مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىمەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى بولسا باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت، سپروفېتا قاتارلىق خىلمۇخىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇن (مېڭە يۇلۇن پەردىسى، مېڭە ماھىيىتى، چوڭ مېڭە، كىچىك مېڭە، ئوتتۇرا مېڭە، يۇلۇن، مېڭە تور پەردىسى قاتارلىقلار) نى يۇقۇملاندۇرىدۇ. يۇقۇملىنىش ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆلۈم ياكى مەڭگۈلۈك مېيىپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئادەتتە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.
بىر خىلى ياللۇغلانغان ئورۇنغا قاراپ، مېڭە ياللۇغى، مېڭە-يۇلۇن پەردە ياللۇغى ياكى يۇلۇن ياللۇغى قاتارلىق، يەنە بىر خىلى كېسەللىك مۇسكۇللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ ۋە پارازىت قۇرت قاتارلىقلار تەرىپىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن نام بېرىلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىككى خىل ئامىلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنوز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.