تاغ موزىسى

تاغ موزىسى

تاغ موزىسى  بولسا  ھاشارات قاپچۇقى «سىماقۇلئەبغەيىن» ياكى «ئۇششاق تاغ موزىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.تەر توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى تاغ موزىسى
ئىنگلىزچە Chinese Nut-gal
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە نامى 五倍子
چىقىش ئورنى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىم ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.
باشقا نامى سىما قۇلئەبفەين.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاغ موزىسىتاغ موزىسى بولسا  تاغدا بولىدىغان ئۇششاق موزا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخنىڭ شېخىدا پەيدا بولىدىغان ھاشارات قاپچۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھاشارات قاپچۇقى «سىماقۇلئەبغەيىن» ياكى «ئۇششاق تاغ موزىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىم ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، تەر توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئۈچەي يولىدىكى ياللۇغىنى قايتۇرۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.

ياغ، ئاقسىلدىن ئىبارەت.

تاغ موزىسى1. تاباشىردىن 10گرام، سىماقۇلئەبغەيىندىن 5 گرام، سۇماقتىن 10 گرام، ئىسپىغۇلدىن 6 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ50گرام قېتىق سۈزمىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ يېسە قاندىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. سىماقۇلئەبغەيىن بىلەن خۇنسىياۋشاندىن 5 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سەپسە جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرىدۇ. 3. سىماقۇلئەبغەيىندىن 5 گرام، تۇخۇم شاكىلىدىن 3 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سەپسە قان توختىتىدۇ.

يۆتەل، سوزۇلما ئىچى سۈرۈش، مەقئەت چىقىپ قېلىش، كۆپ تەرلەش، قاناش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى

2~8  گرامغىچە

تۈزەتكۈچىسى

بەدىيان، ھەسەل

ئورۇنباسارى

سۇماق.

سۇپۇپى سىماقۇلئەبغەيىن

[0]

سۇماق.
سەيتىش، تەر توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
属性
ئىشلىتىلىشى
ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، تەر توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
属性

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=463

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#