يۇرچى يېزىسى
يۇرچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلپىن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈچ كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇرچى يېزىسىيۇرچى يېزىسى كەلپىن ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈچ كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان، يېزا بويىچە يەتتە مەمۇرىي كەنت، 50 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 28 چارۋىچىلىق نۇقتىسى بار، دېھقان-چارۋىچى 2029 ئائىلە، نوپۇسى10981، ئەمگەك كۈچى 5500 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10500 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.9 مو. يۇرچى يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، چارۋىچىلىق مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىگەن دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان نامرات يېزا.
يۇرچى يېزىسىيۇرچى يېزىسىدا كۆپ شامال چىقىدۇ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ھاۋاسى نەم، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃14.4 (تاغلىق رايونلاردا ℃10 ــــ ℃9)، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 74 مىللىمىتىر، يازلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.7، قىش پەسلىدە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4.3، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃41.9، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃29.3-، ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىل 120 كۈندىن يۇقىرى.
يۇرچى يېزىسىيۇرچى يېزىسىنىڭ يېزا ئىقتىسادىي كىرىمى بىر قەدەر يەككە، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا تايىنىدۇ، ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادىي تېخنىكا تەركىبى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ بايلىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش زىددىيىتى گەۋدىلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2-، 3-كەسىپ كېيىنرەك باشلانغان، ئاساسى ئاجىز.
1.تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كۈنسېرى مۇۋاپىقلاشقان. 2005-يىلى پۈتۈن يېزىدا 8000 مو بۇغداي تېرىلغان، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 354.2 تۈمەن كىلوگرام، بىرلىك ھوسۇلى 442.5 كىلوگرام. ناھىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ، 2004-يىلدىكىدىن 40 كىلوگرام ئاشقان. پاختا 1960 مو، بىرلىك مەھسۇلات 110.2 كىلوگرام، ئاق يەرگە تېرىلغان كۆممىقوناق 810 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 776.8 كىلوگرام، ئېڭىزغا تېرىلغان قوناق 7500 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 470.52 كىلوگرام، تېرىقچىلىقتىن قىلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 545.43 يۈەن.
2.چارۋىچىلىق ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلغان. بىر يىلدا 12643 توننا يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇق يەم-خەشەك 3053 توننا، ئېچىتىلغان يەم-خەشەك 9590 توننا.
3.باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. پۈتۈن بىر يىلدىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 1706 مو؛ يېڭى تىكىلگەن ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 1505 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈك 355 مو، چىلان 1150 مو؛ يېڭى تىكىلگەن ئىھاتە ئورمان كۆلىمى 201 مىڭ مو؛ مەجبۇرىيەت كۆچىتى 31 مىڭ تۈپ؛ تولۇقلاپ تىكىش كۆلىمى 1159 مو.
4.ھويلا-ئارام ئىگىلىكى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشكەن. يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت يار-يۆلەك بولۇش ئارقىلىق نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن يېزا ھويلا-ئارام ئىگىلىكى كۆلىمى خېلى كېڭەيگەن، يېزا بويىچە بېقىلغان توخۇ 22مىڭ 100، كەپتەر 49 مىڭ؛ ھويلا-ئارام ئىگىلىكى كىرىمى ئومۇمىي يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %7.4 نى ئىگىلىگەن .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.