇ؛ كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلىنى كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كومىتېتيى بەلگىلەيدۇ. 

مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ كونكرېت سانىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە زاۋۇت باشلىقى (جىڭلى) بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بەلگىلەيدۇ. كارخانا ۋەكىللىرىنىڭ سانى مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىدىكى ئەزالارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

8-ماددا مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى كارخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كومىتېتيىدا تەسىس قىلىنىدۇ. 

9-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلمىغان كارخانىلاردا مۇرەسسە قىلىش كومىتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بىلەن كارخانا ۋەكىلى مەسلىھەتلىشىپ بەلگىلەيدۇ. 

10-ماددا مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر شۇ ۋاقىتقىچە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمىسا، مۇرەسسە قىلغىلى بولمىغان تالاش-تارتىش دەپ قارىلىدۇ. 

11-ماددا مۇرەسسە قىلىش كومىتېتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلغاندا، دەۋالاشقۇچ ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، مۇرەسسە ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، مۇرەسسەكېلىشىمنامىسى تۈزۈلۈشى، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۇنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ مۇرەسسە قىلغىلى بولمىسا، دەۋالاشقۇچىلار بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

3-باب كېسىم قىلىش

12-ماددا ناھىيە(شەھەر)، شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردا ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى كېسىم قىلىش كومىتېتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كېسىم قىلىش كومىتېتى دەپ ئاتالدى) تەسىس قىلىشى كېرەك. 

13-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى تۆۋەندىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ: 

(1) ئەمگەك مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ ۋەكىلى؛ 

(2) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى؛ 

(3) ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئىقتىسادنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋەكىلى. 

كېسىم قلىش كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانى تاق بۇلۇشى شەرت، مۇدىرلىقىنى ئەمگەك مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ مەسئۇلى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

ئەمگەك مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئاپپاراتى، كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى بولىدۇ. ئۇ كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ. 

كېلسىم قىلىش كومكىتېتى ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ. 

14-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، كېسىم قىلغۇچى، كېسىم قىلىش سوت سوت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

15-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى ئەمگەك مەمۇرىيىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ياكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خادىملار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خزمەتچىلىرى، مۇتەخسىس-ئالىملار ۋە ئادۋۇكاتلارنى مەخسۇس ياكى قوشۇمچە كېسىم قىلغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ. 

قوشۇمچە كېسىم قىلغۇچى بىلەن مەخسۇس كېسىم قىلغۇچى ھۆكۈمىتىنىڭ كېسىم قىلىش ۋەزىپسىنى ئىجرا قىلغاندا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

قوشۇمچە كېسىم قىلغۇچى كېسىم قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن قوللىشى كېرەك. 

16-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كېسىم قىلىش سوتى تەشكىل قىلىشى، كېسىم قىلىش سوتى ئۈچ نەپەر كېسىم قىلغۇچىدىن تەركىب تېپىشى كېرەك. 

ئەمگەك ئۈستىدە يەز بەرگەن ئاددىي تالاش-تارتىش دېلوسىنى كېسىم قىلىش كومىتېتى بىر نەپەر كېسىم قىلغۇچىنى بەلگىلەپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. 

كېسىم قىلىش سوتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن چوڭ ياكى قىيىن تالاش-تارتىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا يوللىسا بولىدۇ؛ كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ قارارىنى كېسىم قىلىش سوتى ئىجرا قىلىشى شەرت. 

17-ماددا ناھىيە (شەھەر)، شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى كېسىم قىلىش كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندا يۈز بەرگەن ئەمگەك ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلاغا مەسئۇل بولىدۇ. 

قارىمىقىدا رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەردىكى كېسىم قىلىش كومىتېتلىرى ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلاردىكى كېسىم قىلىش كومىتېتلىرى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان، ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش دېلولىرىنىڭ دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ. 

18-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە تالاش-تارتىش سادىر قىلغان كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر كېسىم قىلىش كومىتېتىغا تەۋە رايوندا بولمىسا، ئەمگەك ئۈستىدە يەز بەرگەن تالاش-تارتىشلار دەۋالاشقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى مۇناسىۋىتى تەۋە بولغان جايدىكى كېسىم قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

19-ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم قىلىش پائالىيەتلىرىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىشنى بىردىن ئىككىگىچە ئادۋۇكات ياكى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. كېسىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى باشقا كىشىگە ھاۋالە قىلغاندا، كېسىم قىلىش كومىتېتىغا ھاۋالە قىلغان ئادەم ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان ھاۋالە قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ھاۋالە قىلىش خېتىدە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە ھوقۇق دائىرىسىنى ئېنىق يېزىشى لازىم. 

20-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان ۋە ھەق تەلەپ ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى كېسىم قىلىش پائالىيىتىگە ۋاكالىتەن قاتناشسا بولىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولمىغانلارغا كېسىم قىلىش كومىتېتى كېسىم قىلىش پائالىيىتىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدىغان ۋەكىل بەلگىلەپ بېرىدۇ.

21-ماددا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزلۈكىدىن يارىشىپ قالسىمۇ بولىدۇ. 

22-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان 3-كىشى كېسىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى كېسىم قىلىش كومىتېتى ئۇنىڭغا كېسىم قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ. 

23-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشى كېرەك بولغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە كېسىم قىلىش كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ يازما شەكىلدە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. 

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ ياكى باشقا ھەققانىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنى كېسىم قىلىش كومىتېتى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

24-ماددا دەۋالاشقۇچىلار كېسىم قىلىش كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، شىكايەتنامە سۇنۇشى ھەمدە شىكايەت قىلىنغۇچىلارنىڭ سانى بويىچە ئۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېەك. شىكايەتنامىدە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشىش لازىم. 

(1) دەۋالاشقۇچى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، كەسپىي، ئادرېسى ۋە خىزمەت ئورنى؛ كارخانىنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپسى؛

(2) كېسىم قىلىش تەلىپى ۋە ئاساسلانغان پاكىت، سەۋەبلەر؛ 

(3) دەلىل-ئىسپاتلا، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئادرېسى. 

25-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى شىكايەتنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، يەتتە كۈن ئىچىدە ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكى قبوۇل قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىش كېرەك. كېسىم قىلىش كومىتېتى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلسا، قارار قىلىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە شىكايەتنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى شىكايەت قىلنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە كېسىم قىلىش سوتى تەشكىل قىلىشى كېرەك؛ قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلسا، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈندۈرۈشى لازىم. 

شىكايەت قىلىنغۇچى شىكايەتنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جاۋابنامە ۋە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇش كېرەك. شىكايەت قىلىنغۇچى جاۋابكارلىقىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا ياكى تاپشۇرمىسا، دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشغا تەسىر يەيمەيدۇ. 

كېسىم قىلىش كومىتېتى دەۋالاشقۇچىلاردىن دەلىل-ئىسپالارنى يەتكۈزۈپ بېرىش ياكى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

26-ماددا كېسىم قىلىش سوتى ئېچىلىشتىن تۆت كۈن بۇرۇن سوت ئېچىش ۋاقتى، ئورنى توغرىسىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنى دەۋالاشقۇچىلارغرا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. دەۋالاشقۇچىلار يازما ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يولسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا  كەلمىسە ياكى كېسىم قىلىش سوتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ سوت ئېچىلىۋاتقان ۋاقىتتا سوتتىن چىقىپ كەتسە، شىكايەت قىلغۇچى شىكايىتىنى قايتۇرۇۋالغانلا ھېسابىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شىكايەت قىلىنغۇچىغا قارىتا سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. 

27-ماددا كېسىم قىلىش سوتى ئەمگەك ئۈستىدە يەز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلىشى، پاكىلارنى ئېنىقلاش ئاساسىدا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارىي ھالدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. كېلىشىم مەزمۇنى قانۇن، قائىدە-نىزاملارغا خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك. 

28-ماددا مۇرەسسە ئارقىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلارغا كېسىم قىلىش سوتى كېلسىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇرەسسەنامە ئىشلەپ بېرىشى لازىم. مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا ياكى مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى دەۋالاشقۇچىلار يېنىۋالسا، كېسىم سوتى ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقرىشى كېرەك. 

29-ماددا كېسىم قىلىش سوتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش دېلولىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پىكرىلەرنى ئەينەن خاتىرىلەش لازىم. 

كېسىم قىلىش سوتى ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ھۆكۈمنامە يېزىلىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. 

30-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ مۇددەت توشقۇچە ئەرز قىلمىسا، ھۆكۈمنامە قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

31-ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان مۇرەسسەنامە ۋە ھۆكۈمنامىنى بەلگىلەنگەن چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئىجرا قىلىشى كېرەك. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ مۇددەت ئېلشىپ كەتكۈچە ئىجرا قىلمىسا، دەۋالاشقۇچى يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن زورلۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

32-ماددا كېسىم قىلىش سوتىنىڭ ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كېسىم قىلىش سوتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 60كۈن ئىچىدە تاماقلىنىشى كېرەك. دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ، مۇددەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق مۇددەتنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇزارتىلغان مۇددەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېەك. 

33-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ، ماتېرىيال ۋە باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخىزلەرنىڭ بۇنى رەت قىلىشىغا بولمايدۇ. 

كېسىم قىلىش كومىتېتلىرى ئۆزئارا تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. 

كېسىم قىلىش كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق چېتىلغان مەخپىيەتلىكنى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىنى ساقلىشى كېرەك. 

34-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە يۈەز بەرگەن تالاش-تارتىشلاردىكى دەۋالاشقۇچىلار كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە كېسىم قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېەك. 

كېسىم قىلىش ھەققى دېلونى قوبۇل قىلىش ھەققى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مال باھاسى مەمەۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ. 

35-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار ياكى كېسىم قىلىغۇچىلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرى بولسا، ئۇلار ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇشى كېرەك، دەۋالاشقۇچىلار ئۇلارنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ 

(1) ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلاردىكى دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۇغقىنى بولغانلار؛ 

(2) ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغانلار؛ 

(3) ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلادىكى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل كېسىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالىي بولغانلار. 

36-ماددا  كېسىم قىلىش كومىتېتى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تۇرۇش توغرىسىكدى ئىلتىماس ھەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە بۇنى دەۋالاشقۇچىلارغا ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

4-باب جازا پرىنسىپى

37-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئەمگەك ئۈستىدە يەز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردىن بىرىنى سادىر قىلسا، كېسىم قىلىش كومىتېتى ئۇلارغا تەنقىد-تەربىيە بەرسە، تۈزىتىشىنى بۇيرۇسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش باشقۇرۇش نىزامى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

(1) مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم قىلىش پائالىيىتىگە كاشىلا قىلغان، كېسىم قىلغۇچى خادىملارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلا؛ 

(2) يالغان ئەھۋال مەلۇم قىلغانلار؛ 

(3) مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى رەق قىلغانلار؛ 

(4) كېسىم قىلغۇچى خادىملار، كېسىم قىلىشقا قاتناشقۇچىلار، گۇۋاھچىلار، ئىجرا قىلىشقا ھەمدكارلاشقۇچىلارغا ئۆچ ئېلىپ زەربەر بەرگەنلەر. 

38-ماددا ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كېسىم قىلىش خادىمى كېسىم قىلىش پائالىيەتلىرىدە خۇسۇسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلسا، پارا ئالسا، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، مەخپىيەتلىكىنى ۋە شەخىسلەرنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا، ئۇنىڭغا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، ئۇ كېسىم قىلغۇچى بولسا، كېسىم قىلىش كومىتېتى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى بىكار قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

39-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئۆز ئورنىدىكى ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا، يەككە سودا-سانائەتچىلەر بىلەن ياردەمچى ئىشچىلار، شاگىرتلار ئورتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن ئەمگەك ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلا مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

40-ماددا كېسىم قىلىش كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قائىدىسىنى، دېلو بېجىرىش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ. 

41-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر نىزامغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 

42-ماددا مەزكۇر نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ. 

43-ماددا بۇ نىزام 1993-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1987-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىكى ئەمگەك ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلانى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە» بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#