ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمدان ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، توڭۇپ تىترەش، قىزىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性卵巢炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن تۇخۇمدان ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنكىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، توڭۇپ تىترەش، قىزىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى خۇسيەتۇدر تۇرەھىم شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

1. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغىنىڭ تۇخۇمدانغا تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇخۇمداننىڭ نوقۇل ياللۇغلىنىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى - تۇخۇمدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تۇخۇمدانغا تەسىر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر غىدىقلاش تەسىرى بىلەن تۇخۇمداندىكى ھۈجەيرە-توقۇلمىلارنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق تۇخۇمدانغا تەسىر قىلغاندا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار تۇخۇمدان توقۇلما-ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ زەخىملەندۈرۈپ، يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. سوزۇلما تۇخۇمدان ياللۇغىنىڭ ئۆتكۈر قوزغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغىتۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىپ، ئاغرىش سىرتقى جىنسىي ئەزاغىچە تارقىلىدۇ ھەم توڭۇپ تىترەش، قىزىتما، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئۆتكۈر تۇخۇمدان ياللۇغىنى ۋاقتىدا بايقاپ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا تېزلىكتە ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ياللۇغ قورساق بوشلۇقىدىكى باشقا ئەزالارغا تارقىلىپ، تۇخۇمدان ۋە قورساق بوشلۇقىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ سوزۇلما ياللۇغى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، تۇخۇمدان خىزمىتى 

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ئىلگىرى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى قورساق ساھەسى قاتتىق ئاغرىش، ئاغرىق جىنسىي ئەزاغىچە تارقىلىش ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغلۇق ئۆزگىرىشنىڭ ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش، بەدەن تەكشۈرگەندە تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇۋەتكەندە ئاغرىق كۈچىيىش، قورساق مۇسكۇللىرىدا جىددىيلىك بولماسلىق، ئۈچەي كوكىراش تاۋۇشى نورمال بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 3. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) قان رايى تەكشۈرۈش: بۇنىڭدا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ (WBC) سانى ئۆرلەيدۇ، لىمفا ھۈجەيرىلىرى ياكى نىتروفىل دانچىلىق ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. 2) قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكىنى (ESR) تەكشۈرۈش: بۇنىڭدا قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى ئاشىدۇ.

1. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدا قورساق ئاغرىش بولىدۇ، بەزى بىمارلاردا دەسلىپىدە كىندىك ئەتراپى ياكى قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمىدا تۇتقاقلىق ئاغرىش بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ياكى ئون نەچچە سائەتتىن كېيىن ئاغرىق قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىغا مەركەزلىشىدۇ ھەمدە داۋاملىق ئاغرىيدۇ، قىزىتما بولىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىدا يەنى ئوڭ تەرەپ يانپاش ئالدى يۇقىرى قىسمى بىلەن كىندىكنى تۇتاشتۇرغان سىزىقنىڭ ئوتتۇرا سىرتقى 1/3 قىسمى تۇتاشقان ئورۇندا تۇراقلىق ھەم روشەن بولغان بىر ئاغرىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇ نۇقتىنى بېسىپ قويۇۋەتكەندە ياكى پۇتنى يىغىش تۈزلەش ھەرىكىتى قىلدۇرغاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ.

 2. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتىكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلىشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتا ھامىلىدار بولغانلىقىغا ئالاقىدار تارىخى بولىدۇ ھەمدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلغاندا جىنسىي يولدىن ساپ قان كېلىدۇ ياكى بالىياتقۇغا ساپ قان يىغىلىدۇ، ئاغرىق ئۆتكۈر بولىدۇ.

3. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقىنىڭ يېرىلىشى ۋە تولغىشىپ قېلىشىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى تولغىشىپ قالغاندا قورساق تۆۋەنكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ئۇشتۇمتۇت قاتتىق ئاغرىش بىلەن بىرگە كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنىڭ يان تەرىپىدە تىرەڭلىك كۈچى يۇقىرىراق بولغان مونەك بولىدۇ. ئۆسمە سېپى بار جاينى باسقاندا روشەن ئاغرىيدۇ ۋە مۇسكۇل چەكلىك تارتىشىدۇ. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى سىرتقى زەخىملىنىشتىن يېرىلىش ۋە ئۆزلۈكىدىن يېرىلىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. يېرىلىش يۈز بەرگەندە قورساق ئۇشتۇمتۇت ئاغرىيدۇ، قىزىتما يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش بىللە كېلىدۇ، قورساقنى تەكشۈرگەندە مونەك كىچىكلەيدۇ ھەم قورساققا سۇ يىغىلىش بولىدۇ.

1. خىلىتلارنىڭ غەيرىيي تەبىئىي ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئەسلىدىكى كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 3. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ھارارەت پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ۋە قوشۇمچە ئالامەتلىرىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا چۆپچىن، ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچ، تاۋۇز ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، سەرسىبىل قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈنگىچە ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ نۇسخىسىغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازىلاش، قاننى تەڭشەش مەقسىتىدە چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىتىردىن؛ كاكىنەچ شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى كاكىنەچ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 100 مىللىلىتىردىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۇنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ قۇرسى كاكىنەچ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 5 ~ 3 دانىدىن؛ قۇرسى بانادۇق كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7 ~ 5 دانىدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل كاسىنە يوپۇرمىقى، ئىتئۈزۈمى چۆپى، ھۆل يۇمغاقسۈت قاتارلىقلارنى ئېزىپ، زىمات تەييارلاپ، بەل، دوۋسۇن قىسمىغا كۈندە 3 ~ 2 قېتىم چېپىلىدۇ. ئاق سەندەل، كاسىنە ئۇرۇقى، گۈلبىنەپشە، ئاق لەيلىگۈلى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، گۈل يېغى بىلەن زىمات تەييارلاپ، بەل، دوۋسۇن قىسمىغا چېپىلىدۇ.

ئېغىر ھەرىكەتلەردىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن چەكلىنىدۇ.

تىنچ يېتىپ ئارام ئېلىنىدۇ، يېتىش ھالىتى يېرىم ئولتۇرۇش ھالىتىدە بولىدۇ. بالىياتقۇدا تۇغۇتتىن چەكلەش ئەسۋابلىرى بولسا ئېلىۋېتىلىدۇ. ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بىلەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تەييارلاپ، كۈندە جىنسىي ئەزالار يۇيۇپ بېرىلىدۇ.

زىيادە ئىسسىق، تەستە سىڭىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

قوقاق قايتۇرغۇچى سىڭىشلىك غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1303

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1303

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#