بىخ كەبىر

بىخ كەبىر

بىخ كەبىر غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .


ئۇيغۇرچە نامى بىخ كەبىر
ئەرەبچە نامى بىخ كەبىر، قىشرى ئەسلىل تەبىر
ئىنگلىزچە Root –bark of Common Caper
تونۇش بۆرە سويمىسى يىلتىز پوستى
چىقىش ئورنى شىنجاڭ، شىزاڭ،ئىران،ھىندىستان.
خەنزۇچە نامى 刺山柑根皮 ci shan gan gen pi
پارسچە نامى پوست بىخ كەبىر
ئوردۇچە نامى بىخ كبەر كى پوست
شەكلى يىلتىزى چوڭ، توم ، پوستى قېلىن ، سارغۇچ رەڭلىك كېلىدۇ
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق ئورنى

يىلتىز پوستى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تەركىبىدە كاپپارىدىن (capparidin)، پوستى تەركىبىدە ،سىتاخىدىرىن (stahydrine)  قاتارلىقلار بار.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

سۇ قايناتمىسىنى چاشقاننىڭ قورساق قىسىمىغا ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار. چاچقانغا يىگۈزسە ئاغرىق پەسەيتىش، قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرى بار.

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش

ئورۇنباسارى

ستۇفىل ئۆسۈملۈكىنىڭ گۈلى، ئۇرۇقى

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازان ۋە دوۋساققا زىيانلىق

تۈزەتكۈچىسى

 خولىنجان ، سىركە ، ھەسەل، رۇم بەدىيان

1.بىخ كەبىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئېزىپ زىماد تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا، سېرىق ئەت يېرىلىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

2. بىخ كەبىر پوستىنى قۇرۇق چاينىسا ئارتۇق ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ ،

3.بىخ كەبىر پوستىنى مۇۋاپىق مىقداردا سىركىدە قاينىتىپ ، غەر-غەر قىلسا چىش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ ۋە مېڭە توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ .

يىغىش

ئەسلى ئۆسۈملۈكى يېتىلگەندە كولاپ ئېلىپ، يىلتىز غولىدىن يىلتىز پوستىنى ئايرىپ يېغۋىلىنىدۇ.

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ سالقىن جايدا ساقلايدۇ 

كېسەللىك مىسالى

پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، مېڭە كېسەللىكلىرى سۇلۇق ئىششىق، چاشقان يارىسى بەھەق، تەمرەتكە، چىش ئاغرىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

يىلتىز پوستى

ئاشقازان ۋە دوۋساققا زىيانلىق

ستۇفىل ئۆسۈملۈكىنىڭ گۈلى، ئۇرۇقى

 خولىنجان ، سىركە ، ھەسەل، رۇم بەدىيان

 خولىنجان ، سىركە ، ھەسەل، رۇم بەدىيان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=264

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#