شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسى
شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسى ھاشاراتلەر سىنىپى، تۈز قاناتلىقلار تۈركۈمى، چېكەتكە ئائىلىسى. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە چېكەتكە باش ئائىلىسى جەمئىي 223 ئۇرۇقدىشى، 859 خىلى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسىنىڭ گەۋدە بېشى، كۆكرەك، قورساق قىسمىدا ئالتە پۇتى بار؛ كۆكرەك قىسمىدا ئىككى جۈپ قانىتى بار، ئالدىنقى قانىتى مۈڭگۈز ماددىسى، ئارقا قانىتىدا پەردە ماددىسى بار. تېنى سارغۇچ قوڭۇر، ئەركىكىنىڭ چېتىشىش مەزگىلىدە ئوچۇق سېرىق رەڭ نامايەن بولدۇ. چىشى چېكەتكە ئۇزۇنلۇقى 39.5 ~ 51.2 مىللىمېتىر، ئەركەك چېكەتكە ئۇزۇنلۇقى 33.0 ~ 41.5 مىللىمېتىر. شەرقىي ئاسىيا چېكەتكىسى تېنى قاۋۇل، ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك،
شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسى تەبىئىي ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا ئۆسۈپ بىر يىلدا ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ، بىرىنچى ئەۋلاد يازلىق چېكەتكە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاد كۈزلۈك چېكەتكە دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر يىلى تۆت ئەۋلاد سۈنئىي باقمىچىلىق ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسى بىر چىشى چېكەتكە بىر قېتىمدا 90 ~ 35 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 6.5 مىللىمېتىر، سۇس سېرىق، سىلىندىرسىمان، بىر ئۇچى سەل ئۇچلۇق، يەنە ئۇچى سەل يۇمىلاق، سەل ئىگىلگەن. تۇخۇم كاللىكىنىڭ قوڭۇر رەڭلىك يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك لىچىنكا قورچاق چېكەتكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەن شەكلى يېتىلگەن ھاشارەتكە ئوخشايدۇ.
شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسىچېكەتكە تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى چېكەتكىلەر كەنجى تۈركۈمى چېكەتكە باش ئائىلىسى ھاشاراتلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، جۇڭگودا 600 خىلدىن ئاشىدۇ، زىيىنى چوڭ شەرقىي ئاسىيا چېكەتكىسى ۋە ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسى بار. شەرقىي ئاسىيا كۆچمەن چېكەتكىسى جۇڭگونىڭ شىمالدا خېبىي، شەنشى، جەنۇبتا فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇاڭشى، يۈننەن، شەرقتە دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىرىگە كېڭەيگەن، غەربتە سىچۈەن، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى رايونلىرىغا تارقالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.