ئالاغىر يېزىسى
ئالاغىر يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، شەرقىي ئاقساقمارال يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى يەكەن ۋە مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي سېرىقبۇيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا قاراقىرچىن دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىك قاشتېشى ئەۋلاد سايئېرىق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 357.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر 100 مىڭ مو، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، بوستانلىق تۈزلەڭلىك بەلۋېغى بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 77 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي.
پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 357.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 72000 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 3 مو، يېزا بويىچە 20 مەمۇرىي كەنت بار، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، دائىمىي تۇرۇشلۇق 6308 ئائىلىلىك، 29210 نوپۇس بار، يېزا تەۋەسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %99 نى ئىگەللەيدۇ.
ئازنا بازىرى كەنتى، ئونيول كەنتى، تۆشۈكتال كەنتى، خانئېرىق كەنتى، كونا سېرىقبويا كەنتى، بوز يەر كەنتى، غوجا ئاۋات كەنتى، ئاقيانتاق كەنتى، ساغانئۆستەڭ كەنتى، نىبۇلاق كەنتى، قارا تارتىش ، ئەركىنجان كەنتى، ئاققوناقلىق كەنتى، توشقانچۆلى كەنتى، بوزتۇغ كەنتى، كالتا يايلاق كەنتى، ئايقكۆل كەنتى، كونا مەھەللە كەنتى، چىگىلىك كەنتى، خاتۇن قوتان كەنتى، غۇڭ قوتان كەنتى، ئالدى بازار كەنتى، كۆتەگلىك كەنتى، زىۋاتال كەنتى، كونا ئۆتەڭ كەنتى، خەنزۇ كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، يېڭىئېرىق كېڭەيتىش پونكىتلىرى، قىزىل نۇرى ئورمانچىلىق مەيدانى، ئالاغىر يېزىسى باغۋەنچىلىك مەيدانى، ئالاغىر يېزىلىق چارۋىچىلىق فېرمىسى، تۈشۈك جىغان ئورمانچىلىق مەيدانى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.