جودھا-ئەكبەر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
فىلىمدە 16-ئەسىردىكى مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، قۇدرەتلىك مۇغۇل خاقانى ئەكبەرشاھ(رولدا خىرىنىك روسخان) بىلەن مەلىكە جودھا(رولدا ئاشۋارىيا رەي)نىڭ تويدىن كېيىنكى بىر قاتار مۇھەببەت ھېكايىلىرى سۆزلىنىدۇ.
سىياسىي جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پادىشاھ ئەكبەر غەلبىنىڭ چىگراسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ھىندى قۇش تاغلىرىنى تەسەررۇپىغا ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئىمپىراتورلىقىنى ئافغانىستاندىكى بېنگالغىچە كېڭەيتكەن. ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئادىل، مەرد ئىكەنلىكى سەۋەپلىك راجىپۇتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. لېكىن ئەكبەر ئۆزىنىڭ راجىپۇت مەلىكىسى جودھا بىلەن توي قىلىپ قېلىشىنى خىيالىمىغۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. راجىپۇتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ مەلىكىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ.
بۇ ئىككەيلەننىڭ دىنى ئېتىقادى ئوخشىمىغانلىق سەۋەپلىك تويدىن كېيىن بۇ بىرمەزگىلگىچە بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەكبەرنىڭ ئىنىكئانىسى ھەر ئامال بىلەن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەكبەر ئۆزىنىڭ كەڭ قورساق، ئادىللىقى بىلەن مەلىكە جودھانىڭ كۆڭلىنى ئاخىرى ئۆزىگە مايىل قىلىپ مۇرادىغا يىتىدۇ
2009-يىلىدىكى ئاسىيا كىنو مۇكاپاتىدا ئېرىشكەن نامزات :
-ئەڭ ياخشى گۈزەل سەنئەت يىتەكچىسى نىتىن چاندراكانت دىسى Nitin Chandrakant Desai
-ئەڭ ياخشى ئىجادى مۇزىكا A·R راھمان A.R. Rahman
بېلگىيە 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
مالايسىيا 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
يېڭى زىنلاندىيە 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئەنگىلىيە 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
كۇۋەيت 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئاۋىستىرالىيە 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
ھىندىستان 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئامېرىكا 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
جەنۇبىي ئافرىقا 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
گوللاندىيە 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى
ئاۋستىرىيە 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئامېرىكا 2008-يىلى7-ئاينىڭ 14-كۈنى (مائىن خەلقئارا كىنو فېستىۋالى)
فىرانسىيە 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى(لىيون كىنو فېستىۋالى)
مىسىر 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
شىۋىتسارىيە 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
فىرانسىيە 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى (تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى)
جوڭگو تەيۋەن رايونى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.