جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى

قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى بولسا كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىنچلىق-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىل كرېست جەمئىيىتى نىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国红十字会法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 14-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 14-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش، تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قىزىل كرېست تەشكىلاتى، ئىنسانپەرۋەرلىك  خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي قۇتقۇۇش-ياردەم بېرىش تەشكىلاتى.   

3-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى مىللىتى، ئېرقى، جىنسى، كەسپىي، دىنىي ئېتىقادى، تەربىيە ئېلىش دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلسا ھەمدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرسا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

4-ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاساس قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىدۇ، خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى ئورناتقان تۈپ پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو قاتناشقان جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىلىرى ۋە جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا قانات يايدۇرىدۇ.

5-ماددا خەلق ھۆكۈمىتى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مالىيە ياردىمى بېرىدۇ، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ؛ قىزىل كرېست جەمئىيىتى خەلق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

6-ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى مۇستەقىل، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئيەتلىرى ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. 

7-ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى تېگى ئاق قىزىل كرېست بەلگىسى قوللىنىدۇ.

2–باب تەشكىلات

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلاردا مەمۇرىي رايونلار بويىچە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قۇرۇلىدۇ، ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەخسۇس خىزمەتچىلەر سەپلىنىدۇ.

مەملىكەت خاراكتېرلىك ساھەلەردە ئېھتىياجغا قاراپ ساھەلەر قىزىل كرېست جەمئىيىتى قۇرۇلسا بولىدۇ.

مەملىكەت بويىچە جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇدىرىيىتى ئەزالار قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ، مۇدىرىيەت باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەزالىرى قۇرۇلتىيى ئارىلىقىدا، مۇدىرىيەت ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.

مۇدىرىيەت ئەزالار قۇرۇلتىيى ئالدىدا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتى تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

10-ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتىدە پەخىرى باشلىق ۋە مۇئاۋىن پەخىرى باشلىقلار تەسىس قىلىنىدۇ. پەخىرى باشلىق ۋە مۇئاۋىن پەخىرى باشلىقلارنى جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيىتى تەكلىپ قىلىدۇ.

11-ماددا جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى قانۇنىي ئىگە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى، ساھەلەر قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگە تەشكىلاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

3–باب مەسئۇلىيەت

12-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەردە يارىدارلار  ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ؛

(2) سەھىيە، قۇتقۇزۇش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ  ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، دەسلەپكى قەدەمدىكى سەھىيە، قۇتقۇزۇش جەھەتتە تەربىيىلەش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ، ئاممىنى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەيدۇ؛ قان بېرىش، قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىگە  قاتنىشىدۇ، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛

(3) ياش-ئۆسمۈرلەر قىزىل كرېست پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ 

(4) خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ؛

(5)خەلقئارا قىزىل كرېست پائالىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ۋە جەنۋە شەرتنامىسى ھەمدە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىنى  تەشۋىق قىلىدۇ؛

(6) خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى بويىچە خەلق ھۆكۈمىتى ھاۋالە قىلغان  ئىشلارنى ئورۇندايدۇ؛

(7) جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خىزمەتنى قانات يايدۇرىدۇ.

13-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۆزى قوبۇل قىلغان قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىئانە قىلىنغان پۇل، ماددىي ئەشيالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. 

14-ماددا تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، قىزىل كرېست بەلگىسى تاقىغان خادىملار ۋە ماددىي ئەشيا، قاتناش قوراللىرىنىڭ ئالدى بىلەن يۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ.

15-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولمايدۇ. 

تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەردە قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا زورلۇق، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 157-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، زورلۇق، تەھدىت  سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلار ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش-جازالاش نىزامىنىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

4–باب بەلگە

16-ماددا قىزىل كرېست بەلگىسى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش رولىغا ئىگە.

قىزىل كرېست بەلگىسىنىڭ قوغداشقا ئىشلىتىلىشى قوراللىق توقۇنۇشلاردا خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھۆرمەتكە، قوغداشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش چارىسىدا جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

قىزىل كرېست جەمئىيىتى بەلگىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىشى قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە ئالاقىدار خادىملار ياكى ماددىي ئەشيالار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

17-ماددا دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن قىزىل ھىلال ئاي بەلگىسىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بەلگىنى ئىشلىتىش چارىسى جەھەتتە قىزىل كرېست جەمئىيىتى بەلگىسىنى ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى تەتبىقلىنىدۇ.

18-ماددا ھەربىي قىسىملار قىزىل كرېست بەلگىسىنى ئىشلىتىشتە جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىلىرىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىدۇ.

19-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بەلگىسىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

قىزىل كرېست جەمئىيىتى قىزىل كرېست بەلگىسىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەنلەردىن ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشقا  ھوقۇقلۇق، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىشلىتىشنى توختىتىشنى رەت قىلغانلارغا خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

5–باب خىراجەت ۋە مال-مۈلۈك

20-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتى خىراجىتىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى:

(1) قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەزالىرى تاپشۇرغان بەدەل پۇلى؛

(2)مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تەشكىلاتلاردىن قوبۇل قىلغان ئىئانە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملار؛

(3) كۆچمە مۈلۈك ۋە كۆچمەس مۈلۈك كىرىملىرى؛

(4)خەلق ھۆكۈمىتى ئاجراتقان پۇل.

21-ماددا دۆلەت قىزىل كرېست جەمئىيىتى قۇرغان ئۇنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بولىدۇ.

22-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

23-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلغاندا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باجنى ئازايتىش، باجنى كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە ئېتىبار بېرىش مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

24-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتى خىراجەتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

قىزىل كرېست جەمئىيىتى خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۆزىنىڭ مەقسىتى بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم. 

قىزىل كرېست جەمئىيىتى چېگرا سىرتىدىن ئىئانە قىلىنغان پۇل، ماددىي بۇيۇملارنى قوبۇل قىلغاندا، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم. 

قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ خىراجەت مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ھەر يىلى قىزىل كرېست جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىگە دوكلات  قىلىنىدۇ.

25-ماددا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرى بويىچە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ. 

26-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ خىراجىتى ۋە مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە باشقا ئىشلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.

6–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

27-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى تۇرغۇزغان ئاساسىي پرىنسىپ» 1986-يىل 10-ئايدىكى جەنۋە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللانغان «خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ نىزامنامىسى»دا تۇرغۇزۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادىللىق، بىر تەرەپلىك، مۇستەقىللىق، ئىختىيارى مۇلازىمەت قىلىش، بىرلىك ۋە ئومۇملۇقتىن ئىبارەت يەتتە تۈرلۈك ئاساسىي پرىنسىپنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «جەنۋە ئەھدىنامىسى» جۇڭگو قاتناشقان، 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈزۈلگەن جەنۋە شەرتنامىسىنى، يەنى: «ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوراللىق قىسىملاردىكى يارىدارلار، كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى»، «دېڭىزدىكى قوراللىق قىسىملاردىكى يارىدارلار، كېسەللەر ۋە پاراخوت ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى»، «ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ تەمىناتى توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى» ۋە «ئۇرۇش مەزگىلىدە پۇقرالارنى قوغداش توغرىسىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسى»نى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ «قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى» جۇڭگو قاتناشقان 1977-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تۈزۈلگەن «1949-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ خەلقئارالىق قوراللىق توقۇنۇشتا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنى قوغداش توغرىسىدىكى قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى» ۋە «1949-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جەنۋە ئەھدىنامىسىنىڭ غەيرىي خەلقئارالىق قوراللىق توقۇنۇشلاردا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنى قوغداش توغرىسىدىكى قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى»نى كۆرسىتىدۇ.  

28-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/414724.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#