ئورېنبۇرگ
ئورىنبۇرگ بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي ئورال رايونىغا جايلاشقان ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي ئورال رايونىغا جايلاشقان ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ساكمارا دەرياسىنىڭ ئورال دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان. ئاھالىسى 520 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) . بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1735-يىلى سېلىنغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئورېنبۇرگدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز پۈتۈن سوېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ %11 نى(1981) تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدىن ئېلىنغان تەبىئىي گاز ئورال، ۋولگا قاتارلىق رايونلارنى تەمىنلەشتىن سىرت، تۇرۇبا ئارقىلىق پولشا، گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدۇ. شەھەردە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گازنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ھەم سىفەن شۆيۈەنلىرى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.