شومشا ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شومشىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،ئېگخزلىكى 50 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غوللىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، پۈتۈن تېنىدىن خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك ياكى دولقۇنسىمان ھەرە چىشلىق بولىدۇ؛ گۈلى بىر – ئىككىدىن بولۇپ قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، دەسلەپ ئېچىلغاندا رەڭگى ئاق بولىدۇ، كېيىنچە تەدرىجىقي ئاچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، تۈۋى سەل سۆسۈن رەڭدە، قاسراقلىق مېۋىسى ئىنچىكە، ئۇزۇن، بىر ئاز ئېگىلگەن، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، ئۇرۇقى جىگەر رەڭ بولىدۇ.
ئۇرۇق
ئۈنۈملۈك تەركىبى
ئۇرۇقـنىـڭ تـەكـرىبـىـدە %0.13 ~ 0.07 تـىـرىگونېـلـلـىـن (Trugonelline)، %0.05 گىنتىيانىن (Gentianine)، كارپائىن قاتارلىق ئالكالوئىدلار، ئۇرۇقى سۇس قوڭۇر رەڭگە كىرگىچە قاقلاپ قۇرۇتۇلسا، تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى مىقداردىكى شومشا ئالكالوئىدى ئاتسىدوم نىكوتىنكوم (Acidnicotinic) غا ئايلىنىدۇ، يەنە گلۇكوزىدلارمۇ بار.
ئۇرۇقى ئادەتتە %16.97 ئومۇمىي ئاقسىل، %11.98 يېرىم تالالىق ماددا، %7.61 ماي، %10 سۇ ماددىسى، %6.4 تالا، كۈل ماددىسى ئومۇمىي قەنت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مايلىق ياغ تەكرىبىدە %92.9 قاتتىق ماي كىسلاتاسى، %1.5 ئۇچۇچان خۇسۇسىيەتلىك ماي كىسلاتا، %0.9 ئىئونلاشمايدىغان تەركىب بولىدۇ. يەنە 320 مىكروگرام ۋىتامىن B1 بار.
يوپۇرمىقىدا تەخمىنەن 43 مىللىگرام ۋىتامىن C بار. پۈتۈن چۆپىدە كالتسىي، تۆمۈر، كارۇتىن قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.
ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش.
گال ۋە كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى، قۇرۇق يۆتەل، بەلغەم چىقىرالماسلىق، ئىچى سۈرۈش، تولغاق، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، ھەيز تۇتۇلۇش، باھ ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان ئاجىزلىقى، بەل ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بار.
2. ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
3. ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.
4. تېرىنى غىدىقلاپ چاچ تۈكىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 5. ئىچنى سۈرۈش، قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرى بار.
ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.