مىلېھ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىلېھ (1814-1875) «دېھقان رەسسام» دەپ ئاتالغان فىرانسىيەلىك رەسسام مىلېھ 1814- يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى نورماندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ كرۇشىن كەنتىدىكى بىر دېھقان ئاتىلىسىدە تۇغۇلغان، 1875-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باربىزوندا ۋاپات بولغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتناشقان، خوتۇن-بالىلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل پارىژ شەھەر ئەتراپىدىكى باربىزون كەنتىدە ياشاپ، ئەمگەك قىلغاچ، رەسساملىق بىلەن شۇغۇللانغان، تۇرمۇشى تىنچ ئەمما غورىگىل ئۆتكەن.
مىلېھ ئاددىي سىزىقچىلار ئارقىلىق ساپ ھەم ئىخچام ئوبرازلارنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. رەسىملىرىدىكى نازۇك رەڭ ئۆزگىرىشى، مەنزىرىنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان نۇر گەردىشى بىلەن تويۇنۇشى بىر خىل تىنچ ھەم ئىللىق كەيپىيات پەيدا قىلغان. مىلېھنىڭ «باشاق تېرىش»، «ئۇرۇق چاچقۇچى»، «كەچلىك قوڭغۇراق» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە رەسسامنىڭ يېزا تۇرمۇشىغا بولغان مۇھەببىتى، ئەمگەك ۋە ئەمگەكچىلەرنى مەدھىيەلەش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ رەسىملىرىدە دېھقانلارغا بولغان قىزغىن مەدھىيە ۋە چوڭقۇر ھېسداشلىق قايناپ تاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۈچلۈك ئېچىپ بېرىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەسەرلىرى داڭلىق بولۇپلا قالماستىن ھەم ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان. شۇنداق بولسىمۇ مىلېھ يەنىلا كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى، ئاددىي رەسىم تىلى بىلەن «تۇپراق قەھرىمانى»-دېھقانلارنى داۋاملىق مەدھىيەلىگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.