مېڭىسىز ھامىلە
بۇ ھامىلە يېتىلىشىنىڭ نورمالسىز بولىشى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان غەيرى شەكىلنىڭ بىرى بولۇپ، كىلىنكىدا ھامىلىنىڭ باش قىسمىدا بېشىنى يېپىپ تۇرغۇچى سۆڭەك بولماسلىق، مېڭە توقۇلمىسى سىرتقا چىقىپ قېلىش، كۆز قارچۇغى بېسىمغا ئۇچراپ سىرتقا چىقىپ قېلىش، ئومۇرتقا يېرىقى بولۇش قاتارلىق غەيرى شەكىللەر قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھامىلىنىڭ باش قىسمىدا بېشىنى يېپىپ تۇرغۇچى سۆڭەك بولمايدۇ، مېڭە توقۇلمىسى سىرتقا چىقىپ قالىدۇ. كۆز قارچۇغى بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن كۆز قارچۇغى سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ. ھامىلە ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. كۆپىنچە بۇنداق ھامىلە ئۆلۈك تۇغۇلىدۇ ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
مېڭىسىز ھامىلە1. تىپىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ھامىلىنىڭ باش سۆڭىكى بولماي، مېڭە توقۇلمىسى سىرتقا چىقىپ قېلىش، كۆز قارچۇغى بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقتىن كۆز قارچۇغى سىرتىغا چىقىپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئاساس قىلىنىدۇ. جىنسىي يول ئارقىلىق تەكشۈرگەندە باش ئالدىن كەلگەن بولسا ئىگىز-پەس بولغان باش تۈۋى قولغا بىلىنىدۇ. ئەگەر مېڭىسىز ھامىلىگە قوشۇلۇپ باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش قوشۇلۇپ كەلسە قورساق ھامىلىدارلىق ئاي ساندىكىدىن چوڭ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا باش سۈيىنى تەكشۈرگەندە α-فېتورپتوتېئىن كۆپىيىدۇ.
دىئاگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دەرھال ھامىلە قېپىنى يىرىپ تۇغۇت ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ۋە ھامىلدارلىق بالدۇر ئاياقلاشتۇرىلىدۇ. مېڭىسىز ھامىلىنى تۇغۇش ئادەتتە قىيىن بولمايدۇ. ئەگەر ھامىلىنىڭ مۈرىسى زىيادە كەڭ بولۇپ تۇغۇلۇش قىيىنغا چۈشكەن چاغدا، ئوقۇەك سۆڭەكنى كېسىۋېتىش ئوپىراتىيىسىنى ئېلىپ بېرىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.