جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى (2005-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - يىغىنىدا ماقۇللاندى).

ئۇيغۇرچە نامى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
تارقاتقان ۋاقتى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国公证法
ئېلان قىلغان ۋاقتى 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى (2005-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - يىغىنىدا ماقۇللاندى).

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 

2 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. 

3 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بېرىشتە، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. 

4 - ماددا مەملىكەتتە جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيەتنىڭ نىزامنامىسىنى ئەزالار قۇرۇلتىيى چىقىرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قىلىدىغان تەلەپچان تەشكىلات، نىزامنامە بويىچە ئىش قىلىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسپىي ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىدۇ. 

5 - ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىگە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 

2 - باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى

6 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، پايدىنى كۆزلىمەيدىغان، قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى فۇنكىسىيىسنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان گۇۋاھلىق ئاپپاراتى. 

7 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، ناھىيە، رايونسىز شەھەر، رايون بار شەھەر، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى قۇرۇلسا بولىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەمۇرىي رايون بويىچە قاتلاممۇ قاتلام قۇرۇلمايدۇ. 

8 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك: 

(1) نامى بولۇش؛ 

(2) مۇقىم سورۇنى بولۇش؛ 

(3) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇش؛ 

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىگە تۇشلۇق مەبلىغى بولۇش. 

9 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قۇرۇشتا، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەستىقلىتىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. 

10 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى شۇ كەسىپنى قىلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقانلار ئىچىدىن سايلىنىدۇ، شۇ جايدىلى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىلىدۇ، ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. 

11 - ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئىشلاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدۇ: 

(1) توختام؛ (2) ۋارىسلىق؛ 

(3) ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەت؛ 

(4) مال - مۈلۈك بۆلۈشۈش؛ 

(5) خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى؛ 

(6) نىكاھ ئەھۋالى، تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى؛ 

(7) تۇغۇلغانلىق، ھاياتلىق ئۆلگەنلىك، سالاھىيەت، كەچۈرمىش، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان، ۋەزىپە، ئۇنۋان ئىسپاتى، شۇنىڭدەك جىنايەت خاتىرىسى بار - يوقلۇقى؛ 

(8) شىركەت نىزامنامىسى؛ 

(9) ئامان ساقلانغان دەلىل - ئىسپات؛ 

(10) ھۆججەتتىكى ئىمزا، تامغا، چېسلا، ھۆججەتنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، سۈرەتكە ئېلىنغان ئەسلى نۇسخىسىغا ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقى؛ 

(11) تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلغان باشقا ئىشلار. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلاردا، ئالاقىدار تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 

12 - ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ: 

(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تىزىملايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلار؛ 

(2) ساقلاپ بېرىش؛ 

(3) ۋەسىيەت، مىراس ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا مال - مۈلۈك، بۇيۇم ھۆججەتنى ساقلاش؛ 

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ھۆججىتىنى يېزىپ بېرىش؛ 

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىغا دائىر قانۇن مەسلىھەتى بېرىش. 

13 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا بولمايدۇ: 

(1) چىن ۋە قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خىېتى بەرسە؛ 

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتسە، ئۆزگەرتىۋەتسە؛ 

(3) باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنى كەمسىتىش ياكى ئۇلارغا ئۈستەك، شېرىنكانە بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىشنى ئېلىۋالسا؛ 

(4) كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويسا؛ 

(5) بەلگىلەنگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە خىلاپ ھالدا گۇۋاھلىق ھەققى ئالسا؛ 

(6) قانۇن - نىزاملاردا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلارنى قىلسا. 

14 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى كەسىپ، مالىيە، مۈلۈك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ كەسپىي ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، كەسپىي خاتالىق جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. 

15 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك. 

3 - باب ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى 

16 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان كەسىپكارلاردۇر. 

17 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىنىڭ سانى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى قويۇش لايىھىسى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

18 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك؛ 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولۇش؛ 

(2) يېشى 25 تىن يۇقىرى، 65 تىن تۆۋەن بولۇش؛ 

(3) ئادىل، دۇرۇس بولۇش، قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پەزىلەتلىك بولۇش؛

(4) دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇش؛ 

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلغان ياكى باشقا قانۇن كەسپىدە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئىشلىگەن بولۇش ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىر يىلدىن ئارتۇق پراكتىكا قىلىپ، لاياقەتلىك بولغان بولۇش. 

19 - ماددا قانۇن ئوقۇتۇش، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە خادىملار ياكى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سوت، تەپتىش، قانۇنچىلىق خىزمىتى ئىشلىگىلى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى قىلغىنىغا 10 يىل بولغان مەمۇرلار، ئادۋوكاتلاردىن ئەسلىي ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولسا بولىدۇ. 20 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولسا بولمايدۇ: 

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛ 

(2) قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى ۋەزىپىدىكى سەۋەنلىك جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارىلغانلار؛ 

(3) خىزمەتتىن قوغلانغانلار؛ 

(4) كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار. 

21 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بولۇشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىلىق شەرتىگە توشىدىغانلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەيىنلىشىگە سۇنىدۇ ھەمدە ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. 

22 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى قانۇن، ئىنتىزامغا بويسۇنۇشى، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ئەمگەك ھەققى ئېلىش، سۇغۇرتا ۋە پاراۋنلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا؛ ئىستېپا سوراش، ئەرز ياكى شىكايەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەب يوق تۇرۇپ ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ، رەزىپىسىدىن قالدۇرۇلمايدۇ ياكى جازاغا تارتىلمايدۇ. 

23 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى قىلسا بولمايدۇ: 

(1) ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىسە؛ 

(2) ھەق ئالىدىغان باشقا كەسىپنى قىلسا؛ 

(3) ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرسە ياكى ئۆزى ۋە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ئىشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرسە؛ 

(4) ئاستىرتتىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرسە؛ 

(5) چىن ۋە قانۇنلۇق بولمىغان ئىشلاردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرسە؛ 

(6) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى ئىگىلىۋالسا، ئىشلىتىۋالسا ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بۇيۇمىنى ئىگىلىۋالسا ياكى ئوغرىلىۋالسا؛ 

(7) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتى ياكى ئارخىپىنى بۇزۇۋەتسە، ئۆزگەرتىۋەتسە؛ 

(8) كەسپىي پائالىيەتتە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا؛ 

(9) قانۇن - نىزامدا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە مەنئى قىلىنغان باشقا ئىشلارنى قىلسا. 

24 - ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىىرنى شۇ جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئارقىلىق گوۋۇيۈەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ: 

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىنى يوقاتقانلىرى؛ 

(2) 65 ياشقا توشقانلىقتىن ياكى سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلالمايدىغانلىرى؛ 

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستېپا بەرگەنلىرى؛ 

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلىرى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/72020.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#