ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان،  كۆلىمى 83600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، پايتەختى ئەبۇزەبى.

ئۇيغۇرچە نامى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى
قىسقارتىلغان نامى
UAE
ۋاقىت رايونى UTC+4
دۆلەت شېئىرى
ياشىغىن ۋەتىنىم
سىياسى تۈزۈلمىسى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى سىياسىي تۈزۈلمە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿拉伯联合酋长国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى ئەبۇزەبى
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى
نوپۇسى 9.3 مىلىيون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇ زەبى(Abu Dhabi)، دۇبەي(Dubai)، شارجا(Sharjah)، ئۇممۇ قەيۋان(Umm al-Quwain)، فۇجايراھ(Fujairah)، ئاجمان(Ajman)، خايماھ تۇمشۇقى(Ras al-Khaimah) قاتارلىق ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىل يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلەشمىسى.

پايتەختى ئەبۇ زەبى ئاھالىسى بىر مىليۇن 100 مىڭ، ئەڭ چوڭ شەھەر دۇبەي، ئاھالىسى بىر مىلىيۇن 500 مىڭ. 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، ئەمما تۇپراق ئۈنۈمسىز بولغانلىقتىن شالاڭ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە دېڭىزدىن مەرۋايىت قېزىش بۇ يەر خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى بولۇپ قالغان. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەممە زىمىنى ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 8-ئەسىرگە كەلگەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ شەرقى قىسمى خاۋارىجلار مەزھىبىنىڭ قارارگاھىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان. يەرلىك قەبىلىلەر بۇ ئادەمسىز نامرات رايوندا ئۆزىنىڭ جەمەت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. 16-ئەسىرگە كەلگەندە پورتۇگالىيە بۇ رايوندا بىر نەچچە مۇستەملىكە پونكىتلىرىنى قۇرۇپ باققان بولسىمۇ، قەبىلىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە قاقاس چۆللۈك ئۇلارنىڭ رايىنى قايتۇرۇپ ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ كەتكەن. 17-ئەسىردە ئىبادىلار مەزھىبىنى ئاساس قىلغان ئومان ياربا سۇلالىسىىغا تەۋە بولغان. 18-ئەسىردە پۈتۈن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارسلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ھاكىمىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ پارىسلار بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتكەن. 1820-يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يەرلىك خەلىپىلەر بىلەن «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تۈزۈپ بۇ يەرلەرنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ «تېلۇشېر ئوممان»(ئۇرۇش توختاتقان ئوممان دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە ئەنگلىيە ھەر قايسى خەلىپىلىكلەرنى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى سودا-ئىقتىسادنى تىزگىنلىۋالغان.

1968-يىلى ئەنگلىيە ئىسلام كېڭىشىگە بەرگەن ۋەدىسىگە بىنائەن 1971-يىلىدىن بۇرۇن سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ چېكىنىپ كەتكەنلىكتىن 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەبۇ زەبى، دۇبەي، ئاجمان، شارجا، ئۇممۇ قەيۋان، فۇجايراھ ئەمىرلىكلىرى بىرلىشىپ ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولۇپ قۇرۇلغان. 1972-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى خايماھ تۇمشۇقى ئەمىرلىكىمۇ بىرلەشمە خەلىپىككە قاتناشقان. يەتتە خەلىپىلىك بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ئارمىيە، ئامانلىق ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك %2.3، نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىشنى ئاساس قىلغان سانائەت 61.9%، ساياھەت-سودا كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت %35.8 نى ئىگەللەيدۇ.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2006-يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 164 مىليارت دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 33 مىڭ 397 دوللار. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %8.9 بولغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پۇلى دەرھەم. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھەمىنىڭ كۇرسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىممىتى ئاساسەن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ 90-يىللاردىن بۇيان 0.3673 ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھەمى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 70-يىللاردىن بېرى نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئېكىسپورتىغا تايىنىپ زور دەرىجىدە تاشقى پىرىۋوت توپلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن. مۇستەقىل بولغاندىكى قانۇنغا ئاساسەن دۆلەت باشلىقى پىرىزدېنت دەپ ئاتىلىپ ئەبۇ زەبى خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى پىرىزدېنت بولىدۇ، دۇبەي خەلىپىسى باش مىنىستىر بولىدۇ، بۇ ئىككى خەلىپىلىكنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، باشقا خەلىپىلىكلەر ھەر قايسى مىنىستىرلىقنى سايلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ئەمىرلىكلەرنىڭ مۇداپىئە، ساقچى ۋە دىپلوماتىيىسى بىردەك بولىدۇ، ئىقتىساد، ئەدلىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئەمىرلىكلەر ئۆزى بىىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەمىرلەر كېڭىشى دۆلەتتىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەت. خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىتقا تايىنىشى ئاجىزلىغان، سانائەت ۋە جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خېلىلا تەرەققى قىلغان.  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 1 مىلىيۇن 310 مىڭ، كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 5 مىلىيۇن 519 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1 مىلىيۇن 800 مىڭ 300 بولغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار بىلەن چېگرىلىنىدۇ، دېڭىزدا ئىران بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 83 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەبۇ زەبىنىڭ زىمىنى77مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر، دۇبەينىڭ زىمىنى3900 كۋادرات كىلومېتىر، شارجانىڭ زىمىنى2600 كۋادرات كىلومېتىر، خايما تۇمشۇقىنىڭ زىمىنى1700 كۋادرات كىلومېتىر، فۇجايرانىڭ زىمىنى 1150 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇممۇقايۋاننىڭ زىمىنى750 كۋادرات كىلومېتىر، ئاجماننىڭ زىمىنى 250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 444 مىڭ (2007-يىل). ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇستەقىل بولغاندا 7 ئەمىرلىكنىڭ جەمئىي نوپۇسى 200 مىڭغىمۇ يەتمەيتتى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشى نەتىجىسىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكى ئاھالىسى ئىچىدە چەتئەللىكلەر %85، يەرلىك پۇقرا سالاھىيىتى بار ئەرەبلەر %15 بولغان بىر خىل ھالەت شەكىللەنگەن. يەرلىك ئەرەبلەرنىڭ %85 ى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبىدە، ئاھالىنىڭ %4 نى ئىگەللەيدىغان فۇجايرا ئەمىرلىكىنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىسى خاۋارىجلارنىڭ ئىبادى مەزھىبىدە، دۇبەي ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان %11 ئاھالە شىئە 12 ئىمام مەزھىبىدە. چەتئەللىكلەرنىڭ ئىچىدە كۆچمەن ئەرەبلەر %23، ھىندى پاكىستانلىقلار %50 نى ئىگەللەيدۇ، سۈننى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار %55 ، ھىندىلار %25، خىرىستانلار %10، بۇددىستلار %5. ھۆكۈمەت تىلى-ئەرەب تىلى، ئىنگىلىز تىلى ئورتاق تىل ھېسابلىنىدۇ. 

ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولغان كۈن 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#